جەن ۋېنمىڭ
بىرىنچى، مۇھىت، بۇرۇچ ۋە يادرولۇق كۈچكە مۇناسىۋەتلىك پەرەزلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس كېلىشى كېرەك. ئەگەر بارلىق پەرەزلەر سىرتقى دۇنيانىڭ ئارزۇسى، قىممەت قارىشى ۋە ئېھتىياجىغا ماس كەلمىسە، خېرىدارلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى كارخانا ئىچىدە مەڭگۈ ‹‹تىرىشىش ۋە تەننەرخ››لا مەۋجۇت بولىدۇ، ‹‹سىرتقى دۇنيا›› بولغاندىلا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالنى سېزىش تەس، نۇرغۇن كىشى قەستەن ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ ياكى بولمىسا، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلەيمەن، ئۇنى بىر تەرەپ قىلالايمەن، دەپ ئويلايدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ، ئەمەلىيەتتە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەرگە سەل قارايدۇ.
ئىككىنچى، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئۈچ جەھەتتىكى پەرەز چوقۇم ئۆز ئارا ماسلىشىشى كېرەك. بۇ ئۈچ پەرەز ئۆز ئارا ماسلاشقاندىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، يادرولۇق كۈچ قانچە كۈچلۈك بولغىنى بىلەنمۇ كارخانىنىڭ بۇرچى بىلەن ماسلىشالمايدۇ، ئاخىرىدا كارخانىلار ئىشنى ‹‹توغرا›› قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسى ئويلىغاندەك چىقمايدۇ، ھەتتا ئازراقمۇ ئۈنۈم كۆرۈلمەيدۇ. قانچىلىك كۈچلۈك يادرولۇق كۈچ ياكى ئۇلۇغ بۇرچ بولسۇن، مۇھىتتىن ئايرىلىدىكەن، سىرتقى دۇنيا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ئۈچىنچى، باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى كارخانىدىكى ھەممە كىشى بىلىشى ھەم چۈشىنىشى كېرەك. باشقۇرۇش نەزەرىيەسى بىر – ئىككىلا ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس ۋە ياكى ئالىي باشقۇرغۇچىلارلا تىلغا ئالىدىغان تېما ئەمەس، ئۇ كارخانىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشىنى شەرت قىلىدۇ، شۇڭا، كارخانىدىكىلەر چوقۇم باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى تونۇشى ھەم چۈشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، كارخانا ئۈنۈم يارىتالايدۇ.
تۆتىنچى، باشقۇرۇش نەزەرىيەسى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ تۇرۇلۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ھەرقانچە ياخشى باشقۇرۇش تۈزۈمىمۇ بىر مەزگىللا ئۈنۈم بېرەلەيدۇ، ۋاقىت توشقان ھامان تەكشۈرۈپ تۈزىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلىمىزنىڭ كارخانىلىرىدا ئۆزگىرىش كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. باشقۇرۇش نەزەرىيەسى بىر خىل پەرەز، ئۇ جەمئىيەت، بازار، خېرىدار، پەن – تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان پەرەز. شۇڭا، ياخشى باشقۇرۇش نەزەرىيەسى چوقۇم ‹‹ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاش›› ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
خالىسىڭىز مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالارسىز.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئۆكتەبىر 27th, 2011 at 15:29
مۇبارەك قەدىمىڭىزگە قۇت بولسۇن!
ئەلۋەتتە ئۇلىنىش قىلىۋالىمەن – دە! لوگو ئادىرىسى بولسا لوگولۇق ئۇلۇنىشقىمۇ قېتىۋالسام بۇلاتتى.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
سەت بولدى، لوگو رەسىمىنى ئىشلىمەپتىكەنمەن.
بىلوگىڭىزدىكى يازمىلار ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىكەن. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا سىزنىڭ بۇ بلوگىڭىزغا ماس كېلىدىغان جىق ياخشى ماقالىلەر بار ئىدى. ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى بولغان بولسا سىزگە تەمىنلەپ بىرەركەنمەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئۆكتەبىر 27th, 2011 at 21:37
سىز دېگەندەك بۇ ژورنال مىنىڭ بلوگىمنىڭ يازما مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم ئاستا بولغان نۇرغۇن ياخشى ماقالىلارنى ئۇرۇپ چىقالمىدىم.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ژۇرنالنىڭ بەزى سانلىرىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە، قامۇسچاق دېگەن سەھىپىلىرىدە تارىخقا، سىياسىيغا ئائىت ئىككى- ئۈچ بەتلىك قىسقا- قىسقا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپتىكەن. بولسا شۇ نداق ماقالىلەرنى كىرگۈزۈپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئۆكتەبىر 29th, 2011 at 09:18
توغرا دىدىڭىز، بۇ ئۇسۇلمۇ بۇلىدىكەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: