ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئالەم كېمىسى ۋە ئالەم ئايرۇپىلانى

ئالەم كېمىسى ۋە ئالەم ئايرۇپىلانى

2013-02-02 11:33     كۆرۈلۈشى: 1927 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئالەم كېمىسى بىلەم ئالەم ئايرۇپىلانى ئوخشاشلا ئادەملىك ئالەم ئاۋىئاتسىيە ۋاستىسىگە تەۋە بۇلۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ئ....

     ئالەم كېمىسى بىلەم ئالەم ئايرۇپىلانى ئوخشاشلا ئادەملىك ئالەم ئاۋىئاتسىيە ۋاستىسىگە تەۋە بۇلۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يەر يۈزىگە بىخەتەر قايتىپ كىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار.

     ئالام كېمىسىنى ماھىيەتتە ئادەملىك سۈنئىي ھەمراھ دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. ئەمما سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئالەم كېمىسى جىددىي ئىھتىياجنى قامداش، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كىلىش، ھاياتلىق كاپالىتى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ئەڭ ئىلغار رادار، كومپىيوتور ۋە ئوربىتا ئۆزگەرتكۈچى موتۇر سەپلەنگەن. ئالەم كېمىسىنىڭ ھەجىمى ۋە ماسسىسى ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمىغاچقا كېمىگە ئېلىۋالىدىغان يېقىلغۇ ۋە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى چەكلىك بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالەم كېمىسى ھەر قېتىم پەقەت ئىككى – ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا بىر قانچە كۈنلا تۇرالايدۇ.

     ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى چوڭ تىپتىكى ئالەم ئايرۇپىلانىغا ئوخشاش بۇلۇپ، بۆلىمچىسى بىر پويىز ۋاگۇنچىلىك كىلىدۇ. ئۇنىڭغا تەخمىنەنە 20، 30 توننا مال قاچىلىغىلى بۇلىدۇ. ئالەم ئايرۇپىلانى ئالەم كېمىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ مىخاينىكىلىق قولىنى 15 مىتىر يىراققا چىقارغىلى بۇلىدۇ. ئادەتتە ئون نەچچە توننا كىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلىقىغا ئېلىپ چىقالايدۇ. بوشلۇقتا كاشىلا كۆرۈلگەن سۈنئىي ھەمراھنى تۇتۇپ، مال بۆلۈمچىسىگە سېلىپ قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.

     بۇنىڭدىن باشقا ئالەم ئايرۇپىلانى ۋەزىپىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، خۇددى ئايرۇپىلانغا ئوخشاش قىيپاش ھالەتتە ئۇچۇپ ئالدىن بەلگۈلەنگەن ئايرىدۇرۇمغا قونالايدۇ. ئەمما ئالەم كېمىسى بۇنداق قىلالمايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter