ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلەر ھاياتى >> تەپسىلاتى

مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ

     15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ۋە ئېلىم – پەن تازا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ ، بۇ دەۋردە يالغۇز ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ، فىزىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرمۇ راۋاج تېپىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالەمشۇمۇل ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبەگ (ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي) ئەنە شۇلاردىن بىرىدۇر. ئۇلۇغبەگ 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللىتىپ تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.

      ئىلىم-پەندە داڭقى چىققان قەدىمكى شەھەر سەمەرقەنت 13- ئەسىردە چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ ، كېيىن كونا ئورنىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە يېڭىۋاشتىن قەد كۆتۈرگەن. شۇ چاغدىكى سەمەرقەنت شاھى ئاقساقتۆمۈر (تۆمۈرلەڭ) نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ، ئامۇ – سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ زېمىن ماۋرائۇننەھىرگە پىرىسىيە، خارازەم، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيە قۇرۇپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان. ئاقساقتۆمۈر ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قايتىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان سەمەرقەنتنى بېزەشكە ئىشلىتىپ، ھەيۋەتلىك مەسچىت، مەدرىس، ساراي ۋە چاھارباغلارنى سالدۇرغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئاقساقتۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ 1417- يىللىرى سالدۇرغان مەسچىتكە يىتىدىغىنى يوق ئىدى.

     ئاقساقتۆمۈر 1405- يىلى ئۇرۇش سەپىرىدە سىر دەرياسى بويىدىكى ئوترار شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شاھرۇھ ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشىغاندىن كىيىن، 1409- يىلى 15 ياشلىق ئۇلۇغبەگنى سەمەرقەنت شاھى دەپ جاكارلىغان. ئۇلۇغبەگ دېگەن ئەركىلەتمە ئىسىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ رەسمىي ئىسمى بولۇپ قالغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن باشقا قەبىلىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاھۇ- زارى، ئۇلار تارتىۋاتقان ھېسابسىز زۇلۇملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. مانا بۇلار ئۇنىڭ بۇ يولدىن قايتىشىغا ۋە ئۇرۇشنى توختىتىپ ئىلمى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان ئاسترونومىيە ئىلمىنى قولغا ئېلىپ، رەسەتخانا سالدۇرۇپ، ھاياتىنى ئاسترونومىيە ئىلمىنى يۈكسەلدۈرۈشكە بېغىشلاش قارارىغا كەلگەن ۋە شۇ يولدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشقان.

     ئۇلۇغبەگ شىكار قىلىشقا بەكمۇ ئامراق ئىدى، بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە مەيخانا، باغچىلارغا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا (شەيخ، موللىلارنىڭ يىلى بىلەن ئېيتقاندا «گۇناھ پۇراقلىرى» ئىچىدە) ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن برونىي، قازىزادە روھىي ۋە غىياسىدىن جەمشىد قاتارلىق ئالىم، ئاسترونوملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، نۇرغۇن يىللار تېرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 1018 ھەرىكەتسىز يۇلتۇزنىڭ ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى 15- ئەسىردىلا ئەمەس، بەلكى 17- ئەسىردىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي كەلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلى 15 يىل ئىچىدە لوندوندا ئۈچ قېتىم (1650-1652- يىللىرى) نەشىر قىلىنغان. بۇ جەدۋەل يەنە 19- ئەسىردە لوندون ئاسترونومىيە كارول جەمئىيىتى تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان. مانا بۇنىڭدىن بۇ جەدۋەلنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇلۇغبەگ شۇ چاغدا بىر يىلنى 365 كۈن 6 سائەت 10 مىنۇت 8 سېكۇنتقا تەڭ دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى زور كەشپىيات ھېسابلىناتتى . ئۇلۇغبەگ سالدۇرغان رەسەتخانا ۋە ئۇنىڭدىكى ئەسۋابلار ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، شۇ چاغدا دۇنيادا ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك ھېچقانداق كۆزىتىش ئەسۋابلىرى بولمىغان. بۇ ئەسۋابلارنىڭ تېلېسكوپ كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان. ئۇلۇغبەگ مانا بۇ رەسەتخانىدا يۇلتۇرلار ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قازانغان ئىدى. لېكىن ئۇلۇغبەگنىڭ بۇ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەسەتخور شەيخ، موللىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. چۈنكى ئۇلۇغبەگ دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى بولۇپ ، دائىم: «مەن شەيخلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇلار كۆڭۈلدىكىنى تاپالمىدى. بىر سائەتلىك مۇنازىرە 50 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل» دەپ قارايتتى. شۇڭا شەيخ، موللىلار ئۇلۇغبەگنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋپلىك دۈشمەن ھېسابلاپ ئۇنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان. ئۇلار بۇ ئىشتا ئۇلۇغبەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلىتىپتىن پايدىلانغان. چۈنكى ئۇلۇغبەگ ئابدۇللەتىپنى ياخشى كۆرمەيتتى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دائىم توقۇنۇشلار بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا سۈيقەست قىلغۇچى بۇ گۇرۇھ ئىچىدە ئۆز دادىسى ئۇلۇغبەگ تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغان سۇلدۇز قەبىلىسىدىن بولغان ئابباس دېگەن ئادەممۇ بار بولۇپ ، ئۇ دائىم دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن پەيت كۈتۈپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئۇلۇغبەگ ئابدۇللەتىپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىگەن ۋە بۇ ئىلمىي پائالىيەتنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئويلانغان. ئابدۇللىتىپ ئۇلۇغبەگنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، مەككىگە يولغا سالغان. لېكىن قارا نىيەت ئابباس ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى يوشۇرۇن پىلانلاپ، بۇنىڭغا ئەقىلسىز ئابدۇللەتىپنىمۇ كۆندۈرگەن. 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ئابباس ئۇلۇغبەگنى ھەج سەپىرىدىن تۇتۇپ كېلىپ، سەمەرقەنتتىن تېرمىزغا بارىدىغان يول بۇيىدىكى كىچىككىنە بىر قىشلاقتا قاتىللىق قىلىچىنى قانغا بويىغان. ئابدۇللىتىپ ئۇلۇغبەگدىن كېيىن پەقەت يېرىم يىلدىن ئوشۇقلا ياشاپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇلۇغبەگنىڭ جەسىتى خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن سەمەرقەنتتىكى مەشھۇر گۆرئەمىر قەبرىستانلىقىغا يۆتكەلگەن. ئارخېئولوگ ۋە ئاناتومىيە ئالىملىرى ئۇلۇغبەگنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ بېشى گەۋدىسىدىن ئاجرالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

8 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم-پەن يولىدا ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە قوشقان مىسلىسىز تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.بىراق ئۇنىڭ تەتقىقات بىلەن بۇلۇپ كىتىپ،دۈشمەنلەر قەستىدىن بىخەۋەر قېلىشى كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندىرىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    دۇنيادا بىلىملىك كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە كىشىلەر ناھايىتى ئاز. دەل ئەشۇ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان كىشىلەر ئىنتايىن ساددا كىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەممە ئادەم ماڭا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. مانا بۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. يامان نىيەتلىك كىشىلەر مۇشۇ ئاجىزلىقتىن پايدىلىنىپ كىتىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. تارىختا ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يالغۇز ئۇلۇغبەگلا ئەمەس، ھونلاردا تۈمەن تەڭرىقۇت، سەئىدىيەدە ئابدۇللاخان قاتارلىقلارمۇ ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
    تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىر ئۇلۇغ دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولغان بولسا، ئابدۇللاخاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىر ئۇلۇغ دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى بولغان ئىدى. ئوخشاش ھەرىكەت، ئوخشىمىغان قىسمەت…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    يېڭى بىر ئېزىز مىھماننىڭ بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئىز قالدۇرغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر!
    ئىنكاسنى قىسمەت بىلەن باشلاپ، يەنە قىسمەت بىلەن ئاخۇرلاشتۇرۇپسىز، نىمە دېگەن ماس كىلىش بۇ!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  3. ئۇ؛ۇغ بەگدىگەن ئۇيغۇر قىرىندىشىم بۇ ئىلمى ماقالىدە خاتا يىزىلىپقاپتۇ

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  4. بۇنىڭغا قارىتا ئىسپاتىڭىز بولسا ئوتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭ ئەمسە.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  5. http://uyghuracademy.com/?p=20605&cpage=1#comment-8257
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش قېرىنداشلار
    مېنىڭ ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن كىتاپلار ئىچىدە ئۆزبېكىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى ئادىل ياقۇبوۋ نىڭ يازغان «ئۇلۇغبەگ غەزىنىسى» دىگەن كىتاپ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ.بولسا ھەممىڭلار بۇ كىتاپنى چۇقۇم ئۇقۇپ چقىڭلار.ئىلىم ئىشقىدا شەيدا بۇلۇشۇڭلارغا ئۈندەيدىغان كىتاپ بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس. ئىنشا ئاللاھ مەنمۇ تۈرۈكچىسىنى تېپىپ ئۇقۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن. ھەتتا قەتلىئامدىن قېچىپ ، ئۇلۇغ بەگنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىستانبۇلغا تۇشۇپ كەلگەن ئەلى قۇشچى توغرۇلۇقمۇ ئىزلىنىشكە تىرىشىمەن.
    ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە خانىدانلىققا بولغان ساداقەت ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكەرتىلگەن ئوغلىنىڭ قۇلى بىلەن قەتلى قىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان مۇناپىق ۋەزىرلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇرۇلغان خەنجەر بۇلۇپ ، ئۇلۇغبەگ نى شەھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئىگە قىلىدۇ.
    ئۇلۇغبەگنىڭ بىر پادىشاھ تۇرۇپمۇ ئىلمى نۇجۇم ۋە باشقا پەنلەرنى ئۈگۈنۈپ ، ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى ئىسلام ئالىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى چاقنىغان چولپانلىرى قاتارىدا ئىلىم -پەن تارىخىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.بۇتوغرۇلۇق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دوكتور ئابدۇسسام نىڭ «ئىسلام ئالىمىدە جاھالەت ئۇلۇغبەگ قەتلە قىلىنغاندىن كېيىن باشلىدى.» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان ئىكەن.(غۇۋائېسىمدە).
    ئۇندىن باشقا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «ئۇيغۇرپەلسەپە تارىخى» دىگەن كىتابىدىمۇ ئۇلۇغبەگ توغرىلىق ئالاھىدە يەر ئايرىلغان.ئۈزىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان دەپ سانىغان ھەربىر كىشىنىڭ «ئۇيغۇرپەلسەپە تارىخى» ئۇقۇپ چىقىشى شەرتتۇر دەپ ئويلايمەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئىز قالدۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! يۇقىرىدا سىز دېگەن كىتابلارنى ئەينى يىللىرى ئېلىپ، تولۇق ئوقۇمىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى نۇمۇس ھىس قىلىپ قالدىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي 、ئەلى