Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تور مەدەنىيىتىنى رېئال ئېھتىياج بىلەن بىرلەشتۈرەيلى

تور مەدەنىيىتىنى رېئال ئېھتىياج بىلەن بىرلەشتۈرەيلى

2013-11-24 4:48     كۆرۈلۈشى: 1454 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: قانداق قىلغاندا تور مەدەنىيىتىنى رېئال ئېھتىياج بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى يېزا، كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈشكە نەزەر  شى فېڭ      تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ....

قانداق قىلغاندا تور مەدەنىيىتىنى رېئال ئېھتىياج

بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى يېزا،

كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈشكە نەزەر

 شى فېڭ

     تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمى پائالىيىتى 2 – نويابىر ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئويۇن قويۇش مەيدانىدىكى ئېكراندا كۆرۈنگەن چېھرىدىن كۈلكە پارلاپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتى مەيداندىكىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى.

     بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتتىكى چىرايلار توردا يىغىلغان 10 مىڭغا يېقىن سۈرەت ئىچىدىن تاللانغان. سۈرەتنىڭ ئاپتورلىرى ئاساسەن ئادەتتىكى تورداشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ سۈرەت تارتىش ماھارىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ، سۈرەتتىكى ئىچ – ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان خۇشاللىقتا كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بىر خىل كۈچ بار.

     بۇ سۈرەتلەر ئاددىي تۇرمۇشتىن ئېلىنىپ، تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى يېزا، كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈش شەكلى ئارقىلىق يەنە ئاساسىي قاتلامغا قايتۇرۇلۇپ، ئامما تەڭ بەھرىلەندۈرۈلۈپ، ياخشى ئايلىنىش ۋە ھەمتۈرتكىلىكنى شەكىللەندۈردى.

     تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت يۇقىرى سۈپەتلىك تور مەدەنىيىتى پائالىيىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناۋەت كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئىناۋەت كۈچى ئارقىلىق كۆرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق تارقىتىش كۈچىگە تايانچ بولۇپ، تارقىتىش كۈچى ئارقىلىق تورداشلارنى جەلپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەلرايىغا قۇلاق سېلىپ، ئىلغار ئىدىيەنى تارقىتىشتىن ئىبارەت.

     تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى يېزا، كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈشنى تور مەدەنىيىتى تەشۋىقاتىنىڭ چوڭ كارۋىنى، شۇنداقلا تور مەدەنىيىتى بىلەن رېئال ئېھتىياجنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك سىناق، دېيىشكە بولىدۇ.

تور مەدەنىيىتىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك

     ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدىكى ئۇيۇن قويۇش مەيدانىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن يۈسۈپجان مۆمىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرەر يىغىلىشقا بارسا چوقۇم ياسىنىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر يۇمۇر سۆزلەپ بەردى. بۇ يۇمۇردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، مودا قوغلىشىدىغان خاراكتېرى نامايان قىلىنغانىدى.

     يۈسۈپجاننىڭ يۇمۇرلىرى ئاساسەن تۇرمۇشتىن كەلگەن، ئۇ بەزىدە دوستلىرىغا يۇمۇر سۆزلەپ ئۇلارنى كۈلدۈرىدىكەن؛ بەزى يىغىلىشلاردا ساھىبخانلار سورۇننى قىزىتىش ئۈچۈن، ئۇنى تەكلىپ قىلىدىكەن. يۈسۈپجان: ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ياخشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، قورساق تۇيۇپ، كىيىم پۈتۈن بولغاندا مەنىۋى ئېھتىياج بارلىققا كېلىدۇ، شۇڭا ئىلىلىقلارنىڭ يۇمۇرلىرى ئەنئەنىگە ئىگە، دېدى.

     تور يۇمۇر مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا يۈسۈپجان خېلىلا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپتۇ، شۇڭا بۇ قېتىمقى تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى يېزا، كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىپتۇ.

     يۇمۇر مۇسابىقىسى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمىدىكى 14 تۈرلۈك پائالىيەتنىڭ بىرى، باشقا پائالىيەتلەر تور ناخشىچىلىرى مۇسابىقىسى، مىكرو كىنو بايرىمى، تور ئۇسسۇل بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     مەيلى شەكىل ياكى تىل جەھەتتىن بولسۇن، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىگە كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقى سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن: مىكرو كىنو ئىجادىيىتىدە، ماھىرلار كامېرانى تۇرمۇش كارتېنىلىرىغا توغرىلاپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇشاللىقى، غەم – قايغۇسى ۋە ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ مىكرو كىنو ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگىنى پۈتۈنلەي ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى.

ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن 2 – قېتىم ھەمتۈرتكە بولۇندى

     ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدىكى تاماشىبىن پەرھات موللاتوختى سەھنىدىكى كۈلدۈرگە چولپانلىرى بىلەن بىللە يۇمۇر سۆزلەشنى تەلەپ قىلدى.

     ئۇ ‹‹پو ئېتىش›› دېگەن يۇمۇرنى ئېيتىپ بەردى: ئۈچەيلەن ئالمىلىرىنى ماختاپتۇ. بىرسى: ئالمىلىرىم شۇنداق چوڭ، چوڭلىقىدىن ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويسا ئورۇندۇق سۇنۇپ كېتىدۇ، دەپتۇ. يەنە بىرسى: ئالمىلىرىمغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئورۇندۇقنى ئېزىۋېتىدۇ، دەپتۇ. 3 – كىشى: سىلەرنىڭ ئالمىلىرىڭلار ھېچنىمە ئەمەسكەن، مەن ئالمىلىرىمنى ئات ھارۋىسىغا قويىدىغان بولسام، قانداق بولىدۇ بىلەمسىلەر؟ دەپتۇ. قالغان ئىككىسى: ئات ھارۋاڭنى بېسىپ ئۆرۈۋېتەر ھە قاچان، دەپتىكەن، ئۇ: ياق، ئالمىنىڭ ئىچىدىن بىر تال قۇرت چىقىپ، ئاتنى يېۋېتىدۇ، دەپتۇ.

     تور مەدەنىيىتىنى يېزا، كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىنىڭ نىشانى توغرا، شەكلى يېڭى بولۇپ، نەق مەيداندا ھەمتۈرتكە بولۇش، توردىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، زامانىۋى مەدەنىيەت، تور مەدەنىيىتى، ئاممىۋى مەدەنىيەت بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، مەۋھۇم دۇنيا بىلەن رېئال ئېھتىياجنىڭ بىرلىشىش نۇقتىسى تېپىلدى. كونا پىروگراممىلار يېڭىلىنىپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلدى، مەيداندا ئالقىش ساداسى ۋە كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، دېدى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى شيا مىڭفاڭ.

     تور مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ يېزا، كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈلۈشى، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ تورنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

     گۈلئاۋات يېزىسىدا 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بەزىلىرى كومپيۇتېرنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ۋە ئىشلەيدىغان پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى تەس ئىكەن. يېقىندا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 70 ياشتىن ئاشقان دېھقان مۇكەررەم يېزىدىكى ‹‹يېشىل تورخانا››دا گۇاڭدۇڭنىڭ جۇڭشەن شەھىرىدىكى ئوغلى، نەۋرىسى بىلەن سىندا كۆرۈشۈپ، سۆزلەشكەن. ئۇ كومپيۇتېردىن كۆرۈشمىگىلى يېرىم يىل بولغان نەۋرىسىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىدىن يىغلاپ كەتكەن.

     كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىنىمۇ ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ.

تور مىكرو پائالىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭ ئوبرازى نامايان قىلىندى

      1- نويابىر ئۇيۇن قويۇش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مىكرو بىلوگدا نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەت ۋە پائالىيەت توغرىسىدىكى ماقالىلەر چىقىرىلدى. 100يىللىق پۇتبول كەنتى، دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىكساق كەنتىدىكى پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ توردا ئالاقىلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، جايلاردىكى تورداشلارنىڭ بەس – بەستە تارقىتىشى بىلەن، بۇ قىسقا خەۋەر تېزلا تەرەپ – تەرەپكە تارقالدى ھەم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

     تور مىكرو پائالىيىتى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ‹‹ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن شىنجاڭلىق!››. يېقىندا توردا شىنجاڭ شامىلى ئەۋج ئالدى. تور بېكەتلىرى ۋە تورداشلار ئارىسىدا 100 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام قەھرىمانلىرى مەيدانغا كېلىپ، سانسىز تورداشلارنى تەسىرلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاقلاشقان، كەڭ قورساق، تىرىشچان ئوبرازى نامايان قىلىندى.

     بۇ قېتىمقى تور پائالىيىتى ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشىغان ۋە ئىشلىگەن تورداشلارنىڭ ‹‹شىنجاڭ سۆيگۈسى››نى ئۇرغۇتتى. شەندۇڭدىن كەلگەن غەربىي يۇرت پىلانى پىدائىيسى لى خۇيشېڭنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغانىدى، بۇلتۇر ئۇ يەنە دوكتور ئايالىنىمۇ شىنجاڭغا ئەكەلدى. ‹‹شىنجاڭلىقلار ئاددىي – ساددا، ئاق كۆڭۈل خەلق، بۇ زېمىننى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مەنمۇ شىنجاڭلىق››، دېدى.

     ھازىرغا قەدەر، ‹‹ياخشىمۇ سىز؟ مەن شىنجاڭلىق!›› دېگەن مىكرو بىلوگ ئۇچۇرىنى تارقىتىش – باھالاش مىقدارى 110 مىڭدىن، تور پائالىيىتىنىڭ توردىكى ئوقۇلۇش مىقدارى 84 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئاشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خۇ خەنمىن: تور مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت جەمئىيەت كۈچىنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، بۇ بايرامنى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ سەھنىگە؛ تورداشلارنى تور مەدەنىيىتى پائالىيىتىگە پائال قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى تور ئاكتىپ كۈچىنى زورايتىشنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت، دېدى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter