ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> 3- ئومۇمى يىغىن روھىدىن قىسقىچە تەسىرات

3- ئومۇمى يىغىن روھىدىن قىسقىچە تەسىرات

2013-11-19 12:37     كۆرۈلۈشى: 11,446 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي  يىغىن روھىدىن قىسقىچە تەسىرات راخمان مامۇت      ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەركىز....

ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي

 يىغىن روھىدىن قىسقىچە تەسىرات

راخمان مامۇت

     ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

     ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن، مەن رادىئو، تېلىۋىزىيە، گېزىت ۋە ژورناللارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋەرلىرىگە ئالاھىيدە دىققەت قىلىپ، يىغقان ماتىرياللىرىمنى قايتا – قايتا كۆرۈش ئارقىلىق، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قىسقىچە تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.

     ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى 2013- يىلى 9- نويابىردىن 12- نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

     ئومۇمىي يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ، ج ك پ 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان 35 يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

      ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالغان: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتە چوقۇم يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى بەختلىك قىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدىكى نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمى نىشانى كۆرسىتىلىپ، مۇنداق ئوتتۇرغا قۇيۇلغان: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئومۇمىي نىشان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك سىياسىي، ئىلغار مەدەنىيەت، ئىناق جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بارلىق ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق مەنبەنى تولۇق قېزىپ، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

     ئومۇمىي يىغىندا ئىقتسادىي تۈزۈلمە ھەققىدە مۇنداق ئوتتۇرغا قويۇلغان: بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسى، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يادرولۇق مەسىلە – ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچلۇق رولغا ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

     ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: 2020 – يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجە قازىنىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

     ئومۇمىي يىغىندا يەنە: ھوقۇق، خىزمەت ۋە ئادەمنى تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نازارەتچىلىك ھوقۇقى بېرىش، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش ھوقۇقنى تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي تەدبىر دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان. شۇنداقلا، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈلمە مىخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، تېببىي دورا، سەھىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلەنگەن.

     ئومۇمىي يىغىندا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئانالىز قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ مۇھىم قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھات تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىش ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىزدىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، رەھبەرلىك، مەسئۇلىيەتنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ