ئالىم بىز بلوگى

سىرەك توپا

     سىرەك توپا: خىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى لانتان سىستېمىسىدىكى ئېلېمېنت ــــ لانتان  (La)، سېرىي  (Ce)، پرازېئودىمىي (Pr)، نېئودىمىي  (Nd)، پرومىتىي  (Pm)، سامارىي  (Sm)، ئېۋروپىي (Eu)، گادولىنىي  (Gd)، تېربىي  (Tb)، دىسپروزىي (Dy) ، گولمىي  (Ho)، ئېربىي (Er)، تۇلىي (Tm) ، ئىتتېربىي  (Yb)، لۇتېتسىي  (Lu)، شۇنداقلا لانتان سىستېمىسىدىكى بۇ 15 ئېلېمېنت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ئېلېمېنت ـــــ سكاندىي (Sc) ۋە ئىتترىي (Y) دىن ئىبارەت 17 خىل ئېلېمېنتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سىرەك توپا ئېلېمېنتى (Rare Earth) دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ سىرەك توپا (RE ياكى (Rدېيىلىدۇ. سىرەك توپا ئېلېكتىرون، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق، ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت، مۇھىت ئاسراش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

 

 

     سىرەك توپا  زور قورال – ياراغ سىستېمىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ماتىرىيالى بۇلۇپ، ئامېرىكا سىرەك توپىنى ئاساسەن دېگۈدەك جوڭگۇدىن ئىمپورت قىلىدۇ. ياپونىيەمۇ سىرەك توپىنى ئاساسلىق ئىشلەتكۈچى دۆلەت بۇلۇپ، نۆۋەتتە ئىلىمىز ئىكىسپورت قىلغان سىرەك توپىنىڭ مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

     سىرەك توپا ئىلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىراتىگىيىلىك بايلىق بۇلۇپ. ئۇ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئۆتكۈر كەسىپلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان خام ماتىرىيالى. ئىلىمىزدە تۆمۈر كېنى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىستىراتىگىيىلىك بايلىقلار كەمچىل. ئەمما سىرەك توپا بايلىقى ئىنتايىن مول.

     نۆۋەتتە بايلىق مەنبەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىشىدىكى مۇھىم قورالى ھىسابلىنىدۇ. ئېلىمىز ئىسلاھات – ئېچىۋىتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى يولداش دىڭ شاۋپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بولسا، بىزدە سىرەك توپا بار دېگەن.

    سىرەك توپا ئىلىكتىر، ماگنىت، نۇر ھەمدە بئو-خىمىيە قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىيدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر گۇرۇپپا يېڭى تىپتىكى فۇنكىسىيەلىك ماتىرىيال، شۇنداقلا ئۇچۇر تېخنىكىسى، بئو تېخنىكىسى، ئىنىرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى ۋە دۆلەت مۇداپىيە قۇرۇلىشىدىكى مۇھىم ئۇللۇق ماتىرىيال ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يېزا ئىگىلىكى، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى قاتارلىق بىر قىسىم ئەنئەنىۋى كەسپلەرنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. سىرەك توپىنىڭ ئىشىلتىلىش ئورنى كەڭ بۇلۇپ، كۆلىمى زور بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپ توپىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇ كەڭ بازار ئىستىقبالى ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: سىرەك توپا

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-03-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: نام - ئاتالغۇلار
ئىنكاس: 2دانە
  1. خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 稀土。。。稀土。。。稀土 دەۋىرىدىغان نەرسە مۇشۇ ئىكەندە ؟. 稀土 زادى نىمۇ دەپ بىلەلمىگەن ئىدىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    مەن بۇ نەرسىنىڭ خەنزۇچە نىمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغان ئىدىم، بۇ ئىنكاستىن جاۋاپ تاپتىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: