ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى قوغداش چىقىمى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى قوغداش چىقىمى

2012-06-02 10:13     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىمى تىم ماكارتى 1981- يىلى 30- مارت ئالاھىدە تاللاشىقا دۇچ كەلدى. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ھۆججەتلەرنى رەتلەش كېرەكمۇ ياكى زۇڭتۇڭ رېگان نۇتۇق سۆز....

     ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىمى تىم ماكارتى 1981- يىلى 30- مارت ئالاھىدە تاللاشىقا دۇچ كەلدى. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ھۆججەتلەرنى رەتلەش كېرەكمۇ ياكى زۇڭتۇڭ رېگان نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەكمۇ؟ بۇ قېتىم ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە، تىم ماكارتى بىلەن خىزمەتدېشى تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق قايسىسىنىڭ بېرىشىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن تىم ماكارتى باردى. شۇ كۈنى كەچتە تىم ماكارتى بەدىنى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ رېگانغا ئېتىلغان ئوقنى توسۇۋېلىپ قەھرىمانغا ئايلاندى.

     30 يىل ئۆتتى، تىم ماكارتى ئەينى چاغنى ئەسلەپ: شۇ قېتىم زۇڭتۇڭ رېگانغا خەۋپ يەتمىگەن بولسىمۇ، پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بولدى، شۇنداقلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدىبىرىنى ئۆزگەرتتى، دېدى.

     زۇڭتۇڭ ۋىليام مىكىنلى 1901- يىلى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، پارلامېنت پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسىگە زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسى 1906- يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلدى.

     بۈگۈنكى كۈندە پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسى زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىمۇ قوغداش پىلانىغا كىرگۈزدى. قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ھەرقايسى ئاساسلىق پارتىيەلەردىكى زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ھەمدە سايلام رىقابەت مەبلىغىنى توپلاش جەھەتتە مەلۇم ئۆلچەمگە يەتكەن بولسا، پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ھەرقانداق بىرەيلەننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش ئېھتىماللىقى بار.

     لېكىن زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئىچىدە قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلىشنى رەت قىلىدىغانلارمۇ بار. لويىن پاۋلو: پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسى ھەر يىلى بىر نامزاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 18 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت ئالىدۇ، بۇ پۇلنى باج تاپشۇرغۇچىلار چىقىرىدۇ، مەن پەقەت بىر ئاددىي پۇقرا، مېنىڭچە ھەر بىرەيلەن ئۆز پۇلى ئارقىلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداتسا بولىدۇ، دېگەن. ئۇ يەنە: پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسى بۇ يىل پارلامېنتقا ئىلتىماس قىلغان خامچوت 1 مىليارد 690 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، دېگەن.

     گەرچە پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ ھەققى يۇقىرى بولسىمۇ، سايلام باشلىنىشتىن 120 كۈن ئىلگىرىلا ئاساسلىق نامزاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى باشلايدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter