ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-04

    سەيدۇللانى تونۇمسىز؟ - [سەرخىللار ئارخىپى]

    سەيدۇللانى تونۇمسىز؟

    سەيدۇللا فىردەۋىس 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 4 كۈنى قەشقەر شەھىرى بۇلاقبېشى كوچىسىدا دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى قەشقەر شەھىرىدە تاماملىغان.  2007-يىلى شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋىرىستىتى داۋاملىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى روس تىلى( ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ) كەسپىگە 4 يىللىق ئوقۇشقا كىرگەن .2010-يىلى 2 -ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئوقۇشتىن چىكىنىپ ، ئۈرۈمچىدىكى چەتئەللىكلەر ئاچقان روسچە ئۇسلۇپتىكى بىر كېچىلىك كۇلۇپتا بىر مەزگىل مۇلازىم بولۇپ ئىشلىگەندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن .

    ئۇ 2005-يىلىدىن باشلاپ شىئېر يىزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ، 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا تۇنجى شىئېرلىرى ئىلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە  «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئىلى دەرياسى» قاتارلىق ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ئېلان قىلغان .

    بىز بۇ ياش قەلەم قەلەم ئىگىسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ شېئىرىيەت ۋە ھايات يولىدا ئۆزگىچە چوققۇلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

    مەسئۇل مۇھەررىردىن

     

     شائىرلىقنىڭ تۇيۇق يولى بىلەن مېڭىپ، ئاللىبۇرۇنلا، تولىمۇ سىرلىق ۋە قاراڭغۇ بىر ئورمانغا بەنىت بولۇپ قالغانلىقىمنى تۇيدۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەسۋەسىلىرىم ۋە تەشۋىشلىك ئويلىرىم مېنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازابقا مۇپتىلا قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇن نەرسىلىرىمدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلدى. كېيىن، تولىمۇ قورقۇنچ ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆزۈم ئاسىيلىق قىلغان بارلىق نەرسىلىرىمنىڭ ئورنى بارا-بارا قۇرۇق قىلىپ، قەلبىمنى يوقلۇق ۋەھىمىسى چۇلغاشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىلا، ھېچنىمەمنىڭ قالمىغانلىقىنى تۇيۇپ، كاۋاك قالغان بۇ قەلبىمنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نىمىلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان، تولىمۇ گۇڭگا، شۇنداقلا ، مەن تولىمۇ مۇھتاج بولىدىغان ۋە زارىقىدىغان بىر مەنە ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا چۆمۈشكە ۋە ئۇنى جان-جەھلىم بىلەن ئىزدەشكە باشلىدىم. ئەمما، تەپەككۇرۇمنىڭ دېڭىزىغا تاشلانغان تورلار ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالدى. شۇنداقتىمۇ تورغا پات -پات ئىلنىشىپ قالىدىغان چىرايلىق شىئېرلار ئۈمىدسىزلىكىمنى ئەركىلىتىپ تۇردى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن شىئېر مېنىڭ بارلىقىمغا ئايلاندى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ سوغۇق ۋە قاراڭغۇ ئورماننى يورۇق ۋە رەڭگارەڭ سۆزلىرىم بىلەن داۋاملىق ئىللىتىشقا ۋە بىزەشكە باشلىماقتىمەن...

     

    كۈز

     

    تولىمۇ پەرىشان،
    گۈللۈك كۆينەكلىرىنى سارغىيىش قاپلىغان ئۇ جانان
     
    ئىشىكىم ئالدىدىن يەنە ئۆتتى.

    مېنىڭ قەلبىم قوڭغۇراق
    كۈز شاماللىرى ئۇنى چالماقتا.
     
    جاناننىڭ
      كۆكسىدىن يوپۇرماقلار ئۈنۈپ چىققان
    كەچكى شەپەق بۇ سارغۇچلۇقنى نەمدىمەكتە
    ئۇلار ئاياغلىرىم ئاستىغا تۆكۈلەر
    مېنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا دەسسەيدىغان پەسلىم يوق
     
     
    جانان مېنى بۇ يولدا ئۇزاقلىشىشقا دەۋەت قىلار
     
    مېنىڭ جانان دېگىنىم تەنھالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
     
    كۈز داۋاملاشماقتا
    مانا بۇ بىزنىڭ چىچەكلەش ۋاقتىمىز .
    2011-يىل

     

    كاۋاك
    سېغىندىم ،كۆتۈرۈپ كەلدى گۈللەرنى
    سۆيدۈم ،
      لەۋلىرىم بولدى كىپىنەك .
    بەر دېدىم ، قايتۇرۇپ ئالدىم تېنىنى
    جانان ياتماقتا بۇلۇتتا بېشى
    ھەمدە، تېنىمىز تۆكمەكتە يامغۇر
    قىزىرىپ، ھالسىراپ ، نەمدەلدى شەپەق .

    سېغىنسام يېنىمدا ،تېنىدۇر بۇلۇت ،
    سۆيسەم تىترەر ،يامغۇر تەپچىرەپ .
    ئەمما ، سېزىمەن شۇنداق تۇرۇقلۇق
    بۇھايات يەنىلا مەنىسىزلىكتەك
    بىر كاۋاك تولمىدى قەلبىمدە پەقەت ...

    مەندىكى يەنىلا كۈتۈش،زارىقىش
    بىلمىدىم نېمىكىن مېنىڭ كۈتكىنىم
    كېلەمدۇ ؟ جاھاندا بارمىدۇ؟يوقمۇ ؟
    بولمىسا،بەرسە بىر قۇدرەتنى تەڭرىم
    مەن ئۇنى ياراتسام قەلبىم تولغۇدەك...
    2011.3

     


     مېۋە

    ئۇسسۇزلۇق ،
    ھالسىرىماقتىمەن...
     
    قۇرۇق سېۋىتىنى كۆتۈرگەن بىر ئەنسىز يولۇچى
     ئىشىكىمنى چەكتى .
    _ مېۋىدىن باشقىسى ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرالمايدۇ
    _ مېۋىمىز قېنى ؟
    _ ئۇنى ئوغىرلىغانمىدۇ ؟
    _ ئۇنى كىم ئوغىرلىغاندۇ؟
    _ ئۆزىنى يوشۇرىۋالغانمىدۇ ؟
    _ نەگە يوشۇرىۋالغاندۇ ؟
     
    ماڭدۇق .
    ئۇسسۇزلۇق ،
    ھالسىرىماقتىمىز...
     
    بارلىق سەپەرلەر مۇشۇنداق باشلىنىدۇ
    ئەمما، بىرمۇ يولۇچىنىڭ
    سېۋىتىنى تولدۇرۇپ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم...

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到: