ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-04

    روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا -2 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     2-باسقۇچ: روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ پارتىلاش باسقۇچى بولۇپ، 1973-يىلدىن 1981-يىللارغىچە بولغان مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. روزى سايىتنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىش روھى ۋە ئۈنتۇنسىز تىرىشچانلىقى ئۇنى ئەدىبىي ئىجادىيەت سىپىگە باشلاپ كەلگەن. ئۇ 1973-يىلى قەشقەر گىزىتىدە ئىلان قىلغان «دىھقانمۇ بولدى داشۆسىنىڭ» دىگەن شېئىرى بىلەن  شېئىر ئىجادىيتىنىڭ تۈنجى باھارىغا قەدەم قويغان. روزى سايىتىنڭ ئون نەچچە يىللىق دىھقانچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى بىر قەدەركىچىكپ باشلانغان دىرىىشكە بولىدۇ. ئۇ 1973-يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان. لىكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادداپىلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتقا بولغان تۇغما ھەۋەس ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە جۇغلىنىپ،پىشىپ يىتىلگەن بىر پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى.دىمەك، شائىرنىڭ ئىجادىيتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنىرگىيەجۇغلاش ۋە تەپەككۇرىنى تاۋلاش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن. شائىر ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائى مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش،ئۇگىنىش ۋە تەپەككۇرنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۇرىدىغا نلىقى ئىنىق.نەتىجىدە،روزى سايىت ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ جەھەتتىكى تىگىشلىك ھازىرلىقلىرى جۇغلانغان.مانا مۇشۇ پەيىتتە ئۇنىڭدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يۇشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتىلاپ چىققان دىرىشكە بۇلىدۇ. ئۇ زورلاپ يېزىلغان بىردەملىك قىزغىن ھېسيات ئەمەس،ئۇنى يېڭى مەنزىلگە قاراپ ئېتىلغان مەدىھىيە كۈيى دىگەندىن بىرمەزگىللىك تېڭىرقاش، ھەر تەرەپلىمە كۆپ ئىزدىنىشندىن كىيىن شائىرنىڭ جۇغلانما ۋە يۇشۇرۇن ئىجادىيەت جۇغلانما كۈچىنىڭ پارتلىشى دىگەن تۈزۈك.

    روزى سايىت مۇنداق دەيدۇ:«يېشىم 30دىن ئاشقان، ئالقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ، تال-تال يېرىلپ قەلەم تۇتىشقىمۇ قۇلاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتغا ئوقۇشقا كىردىم. ئوقۇش مەزگىللىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسىرلىرنىڭ نەمۇنىلىرى، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرنى ئۇگەندىم. ئەپسۇس سېستىمىلىق نەزىرىيەۋى بىلىم ئىلىش تەربىيلىنىش  پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدىم. شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى. شۇ تۇپەيلىدىن قۇشاقچى دىھقان –روزى قوشاق بۇلۇپ قىلىۋەدىم.شۇ مەزگەللەردە بۇنىڭدىن باشقا مەمتېلى زونۇن،قۇربان ئىمىن،مۇھەممەت سىدىق، تۇمۇرىلەر بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تۇغرىسىدا نۇرغۇن قىتىم ئۆگىنىش ھەم سۆھبەت مۇلاھىزىلەردە بولدۇم .بۇ مىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىمىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداق قىلىپ مەن كىتاب ئۇقۇشتىن، شېئىرىي ئۇقۇشتىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم...»④.ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«‹ئۆز زامانىسىنىڭ شېئىرىيىنى ئەڭ ئاداققى پەللىگە ئېلىپ چىققان ›دانتى ئەسىرلىرىدىن،‹خۇددى سۇنئىي ھەمراھدەك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇر تاراتقان شائىر›ھورمان ماندىك شېئىرلىردىن، ‹تالانتى قۇرقۇنچلۇق ھيۇگۇ› ۋە ياكى ‹ئوت- چۆپلەر قۇيۇق ئۆسكەن شېئىرىيىەت چىملىقىغا قوپاللىق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، شېئىرىيەتىنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن شائىر› ماياكوۋىسكى ... لاردىن خەۋەرسىز قالدىم. ئەمما، مەن بەختىمىگە يارىشا، كىتابخۇمار كىشلەر ئاپەتتتىن ساقلاپ قالغان ناھايتىى ئاز تاش باسما ۋاراقلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەلىشىر نەۋائىيسىدىن، شاھ مەشرىپىدىن، ئەخمەت شاھسىدىن شېئىرىيەتنىڭ تۇنجى ساۋىقىنى ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم. يەنە مەن ئۆزەمنىڭ  لۇتپۇللا مۇتەللىپى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىمشېھىد ئارمىيسى. .. بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم...»⑤. بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك روزى سايىت مەيلى قانداق شارائىتىتا بولسۇن بىر كۈنمۇ ئەدەبىياتتىن، شېئىرىيەتتىن ئايرىلمىغان. دىھقانچلىق جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ۋە ھايات ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق مول چۈشەنچىگە، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولسا، كىتابقا بۇلغان مۇھەببەت، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ئەتراپلىق كۆزىتىش، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ھىسسى كۆز بىلەن قاراشتىن ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش رىئاللىقى روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋاپسىز سۇئاللارنى تاشلىغان.بۇ مەزگىللەردە روزى سايىتنىڭ 1976-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنىپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرى بولۇپ، بۇ ئۆنى يەنە بىرقىتىمىلىق ئۆزىنى چىنىقتۇرۇش پورسىتىگە ئىرىشتۇرگەن.

    دىمەك، بۇ باسقۇچ ئۇنىڭ ساددا ھالدىكى شېئىرىيەت ھەۋەسكارىدىن ئەدىبىيات نەزىىيەسىنى بىلەن تۇنۇشقان، ئەدىبىياتنىڭ كەڭ دالاسىنى ئەدىبىياتنىڭ يەنى شېئىرىيەتنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ بىر قەدەر سىستىملاشقان شېئىرىيەت نەزىيە چۈشەنچىسى بىلەن تۇنۇشقا باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى دىرىشكە بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەدىبي ئىجادىيەتكە نىسبەتەن ئاددىلىقتىن-مۇرەككەپلىككە، تىيىزلىقتىن –چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقنىڭ كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇ.

    3-باسقۇچ: روزى سايىت شېئىر ئىجادىيەت نوقتىسىنىڭ كېڭىيىش باسقۇچى  بولۇپ، 1981-يىللىرىدىن 1990- يىللارغىچە بولغان مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. 1980-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ،«يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا تەھىرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت  بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدۇ. 1981باشلاپ ئېلان قىلىنغان بىر يۇرۇش شېئىرى توپلاملىرى روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى يىڭىچە بىر قەدەم بىلەن قولغا كەلتۇرۇلگەن يېڭى بىر ئىجادى ئەمگەك بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. روزى سايىت1981-يىلى ۋەكىللىك ئەسىرىدىن بىرى بولغان «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»(شېئىر چۆچەكلەر) نى ئىلان قىلىدۇرىدۇ. شائىرى بۇ شېئىرى چۆچەكتە خەلىق ئىچىگە كەڭ قارتقالغان رىۋايەت تۇسىنى ئالغان خەلق چۆچىكىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ شېئىرىي شەكىلدە، يېڭىچە  بەدىىئى تۇس بىلەن شېئىرى تىلدا ئىپادە قىلىپ چىقىدۇ. خەلىق چۆچەكلىرىنى شېئىرىي چۆچەكلەر ئايلاندۇرۇش روزى سايىتنىڭ شېئىرى ئىجادىيتىدىكى تۇنجى سىناق ۋە مۇۋاپپىقىيەتلىك بېسىلغاب يېڭى قەدەم. بۇ روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت كۈچى تۇلۇپ تاشقان، ئىزدىنىش رۇھى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىللىرى بۇلۇپ، شېئىرلىرىدا ئىلگىرى كۆرۈلۇپ باقمىغان يېڭىچە مۇھىتنى ئىپادە قىلدى. مىنىڭچە بۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى «يىلتىز ئىزدەش»،«ئەپسانىگە قايتىش» قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرىنى ئىجابىي يۇسۇندا قۇبۇل قىلىپ ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ئېستستىك تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ بەدىئيىلىككە كۆتۇردى. خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان، ئۇزاق ئۆتمۇشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئىگە دىتاللىرىنى بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىشنى مەخسەت قىلغان. روزى سايىت«ئاي قوشىغى»(1981-يىلى)، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن» (1978-1982 -يىللاردا)،«بەختى دىخان- بەخىتلىك دىخان» (1982- يىلى)، «دۇسلۇق ناخشىسى»، (1983-يىلى) «مەرھابا» (شېئىرلار)،«خىيالدىن تۈرەلگەن خىياللار» (شېئىرلار،1988)، «مۇھەببەتتىن پۇتۇلگەن ناخشىلار» (شېئىرلار،1982 -1988 يىللار)، «روبائىي ۋە تۇيۇقلا» (توپلام،1969 -1990 يىللار )،.. قاتارلىق شېئىرى داستانلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن شېئرىيەت ئاسمىنىدا ھەقىيقى چاقىنىدى. شېئىرىي توپلاملىرىنىڭ كەينى- كەينىدىن نەشىر قىلىنىپ كەڭ كىتابخانلارنىڭ سۇيۇپ ئۇقۇشىغا مۇيەسسەر بۇلۇشى ۋە ياخشى باھاغا ئىرىشىشى بىلەن  روزى سايىت ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىچە بىر تون بىلەن نامايەن بۇلدى. قانداقسىگە ئوتتۇز نەچچە ياشتن ھالقىغان بىر دىخان ئازغىنىە ئۇقۇش پۇرسىتى  ئارقىلىق  قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شېئىرىي ئىجادىيتىدە بۇنداق مۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ، كەڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلىدى؟  مىنىڭچە، بۇ دەل بىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا، ئۈگىنىشىمىزگە تىگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا. ئۇ ئۆزى باشتىن  كەچۇرگەن تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىگە جاۋاب ئىزدىگەن شائىر.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى روزى سايىتىكى ئەدەبىياتىقا بولغان كۈچلۈك ھېسىسيات ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى. بۇ خىل ھېسىيات شۇقەدەرساپ،شۇ قەدەر چوڭقۇر بۇلۇپ، قىلچە شەخسى غەرەز ۋە ساختىلىق ئايرىلاشمىغان. شۇڭا شېئىرىيەتتىكى بەدىئي دۇنيا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن. بۇ مەزگىل روزى سايىتنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان تۇنۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزگىل. ئۇنىڭ شېئىرىيەتىنى ساددا ھالەتتە چۇشىنىشىگە كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە شۇ مەزگىللەردىكى شائىر ئۇستازلارنىڭ شېئىرىيەت قارىشى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسىنى روزى سايىت ئەدەبىي- ئىجادىيەت مىۋىسىنىڭ  يىلىتىز تۇتۇپ بىخلىنىشىدىكى ئانا تۇپراق، مەۋجۇپ بۇلۇپ شەكىللىشىنىڭ بىردىن-بىر ھاياتلىق مەنبەسى دەپ خۇلاسىلاشقا بۇلىدۇ.

    分享到: