ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-04

    روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا -3 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    4-باسقۇچ:بۇ روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيتىنىڭ تېما دائىرىسى جەھەتتىن رەڭدارلاشقان ۋە تېما خاسلىقىغا ئۆزلەنگەن مەزگىلى بولۇپ، 1990-يىللاردىن 2001- يىلغىچە بولغان ھاياتنىڭ ئاخىرى مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. روزى سايىت شېئىرى  ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا  ئېرىشكەن  يىڭى بىر ئىجادىيەت دەۋرىنى كۈتۇۋالدى. ئۇ بۇ مەزگىللەردىكى شېئىرئىجادىيتىدە ئۆزىگە خاس تېما ئالاھىدىلىگى شەكىللەندۇرۇپ، دەۋىرداش شائىرلاردىن پەرىقلىق ھالدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.روزى سايىتنىڭ بۇ مەزگىلدىكى شېئىرلىرىنى تېما جەھەتتىن تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.

    بىرىنچىدىن، روزى سايىت بۇ مەزگىلدە دىھقانلار ھەققىدە يېزىش،دىھقانلارنى تېما قىلىپ يېزىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ پىروفىسسۇر ئازات سۇلتان ئېيتقاندەك :«يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىتىدە ئەڭ روشەن تېما ئالاھىدىلىگى شەكىللەندۇرگەن شائىرلارنىڭ بىرى»⑥ بولۇپ قالدى.  بۇلۇپمۇ دىھقانلار تېمىسىدا يىزىلغان «پاھ،دىخاننىڭ ھەيكىلى» (1992-يىلى)، «دىھقاننى ئالدىغا سىلىۋالدى ئىش» (1993-يىلى)، «دىھقان دەيدۇ...»(1994-يىلى)،«دىھقان بولماق تەس» (1995-يىلى)، «دىھقان كۈلكىسى» (شېئىرلار توپلىمى1998-يىلي)... قاتارلىق بىر يۇرۇش شىئىرلىرنىڭ كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلىنىشى روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنى يىڭى بىر مۇۋاپپىقىيەت پەللىسىگە ئىلىپ چىققان. «دىھقان بۇلماق تەس»، «خوتەندە راۋان يۇللا»، «ئاھ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش» قاتارلىق دىكلاماتسىيە قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان 3دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ  شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە تارقىتىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.«پاھ،دىھقان ھەيكىلى»... قاتارلىق بىر يۇرۇش شېئىرلىرىدا دىھقانلارنىڭ ئالىي جاناپ پەزىلىتىگە مەدىھىيە ئوقۇيدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ«دىھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» ناملىق شېئىردا ئىجتىمائى رىئاللىقنى دادىل ھەم يورەكلىك ھالدا سەممىي ئەكىس- ئەتتۇرگەن. روزى سايىت يېزا ھاياتىنى، دىھقانلار تۇمۇشىنى يازغاندا خۇشاللىق، بەختىيارلىقلارنى يېزاپلا قالماي، يەنە ئېغىرچىلىق-كۆڭۈلسىزلىككەرنىمۇ يازىدۇ،ئۇنىڭ بۇلارنى يىزىشتىكى مەقسىتى قانداقتۇر تەرەققىيات-گۈللىنىشلەرنى ئىنكارقىلىش بولماستىن، بەلكى پارتىينىڭ يېزا سىياسىتىنى تەكىتلەش، تەشەببۇس قىلىش،بۇ ئارقىلىق دىھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش،ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۇلاغلاشنى، قەدىرلەشنى مەخسەت قىلغان. ئۇنىڭ «جان دادم-دىھقان دادام»، «بەختى دىھقان-بەخىتلىك دىھقان»، «دىھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش»،«دىھقان بولماق تەس»... قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ قايىسى بىرسىنى تىلغا ئالمايلى ئۇنىڭدا دىھقانلارنىڭ ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراشلىقى، بۇ تەبىئي ئالدىراشلىقلار ئۈستىگە يەنە ھەرخىل يولسىزلىقلار ئارقىلىق بىرمۇنچە مەجبۇرى خاراكتىرلىق« ئالدىراشلىقلار» كىلىپ قېتىلىپ دىھقانلارغا ئارام ئالغۇدەكمۇ ۋاقىت بولمايۋاتقانلىقى، دىھقانلارنىڭ  دىھقانچىلىقنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە  ئۆزنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئوربىتا ئىچىدىن ھەرخىل دەم-ئېلىش، كاماندۇرۇپكا ... قاتارلىق پائالىيەتلەرنى خىيالىدا، ھەتتاكى چۈشىدىمۇ كۈرۈشنى ئارزۇ قىلماي ئۆز ئەمگىكى بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى، ئۆزنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دىھقاننىڭ مىھنەتسىز روھىينى ئەكىس –ئەتتۇرگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدا دىھقانلارنىڭ يۈرەك سۆزى بار. ئۇلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قىزغىن مەدىھلىگەن.  بۇ ئارقىلىق  دېھقانلارغا كۈيۈنۈش، ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى، ئەمگەك مېۋىسىنى ھۆرمەتلەش، قوغداش، شۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىق قىلىنغان. يېزا تۇرمۇشىدىكى رىئال مەسىلىلەر ئارقىلىق دىھقانلار ئاممىسىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بەدىئي يول بىلەن ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئەكىس-ئەتتۇرگەن.

    روزى سايىت بىر شائىرغا خاس سەزگۈر كۆزبىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر كۆزەتكەن.نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى بەدىئى يۈكسەك لىككە كۆتۈرۈپ ماھىرلىق بىلەن شېئىرىي تىلدا سۈرەتلەپ بەرگەن. شۇنىڭغا ئۇنىڭ «بېلىجاننىڭ كەچمىشى»دىكى بېلىجاننىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بەدىئي ئوبرازلارنىڭ بىزدە قالدۇرغان  تېراگىدىيلىك تەسراتى ئۇزاققىچە تارقالمايدۇ. بىزگە پاجىئە بىلەن سۇغىرىلغان شادلىق بەخىش ئېتىدۇ.بېلىجاننىڭ پاجئەلىك  قىسمتى، تېراگىدىيلىك تەقدىرى تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس-ئەتتۇرۇش نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى.

    روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرىدا گەرچە بىز زور دەبدەبىلىك تېراگىدىيلىك قەھىرىمانلارنى ئۇچراتمىساقمۇ لىكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىي،غەزەللىرىدە،داستانلىرىدا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي قاتلام لىرىدىكى كىشلەرنىڭ جۈملىدىن دىھقانلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى رىئال مەسىلىلەر ۋە كىشىلىڭ خاراكتىر پاجئەسى ئەكىس ئېتىدۇ.شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى تېراگىدىيلىك پۇراق ئەمىلىيەتتە شائىرنىڭ رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلى. رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائى تۇرمۇش ئارىسىدىكى مەنبە مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەيدۇ. شائىر دائىم رىئاللىقنى يېزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ تۇرمۇشنى توپلاپ،تاللاش ئارقىلىق ئەسەر ئىچىدە ئەسەر سىرتىدىكى ئوبىكتىپ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۇرمۇشتا بار بولغان ۋە بار بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان شەيئىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. تۇرمۇشنى ئەسلى قىياپىتى بىلەن ئەكىس- ئەتتۇرۇش رىئالىزىمنىڭ مۇھىم ئىستىتىك پىرىنىسپى. مۇشۇ خىل ئىجادىيەت پىرىنىسىپى بۇيىچە ئىلىپ بىرىلغان ئەدەبىي ئىجادىيەت چوقۇم رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا ئېلىپ بىرىلىدۇ. بۇ خىل ئىجادىيەت پىرىنىسىپى ئاساسىدا روياپقا چىققان ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەر،رىئاللىققا يىقىندىن ياندىشىپ، تۇرمۇش بىلەن زىچ بىرلىشىپ يازغۇچى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائى رىئاللىقنى، دەۋىر تەققىياتىنىڭ رىئال يۈزلىنىشىنى،جەمىيئەتنىڭ ئىچىكى قاتلاملىرىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ھەقىقىي ئەكىس-ئەتتۇرىدۇ.  ئالايلۇق:

     دېھقان دىسە كۆز ئالدىمغا خىزىر كېلىدۇ،

    خىزىردىن كاتتا «خىزىر» ـــ پۇزور كېلىدۇ.

    دېھقان دېسەم ئىس ـــ يادىمغا ھاتەم كېلىدۇ،

    ھاتەمدىنمۇ سېخىيراق مەرد ئادەم كېلىدۇ.

    شۇڭا ئۇنى باغاش ئېتىپ سۆيگۈم كېلىدۇ،

    مۇرادىغا يەتكىننى كۆرگۈم كېلىدۇ.

    مېنىڭ خانەم يال-يال،كۆمۇر چويۇن ئوچاققا،

    ئەنە، دىھقان،ھۆل تەمىچى ئۆشنە،قۇچاقتا،

    مودا كىيىم غەيۋەتىدە مودا ئاياللار،

    دېھقان موماي يېپىنغىنى يىرتىق جىياللار.

    بىزنىڭ شەھەر مەكتىپىدە پارلىق سىنىپلار،

    «سەھرالىق»نىڭ سىنىپىدا توڭغاق تىنىقلار.

    سېنىڭ تاماق داستىخانىڭ پاراۋان، ئەلۋەك،

    ئەمما، دېھقان زاغرىغا توق، ھېيىتلىقتۇر ھەمەك،

    كۆر،رېستۇران شىرەسىدە مەزەلەر ئىسراپ.

    بەلكى دېھقان ئۇنى بىر رەت كۆرمىدى پۇراپ؟...

    بىزدە نۇرغۇن ئېشىپ-تېشىپ، سېسپ تۇرغىنى،

    ئەمما،غۇربەت دېھقانلارنى بېسىپ تۇرغىنى.

    كەمىنى پۈتۈن قىلسامتى دەپ ئاۋارە دېھقان،

    ئاققۇزماقتا چىدام بىلەن مەردلەرچە تەر-قان.

    ئۇ شۇ تاپتا يەڭ شىمايلاپ بوز ئېچىپ ھەلەك،

    جان بېشىغا بەش پۇڭدىن يەر ئاۋۇتۇش تىلەك.

    يەر دېھقانغا ئالتۇن قۇزۇق، يەر ــــ دېھقان جېنى،

    تېرىدىغان يەر بولمىسا نەدە ئاش ــــ نېنى؟

    ........

    «دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان بۈيۈك» ناملىق بۇ شېئىرنىڭ يۇقارىقى مىسرالىرىدىنمۇ تېراگىدىيە  تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. چۇنكى دېھقانىڭ تېراگىدىيسى ـــــ بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ تېراگىدىيەسى. «دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ». دىگەن ھەقىققەتكە ئاساسلىنىپ ئېيتساق دېھقانلىرى تېراگىدىيەدە ياشاۋاتقان خەلق يوناق تاپمايدۇ. دېھقانلىرى تېراگىدىيەدە ياشاۋاتقان خەلق دەل تېراگدىينىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان، جۈملىدىن تېخچە تېراگىدىيە پاتقاقلىرىدا تىپىرلاۋاتقان بولىدۇ. بۇنداق خەلقنىڭ تېراگىدىيدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن تېراگىدىينىڭ تىگى تەكتىنى ۋە تۈپ نىگىزىنى ئېنىقلىماي بولمايدۇ. شائىر رېئاللىقنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزغا تاشلاپ، بىزنى ئۇشبۇ تېراگىدىيەلەرننىڭ ئەسلى مەنبەسى ـــ يىلتىزى ھەققىدە ئويلاندۇيدۇ. ئەڭ ھەقىقىي ئەنئەنىلىرمىزنى، تارىىخىي ئەڭ ئۈزۈن ھىسابلىنىدىغان مەدىنىيەتلىرىمىزنى، ۋە ئۆرۈپ –ئادەت خاسلىقىمىزنىمۇ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات ئۈزۈلدۇرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگۈچى بولغان دېھقاننىڭ كۈلپەتلىرى بىلەن بىر پۈتۈن خەلىقنىڭ تەقدىر قىمىستىنى تېراگدىيلىك تۈس بىلەن دىققەت بوشلىقىمىزغا تاشلايدۇ. بۇ يەردىكى تېراگىدىيە رىئالىزىملىق روھقا شۇنچىلىك تۇيۇنغانكى ئختىيارسىز ھالدا ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشلايدۇ. چىن پۇتۇشۇمىز كىرەككى شائىر ئەنە شۇ ئۇلۇغ، بۇيۇك ۋە سۇيۇملۇك كىشىلىرىمىزنىڭ نامىدىن « دادلايدۇ». شۇڭا خەلق، خەلىقنىڭ كۆپ قىسمى ھىسابلىنىدىغان دېھقانلار ئۇنىڭ نامىنى ھەرقاچان يادلايدۇ.

    دىمەك،روزى سايىت شېئىرلىرنىڭ بۈگۈنگىچە ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بۇلىدىكى ئۇ بىر رىيالىسىتك شائىر، روزى سايىت ئىجادىيەتتە تاللىغان رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ تۇنۇش بولغان ئۇيغۇر تۈۋەن قاتلام كىشىلىرنىڭ ، ئۇيغۇر دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىنچىكە، نازۇك  زىددىيەتلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكىس-ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇلدى.20 -ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى ئۇيغۇر جەمىيئىتىگە ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەر شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىلا ئەمەس دىھقانلارنىڭ مەنىۋىيتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل رېئال ئىجتىمائى مۇھىت ئوخشاشلا دىھقانلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا، مەنىۋى دۇنياسىداۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈش ۋە داۋالغۇشلارنى  پەيدا قىلدى. ئۆزلۈك ئېڭى بىلەن ئەنئەنىۋى ئادەت تۇيغۇسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەت قاراشلىرى، رىئال ئىجتىمائى مەسسىلىلەر ئۇستىدىكى گاڭگىراش تۇيغۇسى  دىھقانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشىلىرنىڭ  مەنىۋىيتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەرگە ئايلاندى. بۇ زىددىيەتلەر ئۇلارنىڭ شەخسى ئارزۇ- ئارمانلىرى، كىشىلىك قەدىرى-قىممىتى، گۈزەل غايىلىرىنى بىر تەرەپتىن ئويغانسا، بىرتەرەپتىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.

    روزى سايىتمۇ ئۇيغۇر جەمئيىتنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئۆزى تەۋە بولغان بۇ قاتلامنىڭ مۇرەككەپ مەنىۋى دۇنياسىغا بىرۋاستە كىرىپ كەلگەندىن سىرىت ئۆزىگە پىششىق بولغان دىھقانلار تۇرمۇشىنىڭ  مەنىۋى دۇنياسىغا ئەڭ ئاۋال ئىشتىياق قىلدى ۋە بۇ ھەقتە بىرۋاستە ھىس-تۇيغۇ ھەم كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز شېئىرلىغا سىڭدۇرۇپ تاشلىدى. روزى سايىت شېئىرنىڭ تېراگىدىيلىك قاتلامنى ئاساسەن تۇۋەن قاتلام كىشىلىرى ۋە دىھقانلار مەسىلىسى ئىگەللەيدۇ.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يارتىلغان ئۇبرازلارنىڭ تىراگىدىيسى ئۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىجتىمائى رىئاللىقتىكى رىئال مەسىلىلەرنى چۆيىدەيدۇ.تىراگىدىيە شېئىرلىردا تىراگىدىيلىك  توقۇنۇشلار ئارقىلىق يۈكسەلككە كۆتۈرلىدۇ. زىدىدىيەت يېزىلغاندىلا ئاندىن تىراگىدىيلىك  ئۇبرازلارنىڭ ھەركىتى چىنلىققا ئىگە بولىدۇ. مىنىڭچە روزى سايىت شېئىرلىردىكى تىراگىدىيلىك توقۇنۇشنى رىئالىستىك زىددىيەتلەرنىڭ توقۇنىشى دىرىشكە بولىدۇ.

    روزى سايىت ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئۈچۈن چۇقان سالىدىغان،ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئۈچۈن شېئىر يازىدىغان شائىر. ئۇ ئۆزى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دىھقانلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەن ‹ بىزنىڭ يازغانلىرىمىزدا دىھقانلار تەسۋىرلەنمىسە، دىھقانلارنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلساق، ئەدىبىياتىمىز قاناتسىز قۇش، يىلتىزى يوق گۈل، يىپسىز لەگلەككە ئوخشاپ قالىدۇ. .. ›دەپ قاراپ كەلدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇندىن توققۇزى دىھقان. ئۇلار ئۆمۈر بويى ھارماي-تالماي، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەپ كىلىۋاتسىمۇ،ھەرخىل توسالغۈ، ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئەجرىنىڭ قەنتىنى تۇلۇق چاقالمايۋاتىدۇ،‹قۇرسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن›بولۇشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە تىرمىشىۋاتىدۇ. مەن ئەشۇ دىھقانلارنى دىققەت نەزىرىمدە تۇتۇپ، مەۋقەيىمنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا، قايغۇسىغا تەڭ شىرىك بولۇشنى شائىرلىق بۇرچۇم دەپ قارىدىم، ئۇلارنىڭ دەردى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ھەر بىر شېئىردىمدا ئۇرۇنغىنىمنىڭ ۋەجىمۇ دەل مۈشۈ!»⑦. بۇنىڭدىن روزى سايىتنىڭ دىھقانلارنىڭ دەردىگە مەنىۋى جەھەتتىن دەرمان بولۇش، ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىن تەسەللىي بىرىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دىھقانلار ئاممىسى بىلەنمۇ ھەمنەپەس،تەقدىرداش ئىكەنلىگىنى ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيتى ئارقىلىق ئىپادە قىلىشتا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۈيغۇسىغا شائىر ئىكەنلىگىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

     پرۇفېسسۇرئازات سۇلتان ئېيىتقاندەك:« دىھقانلار تېمىسى ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ،ئۇلارنىڭ خۇشاللىق قايغۇسىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان.ئۇنىڭ ۋەكىلىك خاراكتىرىگە ئىگە بولغان، تەسىر قوزغىغان شېئىرلىرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ دېھقانلار ھەققىدە يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيەتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلكلىرىدىن بىر بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىجادىيەتتە دىھقانلارنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-ھېسياتىنى، بۇلۇپمۇ ياشاش شارائىتىنى، خۇشاللىقىنى، دەرد- ھالىنى، ئەكىس –ئەتتۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرى ئەمىلىيەتتە دىھقانلارنىڭ قەلىب ئىزھارى،دىھقانلارنىڭ قەلىب سۆزلىرىنى قوشاققا قاتقان بولغاچقا كىشلەر ئۇنى‹دىھقان شائىر›،‹روزى قۇشاق› دەپ ئاتىشىدو»⑧. ھەقىقەتەنمۇ روزى سايىت ئەدەبىيات ساھەسىدە زور مۇۋاپپىقەيەتلەرگە، زور شۆھرەتلەرگە ئىرشكەندىمۇ ئۆزىنىڭ «دىھقان» تەخەللۇسىنى، ئۆزگەرتمىگەن، ياكى ئۇنىڭدىن نۇمۇس قىلغان ئەمەس. ئەكسىچە خۇشال بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكمەتلەردىن «ئۆتكەن كۈنۇڭنى ئۇنۇتما، شىرچۇرۇقىڭنى قۇيۇتما» دىگەندەك ئۇ ئۆتكەن كۈنىنى ئۇنتمىغان شائىر. تۇرگېنېۋنىڭ: «ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان تۇرمۇشنى زورمۇ-زور يازغان يازغۇچىدىن ئونى بولسا، توققۇزى مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ»⑨ دەپ ئېيتقىنىدەك روزى سايىتنىڭ 17يىللىق دىھقانچىلىق ھاياتى روزى سايىتنى رىئال ماتىرىيال مەنبەسىگە ئىگە قىلغان. مېنڭچە ،  روزى سايىتنىڭ دىھقانچىلىق تۇرمۇشىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخى مەنبە دىھقانلار تېمىسىدىكى شېئىرلىرنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق تۇيغۇسىنىڭ چوڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇئەييەن ئىجادى رول ئوينىغان.  

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us