ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
كومىتېتى تېپىپ چىققان 100 مەسىلىدىن
ھېس قىلغانلىرىم
شى گاڭ
گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى سىياسىدا كۈچلۈك بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ئىستىل›› مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىدلەش ھالقىسىدىكى قىيىن نۇقتا. قانداق قىلغاندا مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىققىلى، دىققەتنى ساقلانغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تېپىپ چىققان 100 مەسىلىدىن جاۋابقا ئېرىشتىم.
بىرىنچىدىن، ‹‹كونكرېتلاشتۇرۇلغاندىلا چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولۇش›› گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ‹‹مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق تېپىپ چىقىشنى، مەسىلىلەر قانچە كونكرېت تېپىپ چىقىلسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقى››نى تەكىتلىدى. مەسىلىلەر كونكرېت تېپىپ چىقىلغاندىلا، قاراتمىلىق تۈزەتكىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالدى بىلەن ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نى چىڭ تۇتتى، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››دە، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاشتىن سىرتقا قارىتىلغان زىياپەتنى 45 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككىچە ھەر بىر تۈر شۇنچە ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تېپىپ چىققان 100 مەسىلە ئىچىدە، بىز ‹‹نەزەرىيەۋى ئۆگىنىش سىستېمىلىق ئەمەس››، ‹‹ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش يېتەرسىز››، ‹‹ئىدىيەدە ئازاد بولۇش يېتەرلىك ئەمەس››، ‹‹يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر››… دېگەندەك ئەستايىدىل بولمىغان يۈزەكى مەسىلىلەرنى بايقىمىدۇق، مەسىلىلەر دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، كونكرېت، بىۋاسىتە، ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىنى خىجىل قىلىدىغان، جىددىيلەشتۈرىدىغان مەسىلىلەر ئىكەن.
ئىككىنچىدىن، ياخشى ئىستىل گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەسىلىنى تېپىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىش – قىلالماسلىق مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش – چىقالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى. رېئال تۇرمۇشتا، بەزى يولداشلار مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشتا ‹‹ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇۋېلىش››تىن ئەنسىرەيدۇ، بەزى يولداشلارنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشى ياخشى بولۇپ، مەسىلە تېپىپ چىقسا ئوبرازىغا تەسىر يېتىشتىن قورقىدۇ، يەنە بەزى يولداشلار تېپىپ چىققان مەسىلىلەر كۆپ بولۇپ كېتىپ ‹‹ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ دورا يېيىش››تىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش چاتاق تېپىپ يۈرىدىغانلا ئىش. بىزدە ‹‹نۇقسانسىز ئادەم بولماس، مۇتلەق ساپ ئالتۇن (بولماس)›› دېگەن گەپ بار، گەپ مەسىلىنىڭ بار يوقلۇقىدا ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىدىغان جۈرئەتنىڭ بار – يوقلۇقىدا، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا دادىل بولۇش – بولالماسلىقتا. قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ‹‹مېنى توپقا تۇتۇڭلار›› دېيەلەيدىغان جاسارەتنى نامايان قىلغاندىلا، مەسىلىنى ھەقىقىي بايقىغىلى ۋە تونۇغىلى، مەسىلىلەرنى كونكرېت تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. 100 مەسىلە بىر خىل ئىدىيەۋى شەكىلنى، بىر خىل خىزمەت ھالىتىنى ، بىر خىل ياخشى ئىستىلنى گەۋدىلەندۈرگەن.
ئۈچىنچىدىن، ‹‹ئۆزى تېپىش›› گەۋدىلەندۈرۈلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزى تېپىپ چىقىپ، ئۆزى ھەل قىلسا ئەڭ تەشەببۇسكار بولىدۇ››، دېدى. بىلىشىمچە، 100 مەسىلە ئىچىدىكى 33 مەسىلىنى رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپى ‹‹ئۆزلىرى تېپىپ چىققان›› ئىكەن، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن ئۆتكۈر مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئارقىلىق ئاممىغا رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتى بىلدۈرۈلگەن. مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشتا ‹‹ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزى تېپىش، يۇقىرى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۆز ئارا ياردەم قىلىش›› زۆرۈر، ئەمەلىيەت 1 – باسقۇچتىكى مەركەزلەشتۈرۈلگەن ‹‹ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش››، ‹‹ئۆزى تېپىش››نىڭ ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە مۇھىم ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. رەھبىرىي كادىرلىرىمىزنىڭ ساپاسىغا، ئىقتىدارىغا، تەجرىبىسىگە، ئېڭىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك، ئۇلار ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئامما ئوتتۇرىغا قويمىغان مەسىلىلەرنىمۇ تېپىپ چىقالايدۇ.
تۆتىنچىدىن، رەھبەرلىك باشلامچى بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىرىنچى قول باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسىي تەجرىبىسى. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى مەسىلىلەرنى ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ تېپىپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ھەر ۋاقىت ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىپ، باشلامچى بولۇپ ئويلىنىپ، باشلامچى بولۇپ ئىشلەپ، ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويغان، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرگەن، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تەلەپچانلىق بىلەن ئانالىز قىلغان. ئاساسىي مەسئۇل يولداش پېنسىيە يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، پائالىيەت لايىھەسى، مۇھىم سۆزنى ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقىپ تۈزەتكەن؛ كاماندىروپكىغا چىققاندا ئۆگىنەلمىگەنلەر قايتىپ كەلگەندە باشلامچىلىق بىلەن تولۇقلاپ ئۆگەنگەن؛ پارتگۇرۇپپىدىكى يولداشلارنىڭ بېرىلگەن پىكىرلەرگە بولغان قارىشىنى بىر – بىرلەپ ئاڭلاپ، ئۆزى باش بولۇپ تۈرلەرگە ئايرىپ رەتلىگەن، بۇنداق يولداشلار بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە، ھۆرمىتىمىزگە ئەرزىيدۇ.