ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «سىياسىي جىنايەتچى» لەر سودىسى

«سىياسىي جىنايەتچى» لەر سودىسى

2011-10-22 11:05     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شەرقىي گېرمانىيە بىلەن غەربىي گېرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى «سىياسىي جىنايەتچى» لەر سودىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان دېموكراتىك گېرمانىيە (شەرقىي گ....

شەرقىي گېرمانىيە بىلەن غەربىي گېرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى

«سىياسىي جىنايەتچى» لەر سودىسى

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان دېموكراتىك گېرمانىيە (شەرقىي گېرمانىيە) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، فېدىراتىپ گېرمانىيە (غەربىي گېرمانىيە) بىلەن 26 يىل داۋاملاشقان ئالاھىيدە بىر تۈرلۈك سودا ئېلىپ بارغان. يەنى ئۆز دۆلىتىدىكى «سىياسىي جىنايەتچى» لەرنى غەربىي گېرمانىيىگە يۇقىرى باھادا ساتقان. 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي گېرمانىيە ئىلگىر – كېيىن بۇلۇپ 30 نەچچە مىڭ ئادەمنى سېتىپ، 3 مىليارد مارك نەپكە ئېرىشكەن.

روسىيە «چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى تور بېكىتى» يېقىندا بۇ سودىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارلىدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا غەربىي گېرمانىيىگە بىر قىسىم «سىياسىي جىنايەتچى» لەرنى سېتىشنى قارار قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە قارشى تەرەپ بىلەن مەخپى سۆھبەتلەشكەن.

كەسكىن باھا تالىشىش ئارقىلىق، غەربىي گېرمانىيە «سىياسىي جىنايەتچى» لەرگە بىردەك سۈپتىگە قاراپ باھا قويۇشنى بىكىتكەن. يەنى ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ قىممىتى 40 مىڭ مارك قىلىپ بىكىتىلگەن. شەرقىي گېرمانىيە يۇقىرى ساپالىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىق خادىملار، مەسىلەن: دېپلوماتلار، قۇرۇلۇش ئېنژىنىرى ۋە دوختۇرلارنى قويۇپ بىرىشنى خالىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ باھاسىنى بىر قاتلاپ 80 مىڭ مارك قىلىپ بېكىتكەن. باشقا كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە قېچىشىغا يارىدەملەشكەن ياكى چەتئەللەرنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش سەۋەپلىك جازالانغانلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ 200 مىڭ ماركقا يەتكەن.

پۈتكۈل سودا جەريانى مەخپى