Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس

كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس

2014-06-11 5:36     كۆرۈلۈشى: 1691 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابدۇغېنى مۇقىم      مائارىپ – ئەسلىي ماھىيەتتىن ئېيىتقاندا، تەبىئىي ئادەمنى ئىجتىمائىي ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغان جەريان. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىجتىمائىيلاشمىغان، ئەمەلىيلەشمىگەن، جەمئىيەتكە ....

ئابدۇغېنى مۇقىم

     مائارىپ – ئەسلىي ماھىيەتتىن ئېيىتقاندا، تەبىئىي ئادەمنى ئىجتىمائىي ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغان جەريان. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىجتىمائىيلاشمىغان، ئەمەلىيلەشمىگەن، جەمئىيەتكە يۈزلەنمىگەن مائارىپنى مائارىپ دېگىلى بولمايدۇ.

     ھازىرقى مائارىپتا مۇشۇ ئۆلۈك مائارىپنىڭ ئىزنالىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەنى، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان بىر ئىستۇدېنت بىلەن باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپلا جەمئىيەتكە چىققان بىر ‹‹قۇلاق كەستى››نىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇستازىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ياخشى ئوقۇغان سىتودېنتنىڭ ئۆزىنىمۇ، سۆزىنىمۇ كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى بولمايدىغان، ئۇستازىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان؛ ‹‹قۇلاق كەستى›› ئوقۇغۇچىنىڭ بولسا، ئۇستازىنى كۆرسە سالام قىلىپ، ئۇدۇل كېلىپ قالسا مېھمان قىلىپ يولغا سالىدىغان ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭىمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز: ‹‹ياخشى ئوقۇغانلارغا قارىغاندا ناچار ئوقۇغانلارنىڭ ئادەمىيگەرچىلىكى كۈچلۈك، ياخشى ئوقۇغانلار كىتابىي بىلىم بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەتكە ئارىلاشمىغاچقا، قائىدە – يوسۇننى بىلمەيدۇ›› دەيدۇ. دېھقانلارمۇ‹‹ھازىرقى مائارىپ بالىلارغا نېمە ئۆگىتىدىغاندۇ؟! چوپچوڭلا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ، ئادەمگە سالام قىلماي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق دەپ، ياۋايى بولۇپ قاپتۇ، بۇ بالىلار…›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.

     مەن بىر يىللىق تەربىيەلىنىشكە بارغان ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتىمۇ يۇرتىمىزدىن بارغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالىمىنى خېلى تاما قىلىپ باقتىم، لېكىن مېنىڭ كۆرگىنىم، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئۇچرىشىپ قالسىمۇ، يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىش بولدى. شۇڭا مەنمۇ سالام قىلىشتا تەشەببۇسكار بولالمىدىم. جەمئىيەتنى يەنە تەكشۈرۈپ باقساق، بىزنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاتا – ئانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش يوسۇنىمىزنى بۇزۇپ، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئاتا – ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئىستۇدېنتلىرىمىزنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ۋە ياتلىق بولغىچە تاماق ئېتىشنى ئۆگەنمىگەن قىز ئىستۇدېنتلىرىمىزنى ئۇچرىتىمىز. ئەسلىدە قىزلار 11 – 12ياشلاردا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ بولۇشى، چىۋەر، ئىشچان قىزلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئائىلە مائارىپىمىزنىڭ، جۈملىدىن، بىزنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىمىزنىڭ جەۋھىرى ئىدى. لېكىن بۇنداق ئائىلە مائارىپى مەكتەپتىكى كىتابى مائارىپقا بويسۇنۇپ ‹‹بالىلارنى ئۆي ئىشىغا سالسا، ياخشى ئوقۇيالمايدۇ.›› دېگەن بىمەنە پەلسەپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ياخشى ئوقۇپ ئىلىم – پەندە ۋايىغا يەتتىمىكىن دېسەك، بەش يىل ئالىي مەكتەپتە فىزىكا كەسپىدە ئوقۇپ، ئائىلىسىدىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىمىنى ئۇلىيالمايۋاتقان، تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، بىر پارچە ماقالىنى قاملاشتۇرۇپ يازالمايۋاتقانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگىنىنى جەمئىيەتتە ئىشلىتىپ كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز.

     كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس. شۇڭا، پەرزەنتلىرىنى كادىر قىلىش ياكى ئالىم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتىدىغان ئاتا – ئانىلار ئەمدىلىكتە ھازىرقى جەمئىيەتكە قاراپ، ئۆزىگە ۋاپادار، ئىنسابى بار بالا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش خىيالىنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مائارىپىمىز ئەخلاقتىن، ئېسىل قائىدە – يوسۇنلىرىمىزدىن چەتتە قالمىسۇن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter