ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-04

    ئىزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش ــــــ پاسئان - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئىزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش ــــــ پاسئان

    تالانتلىق قەلەم ئىگىسى  ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان 1981 - يىلى 5-  ئاينىڭ 16 - كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇجى يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1998 - يىلى 9 - ئايدا خوتەن پىداگوگېكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2002 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىدا تۇنجى شېئىرى ئىلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،  «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يېڭى قاشتېشى»، «تۇرپان»، «قىزىلسۇ»، «كروران»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتوق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان.
    ئۇ سېنارىيىسىنى يېزىپ چىققان ۋە ئىشلەشكە بىۋاسىتە قاتناشقان «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان كارتون ئېلىپبەسى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق VCD دەرسلىك، 2005 - يىلى «لياۋنىڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۈن - سىن نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2006 - يىلى يۇقىرىقى نەشرىياتتىن «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاۋازلىق ئېلىپبەسى» ناملىق CD پىلاستىنكىسى سەپلەنگەن رەڭلىك ئېلىپبە كىتابى نەشر قىلىنغان.
    ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    بىز ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئۈزلۈكسىزلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە توختاۋسىز قاسراق تاشلاش روھىغا ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ يېقىندا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق

      ____ مەسئۇل مۇھەررىردىن

    ئەگەر تەرجىمىھال يېزىشنىڭ كونكېرت پرىنسىپى بولسا، ئۇنى ھېلىغىچە ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بولاتتىم. ھەتتا بار دەپ ھېس قىلىپ ئانچە-مۇنچە ئۆزلەشتۈرۈپمۇ باقتىم. بىراق، ئۇنىڭ بىر خىل قېلىپ ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر ئۆزگىچىلىك ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئاكتىپلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى سەزگەندە، قولۇم يېزىققا بارمايدىغان بولۇۋالدى. شۇنداقتىمۇ، تەرجىمىھالنى ئۆزۈم ئۈچۈنلا يازمايدىغانلىقىمنى ئەستىن چىقارمىدىم.
    ئۆزۈمگە بولغان قىزىقىش ھەددىدىن ئاشقانسىرى ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق، تەڭرى بىلەن شەيتان مېنىڭ يۇقارقى قىزىقىشىمنى تالىشىشقا باشلىدى. ئاقىۋەتتە ئۇلار بارلىق ھەۋىسىمنى تىتما-تالاڭ قىلىپ، مېنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز مىسكىنلىككە، تېڭىرقاشقا دۇچار قىلدى. بۇنىڭ بەدىلىگە شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى «ھېچنېمىزىم»دەك، پىشمىغان سېمۋوللار ئارقىلىق غىدىقلاپ باقتىم.
    مەن شېئىرنى تاللىمىغان، بەلكى ئۇنىڭغا دۇچار بولغان.
    مەن ئۆزۈمنىڭ مۇنبەردە تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىمنى بىلگەندىلا ئاندىن خېلىلا قېرىپ كەتكەنلىكىمنى، ئۆتكەن 29 يىللىق ئۆمرۈمدە پۈتۈن ھاياتىمنىڭ يېغىنى ئىچىپ بولغانلىقىنى تۇيۇپ، تونۇشتۇرۇلۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ماقول بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئۆزۈمچىللىكىملا ئەمەس، يەنە ئىنسانپەرۋەرلىكتە ئاداققىچە چىڭ تۇرىدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرىدۇ.
    مەن تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە شېئىرىي جاراھەتتىن ساقايمىسام دەپ ئويلايمەن. ھەمدە بۇ ئالىيجاناپ خىيالىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازساممۇ ئازلىق قىلىدۇ...

    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان

    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان
    بۇ قوزغىلىش پەيتىنى
    ئىچمەكتىمەن.

    تېنىچلىق بوتۇلكىسى ئىچرە
    كۆبجىگەن نۇردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن
    كېپىنەك ئىزىدىن سىقماقتىمەن.

    ئەي، مۇقەددەس ئولىمپىيا،
    ئەي، باستۇرۇلغان گۈڭگۈرت قىزى،
    ئەي، كۆكسۈڭلارنى تۇتاشتۇرغان
    مېنىڭ مەن بولمىغان پۇرۇخلىرىم،
    ئەمدىلىكتە
    ئۆلۈم قاراڭغۇسىنى
    ئاق يەلكەنلىرىم بىلەن قۇچماقتىمەن
    خۇددى
    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان
    بۇ قوزغىلىش پەيتىنى
    ئاۋۇ قاراڭغۇلۇقتىن يىغىۋاتقاندەك. 

    ئىدىيە

    سالام، ئەي كەپتەرلەر،
    كۆرۈنمەس تۇزاقلىرىم بىلەن.

    سالام، ئەي زېمىن،
    بىشەم يوللىرىم بىلەن.

    سالام، ئەي ئاسمان،
    چەكلىگۈچى بۇلۇتلىرىم بىلەن.

    سالام، ئەي يېڭى پىلانتلار،
    چېگرالارنى قوغدىغۇچى رەڭگارەڭ بايراقلىرىم بىلەن.

    سالام، ئەي كېچە،
    سېنى ئېلىپ چىققۇچى چۈشلىرىم بىلەن...


    ئەستايىدىل ئوقۇرمەن
    يىقىنلىق چاشقىنى بىلەن سۆز چاشقىنى
    بىر تەسەۋۇر يالقۇنىنى پاچاقلاپ،
    ئاندىن
    ئۇنى
    تەرەپلەرگە چېچىۋېتىپ،
    ئۈستىگە
    كېچىدىن قوپۇرۇلغان چۇۋۇق ئاسماننىڭ
    ئىشتىھا چوققىسىنى ئەكەلسە،
    چۈشلەرنىڭ ئىسسىق بالىياتقۇسى
    يىقىنلىق چاشقىنى بىلەن سۆز چاشقىنىدىن
    كۆزلىرى
    ئەلمىساقتىن بۇرۇنلا يۇمۇلۇپ كەتكەن
    بىر ئۆلۈكنى كېيىندۇرۇشنى تالاشسا،
    ئىككى چاشقان ئارىسىدىكى ئورمان قاراۋۇلى
    كۆزۈمنى سەۋەبسىزلا يۇمۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلسا،
    ياكى بەدىنىم
    ئاستا - ئاستا
    قاتتىق مايسىلارنى قوغلىسا،
    سۆز چاشقىنىنى يىقىنلىق چاشقىنىغا ئەستايىدىل يېگۈزۈپ
    قويۇۋېتىمەن...

    ئۇ بىر چاشقان
    شارقىراتمىلاردەك
    چېگرالارنىڭ ئۈستىدىن
    ئاستىدىكىلىرىنى يۇمشاتقانچە
    كىتاب ۋاقتىمدىكى ئوقۇرمەنلىك چىملىقىغا بىرنەچچە ئاي چۈشكەن.

    كەيپ

    بىر دوستۇم
    كەيپتىن ئېغىز ئېچىپ
    ماڭا خوشنا ھاراقلارنى ئىچتى
    ئاندىن
    مېنى «ئاسمان» دەپ تۇتتى
    دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدىم
    ئۇنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قان تومۇرلىرى ۋە ھاۋادىن قىيپاچ چۈشۈۋاتقان
    بوشلۇق رەڭگىدىكى دەۋرداش پەرشتىلىرىنىڭ ئۈستىدە. 

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到: