ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يىتتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر

يىتتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر

2013-02-22 12:23     كۆرۈلۈشى: 1433 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: غالىپ مۇھەممەت قارلۇق        جۇڭگونىڭ مۇتەپەككۇر يازغۇچىسى لۇشۈن كونا زاماندىكى نائىنسابلىققا ‹‹ئىنساب›› دەپ مۇراجىئەت قىلغان ئىكەن. مېنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار، ئەركىن دەۋرىمگە قاراپ ‹‹ئەخلاق››نى تەكى....

غالىپ مۇھەممەت قارلۇق

 

     جۇڭگونىڭ مۇتەپەككۇر يازغۇچىسى لۇشۈن كونا زاماندىكى نائىنسابلىققا ‹‹ئىنساب›› دەپ مۇراجىئەت قىلغان ئىكەن. مېنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار، ئەركىن دەۋرىمگە قاراپ ‹‹ئەخلاق››نى تەكىتلىگۈم كېلىدۇ. چۈنكى، ئەخلاق ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئادىمىيلىك كاپالىتى، قانۇننىڭ قولى يەتمىگەن جايغا ئەخلاقنىڭ كۈچى يېتەلەيدۇ. شۇڭا، ئەخلاق ھەققىدە تارىختىن بۇيان تالاي دەستۇرلار يېزىلغان، ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن تالاي ئۈگۈت – نەسىھەتلەر قالغان. ئۇنداقتا ئەخلاق دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ مەنىسى ئەنئەنىۋى قاراش – ئادەتلىرىمىزدىن ئاللىبۇرۇنلا مەلۇم. يەنى، ئەخلاق كىشىلەر بىلەن كىشىلەر، كىشىلەر بىلەن جەمئىيەت، كىشىلەر بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ – تىزگىنلەيدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە روھىيەت مىزانىدۇر. ئەخلاق كەڭ ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا ئورتاقلىقىمۇ، مىللەتكە خاسلىقىمۇ بار. تىلىمىزدىكى ‹‹ئەخلاق›› ئاتالغۇسى ئەرەبچىدىن كىرگەن بولۇپ،مەنىسى ‹‹خۇلق، مىجەز، ساپا، نەپىسلىك…›› دېگەنلىكتۇر. تىلىمىزدىكى ‹‹ئەدەب›› ۋە ‹‹ئەدەبىيات››مۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى ئۇ گۈزەللىك ياراتقۇچى پەن، ‹‹پەزىلەت›› سۆزلىرىمۇ بۇنىڭغا يانداش قوللىنىلىدۇ.

     ئەخلاق كۆپىنچە ھاللاردا ئۆرپ – ئادەت، ئېتىقاد بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. تىلىمىزدىكى نۇرغۇن ‹‹يامان بولىدۇ›› لار ئەمەلىيەتتە ئەخلاق بىلەن بەكرەك مۇناسىۋەتلىك. كونىلاردا ‹‹ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋانىيلىقنىڭ ئارىسى بىر قەدەم›› دېگەن گەپ بار. بۇمۇ ئەخلاققا قارىتا ئېيتىلغان.

     خەلقىمىز ئەخلاقشۇناس خەلق. ئەخلاق قاراشلىرىمىز تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن، ئۆزىمىزگە خاس مول ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىز بار. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك كەچۈرمىشلىرى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە ئىزچىل ئەمەل قىلىنغان روھىيەت ئۆلچىمىدۇر. بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەخلاقىمىز، ياشاش لوگىكىمىز ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى ئاساس، خېمىرتۇرۇچ قىلغان. ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاز بىر قىسىم پاسسىپ تەركىبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن ماياك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن ئىزاھلىشىمىز مۇمكىن: بىرى، ئەنئەنىۋى جامائەت ئەخلاقىي؛ يەنە بىرى، ئەنئەنىۋى ئائىلە – نىكاھ ئەخلاقىي؛ ئۈچىنچىسى، ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەخلاقىي. بىز مۇشۇ نۇقتىلاردىن ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا باقساق، ئەخلاق ئېڭىمىزدا مەلۇم چېكىنىشنىڭ، ئەخلاق قارىشىمىزدا مەلۇم ئۆزگىرىش – ئېزىقىشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ھازىرقى سەگەك كىشىلىرىمىز بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. ئەمما خېلى بىر قىسىملىرىمىزدا، بولۇپمۇ بەزى ياشلىرىمىزدا ئەنئەنىۋى ‹‹ئىنساب››، ‹‹ئەخلاق››ئېڭى سۇسلىماقتا. بۇ بۈگۈنكى ئىلغار، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىمىزغا زىت. شۇڭا، ئىنساب، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرىمىزنى يىتتۈرمەيلى!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter