ئالىم بىز بلوگى

بىلوگ ھەققىدە

     ئالىم بىز بلوگى – سىياسىي نەزەرىيە، قانۇن – نىزام، مەدىنىيەت – تارىخ، مىللەت ۋە دىن، ۋەقە ۋە مۇلاھىزە ھەققىدە يازما يوللىنىدىغان، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدىغان جەمگاھ بۇلۇش مەقسىدىدە قۇرۇلغان. بلوگىمىزدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىدارە ئورگان ۋە مەكتەپلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئۈگۈنۈشىگە كىرەكلىك بولغان مەزمۇنلارمۇ يوللىنىدۇ، ھەمدە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىلىدۇ.  سىياسى ئۈگۈنۈش داۋامىدىكى تۈرلۈك تەسىرات ماقالىلىرى ۋە ئۈگۈنۈش پىلانلىرى يوللىنىدۇ.

     تۈۋەندە بىز بلوگىمىزنىڭ خاسلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز:

     1. سىياسىي:

     سىياسى – بىر خىل تارىخىي ھادىسە. سىاسى دېگەن ئۇقۇمنىڭ سىنىپىي ۋە تارىخىي كاتېگورىيىسى بار، سىنىپىيلىك ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ بىۋاستە مۇئەييەنلىكى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. سىياسىي ئۈستىقۇرۇلمىغا مەنسۇپ. ئۇ ئىقتىسادنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى بۇلۇپ، ئۈستىقۇرۇلمىدا يىتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى سىياسىنىڭ ئەڭ تۈپ مەزمۇنى، سىياسىي يەنە ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن قىلغان پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي يەنە دۆلەت ھاكىمىيىتى مەسىلىسىنى تېما قىلىپ، ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشتىكى نەزىرىيە ۋە ئىدىيە سېستىمىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

     2. سىياسەت:

     سىياسەت – پارتىيە ياكى دۆلەتنىڭ مەلۇم تارىخى مەزگىلدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ئىچكى – تاشقى ھەركەت پىرىنسىپى، تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پۇرۇلتاريات پارتىيىسىنىڭ سىياسىتى پۇرۇلتاريات ئىنقىلاۋى ھەركىتىنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى بۇلۇپ، ئۇ نەزىرىيىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئايلىنىشىدىكى بىر ھالقا ھىسابلىنىدۇ. سىياسى لۇشيەن سىياسەتنى بەلگۈلەيدۇ، سىياسەت سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

     3. نەزىرىيە:

     نەزىرىيە – كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ۋە كىشىلەر بىلەن شەيئىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزاھلاپ بىرىدىغان ھەم بايان قىلىپ بىرىدىغان ئىدىيىۋى ئۇقۇمدۇر.

     4. سىياسىي نەزىرىيە:

     سىياسىي نەزىرىيە – بىرىنچىدىن، سىياسىي توغرىسىدىكى ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر ياكى تەلىماتلارنىڭ ئىدىيىۋى سېستىمىسى، سىياسىيشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي تەرىپى؛ بەزىدە ئۇ سىياسىيشۇناسلىق بىلەن تەڭ قوللۇنىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۆلىتىمىزدە ئادەتتە سىياسىي نەزىرىيە ماركسىزىم – لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شۇنىڭدەك پارتىيىنىڭ سىياسىتى قاتارلىق نەزىرىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     5. قانۇن:

     ماركسىزىملىق قانۇنشۇناسلىقنىڭ قانۇن، قانۇننىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇننىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى توغرىسىدىكى بايانىغا ئاسەسەن، قانۇنغا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بىرىشكە بۇلىدۇ: قانۇن- دۆلەت تۈزۈپ چىققان ياكى ماقۇل كۆرگەن ھەمدە دۆلەت مەجبۇرىي كۈچ بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمىران سىنىپنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈدىغان قائىدىلەر سېستىمىسى. بۇ ئىرادىنىڭ مەزمۇنى ھۆكۈمىران سىنىپنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت قىلىش داۋامىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بەلگۈلەش ئارقىلىق، ھۆكۈمىران سىنىپقا پايدىلىق بولغان ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائى تەرتىپنى ئىتىراپ قىلىدۇ، قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ئۇ سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ۋە جەمىيەت باشقۇرۇشنىڭ قورالى. ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەملەرگە ئاساسەن، قانۇننى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۈلۈشكە بۇلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا قانۇن ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇنى، ئىقتىسادىي قانۇن، ئەمگەك قانۇنى، نىكاھ قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، دەۋا قانۇنى، ھەربىي قانۇن، خەلقئارا قانۇن قاتارلىقلارغا بۈلۈنىدۇ. كەڭ مەنىدىكى قانۇن يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە مەمۇرىي قانۇن- نىزام، يەرلىك قانۇن- نىزام، بۇيرۇق، نىزام، بىكىتمە، قائىيدە، بەلگۈلىمە، قارار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     6. مەدىنىيەت:

     مەدىنىيەت – بىرەر گۇرۇھ ياكى كوللىكتىپنىڭ مەلۇم مەزگىل ئىچىدە شەكىللەندۈرگەن ئىدىيە، غايە، ئىتىقاد، ئۆرپ- ئادەت، قائىيدە- يۇسۇن جەھەتتىكى بارلىق ھەركەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

     7. تارىخ:

     تارىخ – ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ئۆتكەنكى ئىشلىرى ۋە پائالىيىتىنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ، ئۇ مۇشۇ ئىلارنىڭ خاتىرىسى ۋە يەشمىسىدۇر.

     دېمەك، ھەر بىر ئىنسان ياكى گۇرۇھ بولسۇن، ۋە ياكى بىرەر چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات بولسۇن، يۇقىرىدا دىيىلگەن ھالقىلاردىن مۇستەسنا ياشىيالمايدۇ. كۆپىنچە كىشىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا: مىنىڭ سىياسى بىلەن خوشۇم يوق، تارىخ دىگەن نەرسىگە قىزىقمايمەن، مەدىنىيەت دىگەن بۇ ئەبجەش نەرسىگە ئۆچ بۇلۇپ كەتىم دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلايمىز. ئەمما خالىسۇن – خالىمىسۇن ئۇنىڭ بارلىق ھەركەتلىرى شۇنىڭ ئىچىدە بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلمەي ياشىغاندىن بىلىپ ياشىغان مىڭ ئەۋزەلدۇر.

     ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىزنى بلوگىمىزنىڭ باشقا سەھىپىلىرىگە ئاغدۇرۇپ كۆرۈڭ. بۇ بلوگىمىزدىن سىزگە زەررىچىلىك نەپ يەتسە، بىز شۇنىڭغا رازى. ئەگەر بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن نەپ ئالسىڭىز دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ.

     8. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

     بلوگىمىزدىكى يوللانمىلار دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق نەشىر ئەپكارلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان باسما بۇيۇملار ئىچىدىن خاتىرە شەكلىدە ئېلىنغان بۇلۇپ، پەقەت بلوگىمىزغىلا تەۋە. ئەگەر يازمىلىرىمىزنى باشقا بلوگ ۋە تور بەتلەردە كۈچۈرۈپ چاپلاپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، چۇقۇم ئالىم بىز بلوگىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن شۇ يوللانمىغا ئائىت بەس-مۇنازىرە ياكى مەسىلە كۈرۈلسە ئۆزىڭىز جاۋاپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

 

     باشقىلارغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ قەلەم تەۋرەتكۈچى:    تۇران تېكىن

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
<
ۋاقىت: 2011-11-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە:
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئۇيغۇربەگ

    بۇرۇنقى ئەبجەق ئۇسلۇب ۋاقتىڭىزدا قاراپ قۇيۇپلا ئۆتەپ كېتەتتىم، ھازىر بارغانسىرى ئامراق بوپ قېلىۋاتىمەن بارغۇ…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ھەممىسى سىزگە ئوخشاش بەگلەرنىڭ، پىرىستان ئەپەندىنىڭ، ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىنىم ئەلشاتنىڭ يىتەكلىشىدىن بلوگىمنى بۈگۈنكى مۇشۇ ھالەتكە ئەكىلەلىدىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئۇستازلارغا ئالاھىيدە رەھمەت ئېيتىمەن!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: