ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-04

    روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا -1 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا

    ئابلىمىت ئابدۇراخمان

    يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20نەچچە يىللىق ئەدىبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتىدا ئەدەبىي-ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ،كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.ئەدەبىي ژانىرلارتۇلۇقلىنىپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىشىپ، تىما دائىرسى كېڭەيدى.مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتى، ئىدىيسى كۈچەيدى،بەدىئي سەۋىيىسى ئۆستى. شۇ سەۋەبتىن بۇ دەۋىر ئەدەبىياتى ئۆزىدىن ئىلگىركى دەۋىرئەدىبىياتىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ چىقىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋىرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى. يازغۇچى-شائىرلار قوشۇنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، تارىختىكى زۇر ئەدىبىيات قوشۇنغا ئايلاندى.ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ زۇر دەرىجىدە كۆپەيدى.ئەسەرلەر ئىچىدەمۇھىم ،ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى. نۇرغۇنلىغان يازغۇچى- شائىرلار تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرخىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازدى. ھەتتا بەزىلىرى تىما جەھەتتە خاسلىققا يۇزلىنىپ،تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇرلۇققا يەتكۆزۇش ئۈچۇن تىرشىپ، ئۆز ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا  ئېرىشتى.

    جۈملىدىن «دىھقانلار شائىرى» دەپ ئاتالغان (مەرھۇم شائىر‹ 1944_2001.9 ›) رۇزى سايىتنىڭ  يىڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدا قۇلغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى دەل بۇنىڭ بىر مىسالى. روزى سايىت 1944-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1958- يىلىغىچە باشلانغۇچ- ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنى تاملىغاندىن كىيىن يېزىغا چۇشۇپ دىھقان بۇلىدۇ.روزى سايىت1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىدۇ.روزى سايىت ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:«يېشىم 30دىن ئاشقان، ئالقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ، تال-تال يېرىلپ قەلەم تۇتىشقىمۇ قۇلاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتغا ئوقۇشقا كىردىم.ئوقۇش مەزگىللىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسىرلىرنىڭ نەمۇنىلىرى، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرنى ئۆگەندىم.ئەپسۇس سېستىمىلىق نەزىرىيەۋى بىلىم ئىلىش تەربىيلىنىش  پۇرسىتىگە

    ئېرىشەلمىدىم. شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى. شۇ تۇپەيلىدىن قۇشاقچى دىھقان –روزى قوشاق بۇلۇپ قىلىۋەدىم»①.روزى سايىت 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە«دىھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ»ناملىق تۇنجى شېئىرىني ئىلان قىلدۇرىدۇ. مېنىڭچە بۇ مەز گىلنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى دىرىشكە بۇلىدۇ.(ئۇ ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغانلىقى مەلۇم .لىكىن بۇ مەز گىلدە يازغان شېئىرلىرى خاتىرلىنىپ ساقلانمىغان).

    ئىلگىرى روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۇستىدە بىر قاتار تەتقىقات ئېلىپ بىرىلغان ئىدى. پروفىسىور ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىملار تۇزگەن« ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى)، پروفىسىور ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»(4-توم2-كىتاب)، قاتارلىقلاردا روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۇستىدە بىر قاتارتەتقىقات ئېلىپ بارغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەكىل خاراكتىرلىك شېئىرلىرىدىكى تېما ئالاھىدىلىگى، مەزمۇن قاتلىمى،ئىجادىيەت ئالاھىدىلىگى قاتارلىق تەرەپلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا  نۇرمەھەممەت توختى«شائىرغا كىسەل تەككەن كۈنلەردە»ئەدەبىي خاتىرە،«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ( 2001- يىللىق5-6-سانى).مۇھەممەتجان مەتسەيدى«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيتىكى نامزاتى»،«تەڭرىتاغ»2002- يىللىق1-سانى. «شېئىر توغرىسىدا»( 1989-يىلى 9ئاي )نامىلىق ئوبزۇرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن مەھەممەت چاۋارنىڭ «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»دىكى ئىستېتك گۈزەللىك توغرىسىدا، ئۆمەر رەجەپ.توختىمەھەممەت تۇردىلار يازغان «مەرھابا» توغرىسىدا ... قاتارلىق ئوبزۇرلاردا شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيتىگە  باھا بىرىلىپ ئۆتۈلگەن بولسا، نۇرمەھەممەت توختىنىڭ «دىھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن»، (تارىم 2002-يىل 2-سان)، مىجىت ناسىرنىڭ « ئوت يۈرەك خەلق شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمەن»،(شىنجاڭ مەدىنىيتى 2003-يىل 1-سان)، روزىنىسا تۇرسۇننىڭ «ئېرىم روزى سايىتنى ئەسلەيمەن»(تەڭرىتاغ ژورنىلى 2003-يىل 6-سان) ... قاتارلىق ئەسلىمىلەردە شائىرنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى، ئەخلاق –پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بىرىلغان ئىدى.مەن بۇ ماقالەمدە روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخنى باسقۇچلارغا بۇلۇپ ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.مېنىڭچە روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخىنى تۈۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە تەھلىل قىلىشقا بۇلىدۇ.

       1-باسقۇچ: ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدىبىيات چەشمىلىرىنىڭ دۇردانىلىرى بولغان خەلىق ئاممىسى ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ يۇرگەن شېئىر- قوشاقلارىنى ئاڭلاش ۋە ئۈگىنىش باسقۇچى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ بەدىئى جۇغلانما باسقۇچى بولۇپ، بالىلىق مەزگىلىدىن يەنى، 1944ــ يىلىدىن 1973-يىلى تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغاغىچە بولغان ئۇسۇپ يىتىلىش مەزگىلىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.روزى سايىتنىڭ بەدىئى جۇغلانما باسقۇچىنى ئۇنىڭ ئانا تىل ساۋادى چىققان ۋاقىتتتىن باشلانغان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئۇ خەلق قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇگىنىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا شىئىرىيەتكە بولغان تۈنجى قەدىمىنى ئۆزىنىڭ ئاھاڭ ۋە رىتىمدارلىق تۇسىنىڭ تەسىرىگ ئۈچىرىغان لىرىك سۆز جۇملىلىرىگە ئەسىر قىلىشقا باشلىغان.ئۇ ئىجادىيەتكە كىرىشش جەريانى ھەققىدە توختالغاندا«مەن يىراق، تولىمۇ چەت بىر تاغدا، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەربىي فورما كىيىپ، مىلتىق بىلەن ھەپىلىشىپ كۈن ئۆتكۈزگەن كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مېنىڭ باشقا تەلەيلىك قەلەمداشلىرىمدەك ناھايىتى كۆپ قوشاق يادلىغان، نۇرغۇن چۆچەك، لەتىپىلەرنى بىلىدىغان چوڭ ئاپام، كۆزەينىكىنى تاقىۋىلىپ روستەم، زال، ھاتەم ھەققىدىكى قىسسسە، جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ بىردىغان بۇۋاممۇ يوق ئىدى. ئون ئۆچ-ئون توت يېشىمدىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلىپ يېزىغا باردىم.ئۇدا يەتتە يىل دىھقانچىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ دىھقانچىلىقتىن كېلىدىغان ئازغىنا دارامەت ھېسابىغا تىرىكچىلىكىمنى قامداپ تۇرمۇش ئۆتكۈزدۇم.ئون يەتتە يىل كەتمەن بىلەن ئاشنا بۇلۇپ يەر تېرىدىم، ئۆستەڭ قازدىم، سۇ ئامبارلىرنى ياسىدىم، بوز يەر ئاچتىم»②دەيدۇ.كوروپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ –ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇش مەزگلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىرشەلمىگەنلىگى، ئوقۇشقا بولغان ئوتلۇق ئىنتېلىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ يىراق چەت جايلاردا ئاددىي دىھقانلار ئارىسىدا، ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلاردا، دىھقانلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلۈشنىڭ تاتلىق ئەركىسىنى، قايغۇسى بىلەن يىغلاشنىڭ ئاچچىق  ھىدىنى ھىس قىلغان. كەڭ دالىلاردىكى مەيىن شاماللار نامراتلىق قاپلىغان يىراق يېزا تۇرمۇشى بىلەن سىڭىشىپ روزى سايىتنىڭ سەبىي قەلبىدە ساناقسىز سۇئاللارنى پەيدا قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇرمۇش ئېغىرچىلىقىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا ھىس قىلىغان. ۋۇجۇدىدا توختاۋسىز دولقۇنلىغان ھىس تۇيغۇلىرى، دىھقانلار تىلىدىن ئوقۇلغان جاراڭلىق ناخشا- قوشاقلار ئۇنىڭ قەلب تارىسىغا سىڭىپ كىتىدۇ. ئاشۇ ئاپەتلىك يىللار، جاپا- مۇشەققەتلىك دىھقانلار تۇرمۇشى ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلار ئۆسمۇر روزى سايىتنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئارمانلارنى بېغىشلايدۇ. دىھقانلارنىڭ تىلىدىن ئېيتلغان شۇ قەدەر ساپ، شۇ قەدەرچوڭقۇر، قىلچە غەرەز ۋە ساقتىلىق ئارلاشمىغان خەلق ئېغىز قوشاقلىرى روزى سايىتنى تەپەككۇرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ رەڭگارەك بەدىىي دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. شۇنداقلا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئايرىلماس بىرتەن بىر جانغا ئايلاندۇرىدۇ.  

    كۆرۈپ ئۆتۈشكە بۇلىدۇكى,روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىرىشەلمىگەنلىكى، ئوقۇشقا بولغان ئۆتلۈق ئىنتىلىشىنىڭ دىھقانلار بىلەن ئېتىزلاردا ئەمگەك قاينىمىغا سىڭىپ كەتكەنلىگى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.  ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان روزى سايىت ئۇيغۇر تىىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمىۇ چەكلىك بولغان ئەشۇ يىللاردا ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسك نەمۇنىلىرىدىن باشقا شۇ دەۋىردە يېڭى يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قېتىرقىنىپ ئوقۇغان. بۇھەقتە شائىرنىڭ قەلەمداش ھەم سىرداش دوستى نۇرمەھەممەت توختى:«بىز كۆرۇشكەن چاغلىرىمىزدا كۆپرەك ئەدەبىيات- سەنئەت ھەققىدە، قەيەرلەردىدىۇر ساقلنىپ قالغان كىتابلار ۋە خاتىردىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ مەخپىي تارقىلىۋاتقان، «پۇل»، «گۈزەل نايادا جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا»، «مۇقەددەس»، «سۆيگۈ دىسسېرتاتسىيىسى»، «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر»، «ئاخىرقى سىناق»،«قىز قەلبى» دىگەن  ئەسەرلەر قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى. بىز ئۇلارنى بىرگە ئوقۇيتتۇق، بىللە مۇلاھىزە قىلاتتۇق، ھەتتا پارتىيە گېزىتلىرنىڭ قەرەلسىز ئەدەبىيات بەتلىرىدە چىققان ئوخشاش مەزمۇنلۇق مەدىھيەلەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققاتتۇق. ئەشۇ يىللاردا ئاپەتلىك يىللار سۈرىدىن تالاي شېئىرلارنى ئاتا-ئانىسىغا ئاتاپ ‹ئۇ دۇنياغا خەت› دىگەن نەسىرىي ئەسەرنى يازغان ئىدى»③دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يازغان مەشىق ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ، پىكىر ئالماشتۇرغان. قانداقتۇر بىر مەنىۋىي تەشنالىق روزى سايىتنى بىر تەرەپتىن قىينىسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇ مەدىنىيەت ۋە مەنىۋى قەھەتچىلىكنىڭ ماددىي ئاچارچىلىقتىنمۇ بەكرەك قىينايدىغانلىغنى غۇۋا ھىس قىلسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا شېىئىرىيەتكە بولغان ئىشتىياق ئوتى دالا گۈلخانىدەك لاۋۇلداپ يانغان.

    روزى سايىت 1972-1973-يىللاردا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق مەزگىللىك قەلبىگە يۇشۇرۇنغان ئارزۇسىنىڭ غۇۋا سىماسى كۆرۈنگەندەك بۇلىدۇ.ئۇ ئەسلى ئويلاپمۇ باقمىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقىنى يۇرۇتقاندەك رۇھىغا سىڭىپ كەتكەن تۇرلۇك ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەر ۋە ئىگىز-پەسلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭى بىر مەنزىرە پەيدا قىلغاندەك ھىس قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان بىلىم تەشنا لىقىنى ئالىي مەكتەپ قوينىدا قاندۇرۇشنىڭ رولىنى ئىز دەيدۇ.لىكىن بۇ ۋاقىتتا كىچىكدىن ئاتا-ئانىسىز قالغان ئىگە چاقىسىز روزى سايىت ئاللىقاچان 31ياشلارنىڭ قارسىنى ئالغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۈيغۈسىغا ئىگە  ئەرلەرگە ئوخشاش بىر دادا، بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئوقۇش ئالىي مەكتەپ، ئەدەبىيات ۋە شېئىرى، ئائىلە، تاتلىققىنا كۈلۈپ ئغناقلاپ ئايىغى چىقىۋاتقان قىزى (غونچەم)ئۇنىڭ تەپەككۈرى ئاسمىنىدا توختاۋ سىز ئۆركەشلىگەن دىڭىز دولقىندەك تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەت روزى سايىت ئۇچۇن بىرلا تاللاش پۇرسىتى بارئىدى. ئائىلە ياكى ئالىي مەكتەپ. چۇنكى بۇ مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار توي قىلىشقا يول قويۇلماتتى. بۇ خىل تۇرمۇش رىئاللىق روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دونيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللارنى تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزى باشتىن كەچۇرگەن تۇرمۇش رىئاللىقدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلىق ھالەتلەرگە جاۋاپ ئىز دەشكە باشلايدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئەكىس ئېتىۋاتقان ئوقۇش قىز غىنلىقى، شېئىر، ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭ رىئال تۇرمۇشى ئۇستىدىن غالىب كىلىدۇ.

    دېمەك، روزى سايىت بۇ باسقۇچتا ئۆزىنىڭ ئەدىبىي ئىجادىيەتتىكى باشلانغۈچ مائارىپىنى ئۇيغۇر خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىنىڭ شەكلى ئاددىي، مەزمۇنى چوڭقۇر،تىلى يىنىڭ شېئىر- قۇشاقلىرى بىلەن سۇغاردى. شۇنداقلا ئۇيغۇر كىلاسستىك شېئىرىيىتىگە تەۋە بولغان خەلىق قۇشالىرى بىلەن تۇنۇشتى. بۇ دەل ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش قەدىمى بولۇپ، ئىغىز ئەدىبىياتىمىزنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ تۈنجى بىخ سۇرۇش ئانا تۇپرىقى  دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us