ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەيلى

شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەيلى

2012-05-28 9:28     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لى داۋجۇڭ        بۇ يىل ماي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى. ماينىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىچىلار ۋەكىل....

لى داۋجۇڭ

 

     بۇ يىل ماي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى. ماينىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، 20 نەچچە ۋەكىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەسىراتىنى كەڭ – كۇشادە سۆزلىدى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقا – ئارقىدىن مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، جايلاردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى كىشىلىك ھايات ئىستىكىنى نامايان قىلدى؛ پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دولقۇنى يەنە بىر قېتىم قوزغالدى.

     شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدە خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تەقدىرلەشنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)›› قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنىڭ بىرى.

     1983- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار نۇرغۇن تەربىيەۋى ئەھمىيەتگە ئىگە، ئامما ياقتۇرىدىغان پائالىيەتنى تەشكىللىدى. بۇ يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى سان – ساناقسىز، خەنزۇ ئاممىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قازاق خەلق ساقچىسى سېرجان، خەنزۇ قىزغا ھەققانىيەت قولىنى ئۇزاتقان ئۇيغۇر ئىستۇدېنت غېنى جۈمە، كۆيۈپ يارىلانغان قىرغىز ئۆسمۈرنى ئۆز تېرىسىنى كۆچۈرۈپ داۋالاپ ساقايتقان، كېسىلى ئېغىر قىرغىز ئايالنى ئۆزىنىڭ قېنى بىلەن داۋالاپ ساقايتقان ‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتە›› ۋۇ دېڭيۈن، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق مىللەتلىرىدىن بولغان ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالغان ئۇيغۇر ئانا ھەنىپە قاتارلىقلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ھەر مىللەت خەلققە شىنجاڭ دىيارىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانغانلىقىنى تونۇتتى.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى›› تەشەببۇستىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ناھايىتى كونكرېت شەكىل بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئىشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئەپۇ قىلىشى، قوللىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

     شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىنى غەنىيمەت بىلىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter