Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يىپەك يولى روھى تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن قىممەتلىك بايلىق

يىپەك يولى روھى تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن قىممەتلىك بايلىق

2014-06-10 5:11     كۆرۈلۈشى: 1696 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جاڭ كېراڭ      نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قەدىمىي يىپەك يولىدا بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يىپەك يولى روھىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنداقتا يىپەك يولى روھىنىڭ مەنىسى نېمە؟ رەئىس ....

جاڭ كېراڭ

     نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قەدىمىي يىپەك يولىدا بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يىپەك يولى روھىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنداقتا يىپەك يولى روھىنىڭ مەنىسى نېمە؟ رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە: ‹‹ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش، كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش››تەك ھەمكارلىق پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ دەل ھازىرقى زامان يىپەك يولى روھىنىڭ يادروسىدۇر.

     ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ھەرىكەتتە بىردەك ئىتتىپاقلىشىشتۇر. بۇ ھەم ئىدىيە ۋە كۈچ جەھەتتىكى بىرلىكتۇر. يىپەك يولى ئەڭ دەسلەپكى تاۋار ئوبوروتى ۋە جۇڭگو غەرب مەدەنىيىتى، دىنىي ئالاقىدىن بۈگۈنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەرەققىي قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇق، بىخەتەرلىك، زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي تۈزۈم، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەندىزىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى قوللاپ، تەھدىت ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھالەتكە كەلدى، بۇ ئۆز رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىياتىنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. شەك – شۈبھىسىزكى، ئىتىىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغان يىپەك يولى روھى يىپەك يولى بويىدىكى ئەللەرنى ئىناق ئۆتىدىغان ياخشى قوشنا، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى دوست، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان ياخشى شېرىككە ئايلاندۇرغۇسى.

     باراۋەر ئاساستا ئۆزئار مەنپەئەتلىنىش دۆلەتنىڭ چوڭ – كىچىك، ئاجىز – كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنىي ئورنى جەھەتتە باراۋەر بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. يىپەك يولىنىڭ كۆپلىگەن تارقىلىش يوللىرىدا پۈتكۈل قەدىمكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە جەريانىدا باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا باراۋەر نەپ يەتكۈزۈشتەك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چىقىش قىلىپ، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولغانلىقىدا. دېمەك باراۋەر مەنپەئەتلىنىش ئاساسىدا مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك تايانچ شەكىللەنگەن.

     كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئار ئۆرنەك ئېلىش، كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيەدە پەرقلەرگە، دۇنيا مەدەنىيىتى، تەرەققىيات يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىنى مۇستەقىل تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە قوغداپ، بىر – بىرىنى تولۇقلاش دېمەكتۇر. كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا، دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. يىپەك يولى ياۋروپا – ئاسىيا سودا قاتناش لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، تارىختا ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئېلىمىز بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنىڭ راۋاجلىنىشىدا زور رول ئوينىغان.

     ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش ئورتاق ياشاپ ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. ھازىرقى دەۋردە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، گىرەلىشىپ، بىر – بىرىگە چەك قويۇپ، چەمبەرچاس باغلىنىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى، شۇڭا، ھەمكارلاشقاندىلا قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئورتاق ياشاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. رايون ئامىلىنى ئاساس قىلغاندا، يىپەك يولى بويىدىكى ئەللەر ئۆزئارا ئالاقە باغلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى، ئۆزئارا مەدەت بېرىش، سەمىمىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى باراۋەر كېڭىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى، رايون قوشنىدارچىلىق ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر – بىرىنى تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئەۋزەللىكى، سىجىل ئېشىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردىكى ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     يىپەك يولى روھىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئالدىنقى شەرت، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، كەڭ قورساق بولۇش ئۆرنەك ئېلىش كاپالەت، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت، تۆت جەھەتنىڭ بىرلىكى ئىناق دۇنيا قۇرۇپ، خەلقئارالىق ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداشنىڭ پۈتۈن جەريانىدۇر.

يىپەك يولى روھى روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە

     يىپەك يولى بويىدىكى 3 مىلياردتىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشى بولغان يىپەك يولى روھىنىڭ ئاساسىي مۇستەھكەم، مەزمۇنى مول، قىممىتى زور، شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ روشەن دەۋرىيلىكى، ئىلغارلىقى، ئېچىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

     دەۋرىيلىكى. يىپەك يولى روھى باشتىن – ئاخىر دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلدى. دەسلەپتە يىپەك يولى ئېلىمىزدىكى چاڭئەندىن باشلىنىپ، ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئافرىقا، ياۋروپاغا تۇتاشقان قۇرۇقلۇق يولىنى كۆرسەتتى. كېيىن يىپەك يولىنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ كېڭىيىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۆۋرۈكى دەپ قارالدى. بۈگۈنكى كۈندە، يىپەك يولى ئېلىمىز بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئالاقىسىنىڭ ۋاكالەت نامىغا ئايلاندى، يىپەك يولى روھىمۇ ئىنسانلار مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ مۇھىم مەنىۋى تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق ئۆزگىرىش بولماقتا، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق دەۋر ئېقىمىدۇر، يىپەك يولى روھى مۇشۇ دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى ئىپادىلىدى، ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش مەنپەئەتى ۋە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇيىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

     ئىلغارلىقى. يىپەك يولى روھى ئىلغار مەدەنىيەت ئالاقىسى پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى تاۋار سودىسى ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، مەدەنىيەت، ئىدىيە، دىن، مىللەتلەر ئالاقىسى ۋە زور قوشۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. يىپەك يولى ئارقىلىق قىلىنغان ئالاقە ۋە سودا ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جۇڭگو، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپادا تېز تەرەققىي قىلىپ، سانسىز يېڭى تاۋار، تېخنىكا ۋە ئىدىيە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تارقالدى. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشنىڭ دەسلەپكى ئەندىزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ سودا يولى يەر شارىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا تومۇرى دەپ ئاتالدى. ئېلىمىز ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئۆزئار ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش يادرو قىلىنغان يېڭى بىخەتەرلىك قارىشى، يېڭى ھەمكارلىق قارىشى، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بولۇپ، يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى يېڭى ۋاسىتە ۋە يېڭى تۈگۈن بىلەن تەمىنلەپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغۇسى.

     ئېچىۋېتىلگەنلىكى. ئېچىۋېتىش خاراكتېرى يىپەك يولى روھىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. يىپەك يولى روھى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىك تەرىپىنى تولۇق نامايان قىلدى. قەدىمدە يىپەك يولى ئېلىمىزدىكى چاڭئەندىن باشلىنىپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ياۋروپا، ئافرىقىغا تۇتاشقانىدى، بۇ ئېلىمىز تارىخىدىكى ئاۋات، ئېچىۋېتىلگەن دەۋرگە ئىسپات بولۇپ، ئەينى زامان دۇنيا ئەللىرى ئالاقىسىدە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى ئوينىغانىدى. بۈگۈن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئېلىمىز تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيە بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى، تېخىمۇ ئاكتىپ تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كەمتەر پوزىتسىيە بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەر تەرەققىياتىنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ھەرىكىتى بىلەن خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن ئورتاق پايدا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يىپەك يولى روھى ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش قىممەت ئىنتىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

     ئەمەلىيەتچىللىكى. ئەمەلىيەتچىللىك يىپەك يولى روھىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئىنسانلار سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ئەركىن سودا ئەمەلىيىتى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى نۇرغۇن مۇھىم ماددىي مەدەنىيەتلىرى، مەسىلەن يىپەك، فار – فۇر، چاي ھەم نۇرغۇن ھۈنەر سەنئىتى ۋە كەشپىياتلىرى، قەغەز ياساش تېخنىكىسى، باسما تېخنىكىسى، كومپاس ۋە مىلتىق دورىسى قاتارلىقلار يىپەك يولى ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە تارالغان. ھازىرقى دەۋردە بىز ئىشنى سىياسەت ئالاقىسى، يول تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل ئوبورۇتى، خەلق رايىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق بەش جەھەتتىن باشلاپ، ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تولۇق ئېتىبار بېرىش ۋە ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىدا سودا ۋە سېلىنما ساھەسىدە تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىشىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلىغاندىلا، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ روناق تېپىش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز.

يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا – ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ

يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

     يىپەك يولى روھى ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرى ئالاقىسىنىڭ تارىخىي جەريانىدا جۇغلانغان تەجرىبىلىرى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنىڭ يەكۈنى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە، ئۇنىڭغا چوقۇم ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدىيە ئاساسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يىپەك يولى روھى باراۋەر پۇرسەت، ئورتاق مەنپەئەت، تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان مۇۋەپپەقىيەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرى يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىغا، يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىناق ئۆتىدىغان ياخشى قوشنا، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى دوست، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان ياخشى شېرىككە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش كېرەك. ھازىر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، ئۆزىنى تەڭشەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشكە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ: ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز يېڭىچە ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى، لىنىيە ئارقىلىق رايوننى يېتەكلەپ، رايونلار چوڭ ھەمكارلىقىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى. يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان رايون ھەمكارلىقىدۇر، ئۇ شەرقتە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي چەمبىرىكى، غەربتە ياۋروپا ئىقتىسادىي چەمبىرىكى بىلەن تۇتىشىدىغان، 40 نەچچە دۆلەت، 3 مىليارد ئاھالىگە چېتىلىدىغان، مۇشۇ لىنىيە ياقىسىدىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان زور ئىش بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، يىپەك يولى روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش كېرەك.

     ياۋروپا – ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرى تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە، شۇنداقلا كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر، زەھەر ساتقۇچىلار، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتچىلەر بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەكتە. بۇ خىرىسلارغا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىل قارشى تۇرۇشى قىيىن. ھەر قايسى دۆلەتلەر يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئالماشتۇرۇپ، زور پائالىيەتلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى تەسىس قىلىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنى تەقدىرداش، مەنپەئەتداش ئورتاق گەۋدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى مۇقىملىق ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تايانچىغا ئايلاندۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ، رايوننىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

     يىپەك يولى روھى كەڭ قورساق بولۇپ ئورتاق ئۆرنەك قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ بىر – بىرىگە يول قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندى. ھەر قايسى ئەل، مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، ئىنسانلار مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. يىپەك يولى بويىدا 40 نەچچە دۆلەت، 200 دىن ئارتۇق مىللەت بار، ھەر بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى بار، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلام، سىلاۋىيان، جۇڭخۇا، ھىندى قاتارلىق تۆت چوڭ مەدەنىيەت گىرەلەشكەن ئورۇن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتگە ئىگە ياۋروپا – ئاسىيا ئەللىرى خەلقلىرى يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، بىر – بىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىناق ئۆتكەندىلا، ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter