ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار؟ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايرىمىڭلارغا قۇت بولسۇن!
خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدە دۇنيادىكى ھەممە مىللەت بۇ كۈننى ئالاھىيدە قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم بىز بلوگى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۈندىداردىمۇ ئالىم بىز بلوگىنىڭ سەر خىل مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بىرىش مەقسىدىدە، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئالىم بىز بلوگىنىڭ ئالىم بىز سالونى ئېچىلدى. ئۈندىدار سۇپىسىدا دوست قۇشۇش كۆزنىكىدىن پايدىلىنىپ، سالون نامىمىزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق قوشۇۋالسىڭىز بۇلىدۇ. قوشۇۋالغاندىن كېيىن دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
سالونىمىزنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، 0 رەقىمىنى يوللاش ئارقىلىق تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىگە بولالايسىز. ياكى لاتىنچە alim دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىقمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز.
سالونىمىزنىڭ نامى: alimbiz
سالونىمىزنىڭ ئىككىلەمچى كودى:
تۆۋەندە سالونىمىزنى قوشۇۋېلىش ھەققىدە قىسقىچە كۆرسەتمە بىرىمىز. سالونىمىزنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بۇيىچە مەشغۇلات قىلغايسىز.
1- خىل ئۇسۇل: ئىككىلەمچى كود ئارقىلىق قوشۇش. يەنى ئۈندىداردىن دوستلار كۆزنىكىنى ئېچىپ، 添加朋友 نى چىكىمىز.
بۇ كۆزنەكتىن 扫一扫 نى چىكىمىز
ئاندىن تېلفۇن ئاپراتىنى ئالىم بىزنىڭ ئىككىلەمچى كودىغا توغۇرلايمىز.
بۇ چاغدا ئالىم بىزنىڭ سالون بېتى كۆرىنىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن 关注 نى چىكىمىز.
关注 نى چەككەندىن كېيىن چىققان كۆزنەكتىن 查看消息 نى تاللىساق ئالىم بىز سالونىنىڭ باش بېتىگە كىرىمىز. بۇ يەردىن ئۇچۇر قايتۇرۇش رامكىسىغا يۇقىرىدا دېگەندەك سان ۋە سۆزلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولالايمىز.
2- خىل ئۇسۇل: يۇقىردىكىگە ئوخشاش ئاۋال ئۈندىدارنىڭ دوستلار كۆزنىكىنى ئاچىمىز. چىققان كۆزنەكتىن 添加朋友 نى چىكىمىز.
بۇ كۆزنەكتىن 查找微信公众账号 نى تاللايمىز.
بۇ كۆزنەكتىن ئۇچۇر قايتۇرۇش رايۇنىغا alimbiz دەپ كىرگۈزىمىز ھەمدە ئىزدەش قورالىنى چىكىمىز.
بۇ چاغدا ئالىم بىزنىڭ سالون بېتى كۆرىنىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن 关注 نى چىكىمىز.
关注 نى چەككەندىن كېيىن چىققان كۆزنەكتىن 查看消息 نى تاللىساق ئالىم بىز سالونىنىڭ باش بېتىگە كىرىمىز. بۇ يەردىن ئۇچۇر قايتۇرۇش رامكىسىغا يۇقىرىدا دېگەندەك سان ۋە سۆزلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولالايمىز.
يۇقىردىكى ئۇسۇللار بۇيىچە ئالىم بىزنىڭ ئۈندىداردىكى سالونىغا كىرىپ سەر خىل مەزمۇنلاردىن بەھىر ئالالايسىز. ئەمدىكى مەسىلە بۇ سەر خىل مەزمۇنلاردىن سىزلا ئەمەس بەلكى، دوستلىرىڭىزمۇ نەپ ئالسۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق سالونىمىزنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
سىز ئالىم بىز سالونىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈندىدارنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسى يەنى ئادېرىس خاتىرىسىگە قارىسىڭىز، ئالىم بىز سالونى كۆرىنىدۇ. شۇنى تاللايمىز.
چىققان بۇ كۆزنەكتىن رەسىمدىكىدەك رامكىغا ئېلىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇننى تاللايسىز.
بۇ يەردىكى كۆزنەكتىن 推荐给朋友 دېگەن تۈرنى تاللاپ، ئۆزىڭىز خالىغان دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالىم بىزنىڭ ئۈن دىدار (ۋېي شىن) دىكى سالون نامى: alimbiz
بۇ ياخشى ئىش بولدى. سىزنى قوللايمىز. مەنمۇ بىر نەچچە دوستلىرىمغا تەۋىسيە قىلىپ قويدۇم.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. قوللايمىز، مەنمۇ دوستلىرىمغا تەشۋىق قىلىمەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
دوستلارنىڭ قوللىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت!
يۇقىرىدىكى يازمىدا ئالىم بىزنىڭ ئۈندىداردىكى ئىقتىدارىدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. لېكىن كۆپ قىسىم دوستلىرىمىزنىڭ تېلفۇنلىرى ئۇيغۇرچىنى قوللىمىغاچقا، سۆزلەرنى كىرگۈزەلمەي ياكى كىرگۈزسىمۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ، يازمىدىن تۇلۇق بەھىر ئالالمىغان ئەھۋاللار ئىنكاس قىلىندى. شۇڭا سالونىمىزنىڭ بىر قىسىم تەڭشەكلىرى قايتا تەڭشەلدى. بۇندىن كېيىن يازمىلارنى مۇقىم بەلگىلەپ بەرگەن سانلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق يازمىلاردىن بەھىرلىنىشىڭلارنى سورايمىز.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇرادەر قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ماۋۇ 345416771 چ چ نى قوشۇۋالسىڭىز بوپتىكەن، سىزگە پايدىلىق بىر ئۇچۇر بارتى….
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكىرە. مۇبارەك قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئالىم بىز بلوگىنىڭ ئۈندىدار سالۇنىغا يوللىغان ئېسىل يازمىلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتىمەن. ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! ئەمدى سىزدىن ئازراق ياردەم سوراي دېگەن. بلوگنىڭ ئۈندىدار سالۇنىنى قانداق قۇرىمىز؟ مەنمۇ بلوگۇمدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپرەك ئادەمگە يوللاپ بېرەي دېگەن. مۇمكىن بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
بۇ مەسىلىدە مەنمۇ باشتا بىلەلمىگەن ئىدىم. كېيىن پاراۋوز ئەپەندى تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرۈشتۈرۈپ بەرگەن ئىدى. قالدى ئىشلىرىنى يەنى يازما يوللاش، تەھرىرلەش، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاش دېگەندەك ئىشلىرىنى ئۈزەم قىلغان ئىدىم. مىنىڭچە تەس ئەمەس. ئاۋال ماۋۇ ھدېرىسقا كىرىپ تىزىملىتىڭ.
http://kf.qq.com/product/weixin.html
مەن ئۆيدە ياكى ئىشخانىدا بولغان بولسام تەپسىلى دەپ بىرەلەيتتىم. تۈۋەنگە خىزمەتكە چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا قۇلايسىز بۇلۇپ قالدى.
ياكى بولمىسا پاراۋوز ئەپەندى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ باقامسىز؟
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: