ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

2013-04-09 10:16     كۆرۈلۈشى: 1411 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن        دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاس ئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىد....

مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن

 

     دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاس ئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنى تەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ، ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     ئاپتونوم رايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگە ئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ، ئاستى ۋە ئەتراپىنى قومۇش، شاخ-شۇمبا بىلەن توسۇپ، مۇزخانا (ئىپتىدائىي توڭ ئىسكىلاتى) ياساپ، ئۇنىڭغا قىشتا دەريا-كۆللەردىكى توڭلىغان مۇزلارنى قاچىلاپ ساقلاپ، ئۇنىڭدىن يازدا پايدىلىنىشنى بىلگەن. بۇنداق مۇزخانىدىكى مۇزنى يازدىمۇ خاتىرجەم ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەلقىمىز يازدا بولۇپمۇ ئورما، خامان مەزگىللىرىدىكى ئىسسىقلاردا مۇزخانىلاردىكى مۇزغا قېتىق، سۈزمە (بەزىدە شىرنە قوشۇپ) ئارىلاشتۇرۇپ دوغاپ ئىچىپ ھۇزۇرلانغان. بۇنداق دوغاپ تەبىئىي مۇزنى ئاساس قىلغاچقا ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلمايدۇ. دوغاپ ئادەتتە بىرنەچچە خىل بولىدۇ. بىر خىلى مۇز، قېتىق، سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇنداق دوغاپ ساپ دوغاپ ياكى ئاق دوغاپ دېيىلىدۇ، يەنە بىر تۈرى مۇز، قېتىق، سۇ، ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن تەييارلىنىدۇ. خاس قايماق بىلەن جىگدە شەربىتى بىلەن قارا شېكەر ياكى ناۋات سۈيى بىلەن تەييارلىنىدىغان تۈرلىرىمۇ بار. يازدا ئائىلىگە مېھمان چاقىرغاندا مېھمانلارغا ئاتاپ دوغاپ تەييارلىنىدۇ.

     ئىلگىرى مەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ بىر ياكى ئىككى ئورۇندا مۇزخانا ھازىرلىناتتى، بۇ مېھنەتكە مەھەللىدىكى ئەرلەر تەڭ قاتنىشىپ، يازدا ئۇنىڭدىن ھەممە تەڭ بەھرىمەن بولاتتى. كېيىنچە دوغاپچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يۇرت-يۇرتلاردا بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن دوغاپچىلىق بازارغا يۈزلەندى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەسىپنىڭ بازارلىشىشى تېخىمۇ تېز ۋە چاپ-چاپ بولماقتا. دوغاپ گەرچە تەييارلىنىشى ئاددىي، مۇرەككەپ تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان ھۈنەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى، مېھماندارچىلىق ئېڭى، ئىچىملىك مەدەنىيىتى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرى، سودا-سېتىق پىسخىكىسى، سۈتچىلىك مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئەندىزىسى مۇجەسسەملەشكەن. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان دوغاپنىڭ مۇزلىرى سۈنئىي توڭلىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى. مۇزخانىلارغا قاچىلانغان تەبىئىي مۇزلار ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ. خېرىدارلارنىڭ پاكىزلىققا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. دوغاپنىڭ خۇرۇچلىرىغا ھېچقانداق سۈنئىي خۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئىچىملىك بولغاچقا، ياز كۈنىدە ئۇسسىغان ھەر قانداق ئادەم بىمالال ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېما.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ