ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-04

    روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا -4 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئىككىنچىدىن، چوڭقۇر مۇھەببەت، كۈچلۇك تەنقىد روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىدە ئەكىس- ئەتتۈرۈلگەن يەنى تېما ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ. ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋىيتىدىكى ھەرخىل ئىللەتلەرنى تەنقىدلەش –ئەسىر ئاخرىدىكى قىزىق بىر تېما بولۇپ، روزى سايىت بۇ تېمىنى يېزىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولدى. شائىر ئۇمۇمىي ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر  ئوي-پىكىرىنى، مۇھەببەت –نەپرەت قۇرۇق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق كۆز قاراش، يارقىن ھېسيات، ساغلام ۋە تىرەن پىكىرلەر ئاساسىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. ئۇجۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقنىڭ 43يىللىق مەرىكىسىگە بېغىشلاپ يازغان «ساناقلا تىلغا كىرگەندە...»ناملىق نەسىرىدە ئېلىمىز ئازاتلىقتىن كېينكى ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلىرى ۋە ئىستقباللىق قەدەملىرىنى ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن ئادەت بۇيىچە قۇرۇقتىن قۇرۇق ئابىستىراكىت مەدىھيەلەر بىلەن بولدى قىلىشتىن چەتنەپ، ئۇنى ئۇزاق تارىخي جەريان تەسۋىرى ئىچىگە قويۇپ جانلىق ۋە ئىنچىكە سۈرەتلەش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تەرەققىيات ۋە يۇكسىلىشلىرىدىن چەكسىز سۈيۈنىشىنى ئىپادىلىدى. «دىلىم ياش-سۆيگۈ ياش»...قاتارلىق ئەسەرلىرىدە «يار»، «جانان» غا كۆچلۈك تەلپۇنۇش بىلەن يېڭى دەۋىر كىشىلىرنىڭ غايە، كۆز-قارىشىلىرىنى سۆرەتلىگەن.

    مۇھەببەت، ھېسيات سەنئەت ئىجادىيتىنىڭ ئىچكى كۇچى. ئەگەر ھىسيات بولمىسا سەنئەت ئىجادىيتىمۇ بولمىغان بۇلاتتى. ئەدىبىي ئىجادىيەتتە يەنى ئەدىبىي ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن مۇھەببەت بىز ئادەتتە كۆزدە تۇتىدىغان،نۇقۇل ھالدىكى جىنىسلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت مەنىسىدىن ھالىقىپ كەتكەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا شائىرنىڭ ئۈمىد-غايىلىرى، بەخىت،ھايات ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشلىرى سىڭىپ كىتىدۇ. شۇنداقلا مۇھەببەت يازغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى كۈزىتىشتىكى ئالاھىدە بىر خىل ۋاستىسى،شائىر مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كۈزىتىش نوقتىسىنى كىڭەيتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەت شېئىرىي ئوبرازلار مۇھەببەت ئىچىدە تاۋلىنىپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئاشكارلىنىدۇ. شېئىرلىرىدا ئەدەب-ئەخلاق، مەردانىلىك،ساداقەت، سۆيگۈ - مۇھەببەت  قاتارلىق ئىجتىمائى مەسىلىلەر تېما قىلىنغان شېئىرلىرىدىن  بۈگۈنكى دەۋىر كىشىلىرىغا خاس بولغان، بىر  شائىرغا خاس بولغان كۆچلۇك مۇھەببەت قارىشىنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇ. بۇ شېئىرلاردا جەمىتيمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ساقىلىنىۋاتقان چاكىنىلىق، ئەدەبسىزلىك، نامەردلىك،ساختىلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەر ھەجىۋىي تىل ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق ھالدا قامچىلانغان. شائىر ئۇلارنى غۇبارسىز،پاك پاك قەلىبلىك كىشلەردىن بۇلۇشقا،ئىنسان باغرىدىن پاك تۇغۇلغانىكەن، ئىنسانچە خىسلەت بىلەن پاك ياشاشقا دالالەت قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ساختىلىق، رەزىلىك،خۇنۇكلىككە ئوخشاش مەنىۋى«سەت»لىكتىن يىرگىنىدۇ. «بالىلار پولغا زار،چىرىكلەر بەتخەج»...قاتارلىق ئەسەرلىرىدە جەمىيتىمىزدىكى چىرىكلەشكەن بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى رەھىمسىز  تۈردە قامچىلىغان.

    ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيەت نوقتىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى- ئىجتىمائى ئەخلاق تېمىسى بولدى. شائىر بۇ تېما ئۇستىدە ھەرتەرەپلىمە قەلەم تەۋرەتكەنلىگى كۆىۋىلىشقا بۇلىدۇ . شېئىر ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ مەركەزلىك ھالدىكى ئىپادىلىنىشى. شېئىردا تەسۋىرلەنگەن گۈزەللىك بىلەن سەتلىك يۈكسەك دەرىجىدە ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ، مەركەزلەشتۇرۇپ يارتىلغان گۈزەلىك ۋە سەتلىكتۇر. بۇ گۈزەلىك ۋە سەتلىك كىتابخانلارغا كۈچلۈك ھاياجان قوزغاپ، قەلىبلەرنى لەززىگە سالىدۇ. يەنى كىتابخانلارغا ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. بۇ خىل زوقلىنىش ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارسىز ھالدا نېمىنىڭ ياخشى،نېمىنىڭ يامانلىقىنى، نېمىنىڭ خۈنۈكلىغىنى، نېمىگە مۇھەببەت باغلاپ،  نېمىگە نەپرەتلىنىش. نېمىدىن يىرگىنىپ، نېمىگە تەلپۈنۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇخىل بىلىم ۋە تەربىيە جانلىق سۈرەتلەنگەن شېئىرىي ئوبرازلار قوزغىغا بەدىئىي زوق ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولغاچقا ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ئويۇلۇپ قالىدۇ. جەمىئيىتىمىزدە قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت،نىكاھ ئىشلىرىدا ھەشىمەتچىلىك قىلىش،ماددىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى شەرىت قىلىش، ئابرويپەرەسلىك قىلىش،قارشى تەرەپكە سېلىق سېلىش،ئەركىن مۇھەببەتنى ماك دۇنيا بىلەن بوغۇپ قويۇشتەك ناچار ئىللەتلەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئىللەت شائىرنىڭ بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ توي مەرىكىسى ۋە تويدىن كېيىنىكى ئائىلە ئەھۋالى تەسۋىرلىنىدىغان «شېرىن ئاي پاجىئەسى» ناملىق غەزىلىدە ئۆتكۈر تىل ۋاستىسى بىلەن كونكىرىت،جانلىق سۈرەتلەپ بىرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئارزۇنىڭ ئاقىۋىتى»، «ھەسەتنامە»، «باشلىقىمغا تېلىفۇن»... قاتارلىق ساتېرىك ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائى ئەخلاققا زىت بولغان شەخسىيەتچىلىك، نەپسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، خوشامەتچىلىك،مەزھەپچىلىك... قاتارلىق يامان ئىللەتلەرگە قامچا ئۇرسا،«نەسىھەت دۇردانىلىرى»، «غوم ساقلىماڭ»، «غېلىم»،«مۇت يېمەڭ»،«بارمۇ شۇنداق بىر ئەيىپ» ... قاتارلىق غەزەل ۋە مۇخەممە سلىرىدە ساپ ئەخلاقنى قەدىرلەش، يامان ئىللەتلەرنى، بولمىغۇر قىلمىش قاتارلىق ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ھېكمەت ۋە ئىبارىلىك شىېئىرىي تىل ۋاستىلىرى بىلەن قايىل قىلارلىق ئىچىپ بەرگەن.

    تۆتىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيتىدە شەكىللەنگەن يەنەبىر مۇھىم تېما ئالاھىدىلىك بولسا ئىلىمنى ئۇلۇغلاش،ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش،ئىلىملىك بۇلىشنى تەكىتلەش. شائىر بىرقىسىم ئەسەرلىرىدە ئىلىم بىلەن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇرگانىڭ مۇناسىۋىتىنى مەنتىقىلىق ھالدا بايان قىلىپ ، ئىلىم- مەرىپەتكە سەل قارالسا، جەمىيئيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەلمىي ھەقىقەتنى يۇرۇتىشقا تىرىشقان. «دېمىدىم بۇسۆزنى قارىسىغا»،«ئۇلۇغ كەسىپ»،«ناداننىڭ راھىتى داناغا كۆلپەت »، «بىلمەسلىك باشقا، نادانلىق باشقا»...قاتارلىق بىر تۇركۇم شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالىدىن دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ ساپاسىغا داغ تەككۈزىۋاتقان نىگىزلىك ئىللەتلەرنى ئېچىپ بەردى. ئۆز مىللتىنى ماختاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئىللىتىنى پاش قىلىشقا سەل قاراش ياكى جۇرئەت قىلالماسلىقتەك بىرتەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىچە پىكىر ۋە يېڭىچە روھ بىلەن نەزەردائىرىسىنى ئېچىشنىڭ زورورلىگىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرى ئىچىدە«ئاھ،مىنىڭ مېللىتم» ۋەكىللىك خاركتىرگە ئىگە. پرۇفېسسۇرئازات سۇلتان ئېيىتقاندەك:« شائىر بۇ شېئىرىدا مىللەتنىڭ ئۇمۇمىي خاراكتىرىدە مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان،مىللەتنىڭ تەققىياتى، گۈللىنىشى،رىقابەت دەۋىرىدە ئۇتۇپ چىقىشغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇن بولۇۋاتقان ئىتتىپاقسىزلىق،يۇتۋازلىق، ھورۇنلىق، خۇراپاتلىق،نادانلىق،مەيخورلۇق، ئەيىش- ئىشرەت كە بىرىلىش... كە ئوخشاش ھەرخىل ئىللەتلەرنى-خاھىشلارنى تەنقىدلەپ، ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان رىقابەت، خىرىس، تەلەپلەرنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە‹جاھان نەدە، بىز نەدە؟› دىگەن سۇئالنى قويۇپ، خەلىقنى ئىتتىپاقلىشىشقا ، كۈنلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، تىرىشپ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن، ھەرخىل بەخىت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل كېلىچىكىنى يارتىشقا چاقىرغان»⑩.  ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغرا ئەدەبىيات كۆز-قارىشى،ساغلام ئىجادىيەت ئىدىيسى،كۆزىتىش،تەسەۋۇر قىلىش، ئىپادىلەش، ئەكەس –ئەتتۇرۇش ماھارىتىنى پۇتكۈل ئىجادىيەت ئەمىلىيتىدە تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىلىمسىزلىكنىڭ مىللەتكە، خەلىققە كەلتۇرگەن زىينىنى، خۇرپاتلىق پاتققىنىڭ مىللىتنىڭ،خەلىقنىڭ تەرەققىيات  يۈكسىلىش يولىنى تۇسۇپ قويغانلىقىنى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بىلىم ئىلىشنىڭ تەخىرسىزلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇمۇمەن، شائىر  ئىجتىمائى تۇرمۇش ھادىسلەرنى ھەر تەرەپلىمە يۇرتۇپ بىرىش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىرىن مېۋىلەرنى تەقدىم قىلدى.

    يازماق ئاسان، شائىر بولماق تەس،

    بىرسى ئەقىل بۇرۇچ بىرسى ھەۋەس.

    شائىر دېمەس،شېئىرمۇ ئەمەس،

    گەرلەززىتى قىلالمىسا مەس.

    شائىر قەلبىدىن تۇغۇلغان يۇقىرىقى مىسرالارنى روزى سايىت ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ئەمىلىيتى جەريانىدا ھاسىل قىلغان يەكۈن. دىسەك خاتا بولمايدۇ. ھەقىقەتەن يازماق ئاسان يازغاننى خەلق يارايدىغان«شائىر بولماق تەس»چۈنكى يازغانلىرى كىشىلەرگە مەنىۋىي كۈچ ئاتاقىلالمىسا، سۇ، كۈمۈر،مۇھەببەت گۇلى، جەڭ تەزىيىسىگە ئايلىنالمىسا، مىللەتنىڭ ئۇيۇشقاقلقى،ئالغا ئىلگىرلەش روھىي ۋە كۆرەش ئىرادىسىگە پۇتلىكاشاڭ بۇلىدىغان ھەرقانداق ناچار قىلمىشلارغا شېئىرىي نەيزىسى سانجىپ ئۆتەلمىسە،ئۇنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى نىمە؟ جەڭ مەيدانى باھادىرلارنى تاۋلايدۇ.خەلقىنىڭ قەلبىمۇ ھەقىقىي شائىرلارنى تاللايدۇ. ھەقىقىي شائىر خەلقىنىڭ قەلبىگە ياقىدۇ.«يارتىش» دىگەن مانا شۇ. روزى سايىت ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ سان-ساناقلىقنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس. بەلكى كىشىلەر قەلبىگە يارىغانلىقىدا يەنە كىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ، مۇئەييەن ھەسسە قوشقانلىقىدا ئىپادىلنىدۇ.

    1973-يىلدىن ئىتبارەن شائىر روزى سايىت ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىدە كۆپلىگەن بەدىئى ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردى. قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان خېلىلا زور ھەجىملىك كىلاسسىك داستاننى مەزمۇن ئەينەنلىكى ۋە بەدىئى يۈكسەكلىكىگە تۇلۇق سادىق بۇلۇش ئاساسىدا ئۆز بەھرى بۇيىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئايلاندۇرۇپ شېئىرىي يول بىلەن تەقدىم قىلدى. تېلىۋىزىيە بەدئىى سەنئەت فىلىمى ئۆستىدە قەلەم تەۋرەتتى. ئۇمۇمەن تىل ۋە بەدىئى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەمدە بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى تۇر ژانىرلىرىدا ئىشتىراق  قىلىپ كۆپ ئىزدەندى. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە شېئىر ئىجادىيتى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىدى. شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيەت يولى ئۇيغۇر شېئىرىيتنىڭ ئارزو ۋەزنى ھەم بارماق ۋەزنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماقنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن خاراكتىرلەندى. مەسىلەن: غەزەل،مۇخەممەس، مۇۋەششەھ، مۇستەھزاد،مۇسەممەن،مەسنەۋىي،مۇختەملان،تەرجئىبەند، روبائىي شەكىلى قاتارلىق شەكىللەر ئۇستىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى يىتېشتۇرۇش بىلەنلا قالماي،ئەڭ قەدىمقى شەكىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىش يولىدا تىرشچانلىق كۆرسىتىشمۇ روزى سايىت ئىجادىيتىدىكى گەۋدىلىك بىر تەرەپ قاراشقا بۇلىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيتىدە مۇھىم سالماققا ئىگەبولغان باشقا ژانىرلارغا ئوخشاش خىلى زور سالماقنى ئىگەللىدى. ئۇنىڭ روبايئىلىرى مەنتىقىلىق ھەم ئوبرازلىق تەپەككۇر،ئىخچام شىرىن تىل،باي تەسەۋۋۇر ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ياردىمىدەتەبىئەت ۋە ئىجتىمائى ھايات ھادىسلەرنى, كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى روشەن ھەم تەسىرلىك ئىپادىلەپ بىرەلىگەنلىگى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر.

    روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىغان ئەسەر «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» قاتارلىق 11پارچە شېئىر- داستانلار تۇپلىمى،9پارچەھېكايىسى.10پارچىدىن ئارتۇق ئىلمي ماقالىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى ۋە ئۆزبېك تىلىدىن نەشىرگە تەييارلىغان 6توپلام ئەسىرى ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.«دىھقان بۇلماق تەس»، «خوتەندە راۋان يۇللا»، «ئاھ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش» قاتارلىق دىكلاماتسىيە قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان 3دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.ئۇ يەنە 8پارچە بەدىئىي سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيسىنى يىزىپ چىققان. خوتەن رايۇنىغا مۇناسىۋەتلىك 8ئەدەبىي كىتاپنى تۇزىش ۋە تەھىرلەشكە قاتناشقان.200 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستىلىرگە ئاھاڭ ئىشلەنگەن. 100پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تېما ، ھەرخىل ۋانىردىكى سەنئەت نۇمۇرلىرنى يازغان. 1983-يىلى «بارات يازغان ھېكايە»ناملىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 53پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ ھەر خىل ناملاردىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001 -يىلى 9-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ تەكلىبى بىلەن«رۇزى سايىت شېئىرلىردىن»ناملىق 2پارچە شېئىرلار توپلىمى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنپ تارقىتىلغان. روزى سايىت قىقىغىنا 28 يىللىق ئىجاىيەت ھاياتىدا 25 پارچە داستان(13مىڭ مىسرا)،1000پارچىدىن ئاريۇق غەزەل(22مىڭ مىسرا)80پارچىدىن ئارتۇق مۇخممەس، مۇسەممەن،مۇسەددەس(700مىسرا)، 1200 كۇپلتتىقا يېقىن رۇبائىي،تۇيۇق، تەجنىس، پەرد (4500مىسرادىن ئارتۇق)،500پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى (4500مىسرا) يازدى. روزى سايىت ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ سان-ساناقلىقنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس.بەلكى كىشىلەر قەلبىگە يارىغانلىقىدا يەنە كىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنىڭ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ، مۇئەييەن ھەسسە قوشقانلىقىدا ئىپادىلنىدۇ.

    ــــــــــــــــــــــــــــــــ

    ئىزاھاتلار:

    ①      ②⑦روزى سايىت،« پاھ، دىھقان ھەيكىلى»، شىنجاڭ ياش-ئوسمۇرلەر نەشىريىاتى، 1999-يىلى. ( ئاپتۇر لەۋزىدىن، 1-بەت).

    ②       نۇر مۇھەممەت توختى،« دىھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن»،تارىم ،2002-يىللىق 2- سان. 143-بەت.

    ④⑤  روزى سايىت،« دىھقان كۈلكىسى»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1998-يىلى 10-ئاي، (مۇقەددىمە ئۇرنىدا، 3-بەت).

    ⑥⑩ ئازات سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرىھىملار تۈزگەن«ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدىبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك)،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،2002-يىلى 9-ئاي،1-نەشىرى.173-178-بەتلەر

    ⑧ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۇزۇلگەن:«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى». 4-توم2-كىتاب1 -نەشىرى، 400-بەت.

    ⑨ ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي(73-77بەتلەر).

     

    پايدىلانمىلار:

      روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»1-2-قىسىم، مىللەتلەر نەشىرىياتى،2009-يىل 9-ئاي.

      روزى سايىتنىڭ يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق شېئرلىرى. مۇناسىۋەتلىك ماقالە،ئەسلىمە خاتىرلىرى.

    ③ ئازات سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرىھىملار تۈزگەن«ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدىبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك)،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،2002-يىلى 9-ئاي،1-نەشىرى.

      ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۇزۇلگەن:«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى».4-توم2-كىتاب1-نەشىرى

    ⑤ نۇر مۇھەممەت توختى،« دىھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن»،تارىم ،2002-يىللىق 2- سان

    ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي.

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us