Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

2014-04-08 8:59     كۆرۈلۈشى: 11,400 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر  ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتەيلى ئەھەد مۇھەممىدۇللا      شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى چو....

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر

 ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتەيلى

ئەھەد مۇھەممىدۇللا

     شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە ۋە رېئال ئاساسقا ئىگە. ئۇزاقتىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشاپ ئۆتكەن ھەر مىللەت خەلقى بۇ زېمىندا بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈپ، تاجاۋۇزچىلىق، بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ۋە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىننى بىرلىكتە ئېچىپ ھەم گۈللەندۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ كاتتا سەھىپىسىنى بىرلىكتە ياراتقان. ھەر مىللەت خەلقى بىللە ياشاش جەريانىدا ‹‹ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقنى ئاپەت›› دەپ بىلىپ كەلدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتمەي، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتسە، ئىناقلىق، مۇقىملىق، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، تەرەققىي قىلىش دېگەنلەرنىڭ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

     ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىر قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربنى ئېچىۋېتىشىدىكى ئالدىنقى سەپكە ، مەملىكەت بويىچە تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تېرەككە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھى قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ سىياسەت، تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىشقا، يېتىشىۋېلىشقا، ئېشىپ كېتىشكە يېتەكلەپ، ‹‹پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشسىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ›› دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، ئىتتىپاقلىشىشتەك قىزغىن كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل تەرەققىيات مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مۇقىملاشتۇرۇش داۋامىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئۆزگەرتىش››تىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپ بويىچە، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە بولغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ يىل 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. داۋالىنىش تەس بولۇش، بالىلارنى ئوقۇتۇش تەس بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەم – ئەندىشىسىنى تۈگەتتى؛ نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى؛ ياشانغانلارغا كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ ئولتۇراق ئۆي، يول قاتناش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلققە ئەمەلىي ئىشلانى قىلىپ بەردى.

     يۇقىرىقىدەك ياخشى شارائىت ھېچقانداق بىر دەۋردە كۆرۈلۈپ باقمىغان. لېكىن، يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . بولۇپمۇ 1- مارت يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماي قالمايدۇ. بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق، ئەسەبىيلەرچە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى بولۇپ، بىگۇنا خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەت پەيدا قىلدى. بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى مەيلى قايسى مىللەت، قايسى دىندىن بولسۇن، قاغىشقا ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلغۇچى، مىللەتنىڭ نامىغا داغ يەتكۈزگۈچى ھېسابلىنىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ دىنغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولۇپ، ھېچقانداق بىر دىندا بىگۇناھ ئادەمنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈڭ دېگەن گەپ يوق. ھەم ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنداق قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق. بۇنداق ۋەقەلەر نېمە ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە.

     بىرىنچى، ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى لازىم.

     ئەجدادلىرىمىز ئۇلۇغ ۋەزىپىلەرنىڭ ئۇلۇغى ئاتا – ئانا ئۈستىدىكى بالا ھەققىدۇر دەپ قارايدۇ. ئائىلە بىر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولۇپ، بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولۇشى، شۇ ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بالىغا گۈزەل تەربىيە بېرىلسە ئەدەپلىك ۋە بىلىملىك بولۇپ، كىشىلىك ھاياتتا جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، ئەگەر ئەكسىچە يامان تەربىيە بېرىلسە بالا تۇيۇق يولغا مېڭىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، ئىنسانىي ئەخلاققا يات ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن جەمئىيەت تەشكىل قىلغۇچى ئائىلە ۋە ئائىلە باشلىقى بولغان ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشى لازىم. بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆزلىرى تەربىيەلىك بولمىقى زۆرۈر. ئەگەر ئاتا – ئانا بولغۇچى بېرىلىدىغان تەربىيەگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىسا، بالىلىرىغا ئۆمۈرۋايەت تەربىيە قىلسىمۇ پايدىسى كۆرۈلمەيدۇ.

     ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى رولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.

     سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئۇزاق تارىخىي جەريانغا، كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەتكە موھتاج. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىدىكى سەۋەب، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كوممۇنىزم غايىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىدا، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەنىۋى جەھەتتە ئىلھام بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدا. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق جەمئىيەتتە ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساس، يەنى مۇشۇ ئىدىيەۋى ئاساس ئاساسىدىكى ئىدىيەۋى مۇقىملىق بولمايدىكەن، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىز ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى تۈۋرۈكتىن تەۋرىنىپ كېتىدىكەنمىز، ئىدىيەدە قالايمىقانچىلىق، جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق چىقىدۇ – دە، دۆلەت ۋە مىللەت بالايىئاپەتكە ئۇچرايدۇ.

     سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مۇستەھكەم ئەخلاق ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئادىل، دوستانە بولۇش. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇش – بولماسلىقى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ساپاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئورتاق غايە، ئېتىقاد، ياخشى ئەخلاق مىزانى بولمايدىكەن، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭ بايراقلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم.

     ئۈچىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.

     ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىشىشى تۈپەيلى، مەدەنىيەت تەرەققىياتى رايون، مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چەكلىمىنى ئاللىقاچان بۇزۇپ تاشلاپ، يەر شارىلىشىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىرقى باسقۇچتا، بۇنداق مەدەنىيەتتىكى يەر شارىلىشىش ئاساسەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا سىڭىپ كىرىش ۋە يامراشتا كۆرۈلمەكتە. مەدەنىيەتتىكى بۇنداق ئەمەلىي كۈچكە تايىنىش، مەدەنىيەتنى خەلقئارادا مەنپەئەت تالىشىشتىكى يېڭى بىر ساھەگە ئايلاندۇردى. بەزى دۆلەتلەر مەدەنىيەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە قاتتىق ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھەمدە مەدەنىيەتنى دۇنيانى ئىگىلەش ۋە خەلقئارالىق تەسىر دائىرىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلماقتا. مەدەنىيەت تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، غەرب مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش غەرىزىدە بولماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدە دۇچ كەلگەن جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، يەرلىك مەدەنىيەتنى قانداق قىلىپ زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

     بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە غەربتىكى بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئەسەبىيلەرچە ‹‹غەربچىلەشتۈرۈش››، ‹‹پارچىلاش››قا ئۇرۇنۇشتەك خىرسقىمۇ دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى مەقسىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى توسۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېتىراپ قىلىشنى چەكلەش، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئېتىراپ قىلىشنى چەكلەش، ئاخىرىدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشتىن ئىبارەت . شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىز چوقۇم زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى كۈچلەر بىلەن پائال ئىتتىپاقلىشىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى لازىم.

     تۆتىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قممەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

     سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ تۈپ ئىپادىسى، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىش ۋەزىيىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى بايرىقى. پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە، ئاۋانگارت قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، يادرولۇق قىممەت سىستېما قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. تەبىئەت قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى گېننىڭ تارقىلىشىدىن ئايرىلالمىغىنىدەك، بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. قىممەت قارىشى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش ۋە تونۇشى يۈزەكى جەلپ قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ قىممەت قارىشىنى بىلىشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، پەقەت ئىدىيە، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىقلار كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى ھالقىلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي قۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىلىرىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى يادرو، كوللېكتىۋىزمنى پىرىنسىپ، سەمىمىي سادىق بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈردى. سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى نىشان قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق – ماس ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم مەنىۋى كۈچى، غەربتىكى كۈچلەرنىڭ ‹‹تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش›› سۇيىقەستىگە قارشى تۇرۇپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەنىۋى ئاساس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە پۈتۈن شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيەمىزنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، ئاساسى لۇشيەنى، پىروگىراممىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم.

     بەشىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش لازىم.

     مەدەنىيەت مۇھىتى بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك دەرىجىسىنى، ئېچىۋېتىش ئەھۋالىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. مەدەنىيەتنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۈنۈملۈك تەڭشەش ئارقىلىق نورمال بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك كەيپىياتىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق، جامائەت پىكرى مۇھىتىنىڭ ئىختىيارلىقى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر دەل مەدەنىيەت بىلەن سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئاددىي ھالدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىشلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە. شۇڭا، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش لازىم. سىياسىي نىشاننىڭ توغرا ياكى خاتالىقى شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن يېتەكلەش كۈچىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنى بەلگىلەيدۇ. توغرا سىياسىي نىشاننىڭ يېتەكچىلىكى بولمايدىكەن ئورتاق غايىنى بېكىتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئورتاق غايە ئەمەلگە ئاشمىغاندا، توغرا سىياسىي ئىدىيەنىڭمۇ ئەمەلىي ئاساسى بولمايدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا چوقۇم توغرا سىياسىي يۆنۈلۈشتىن ئاداشماي، توغرا سىياسىي نىشان بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق غايىسىدىكى يۈكسەك بىرلىكنى ساقلىشىمىز لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى بەرپا قىلىش لازىم. يەنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش، مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنى ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدىغان تەلىم – تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆتنى تونۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەربىيەنى ئورگانلارغا، مەكتەپلەرگە، مەھەللە، كەنت، كارخانا ۋە ئائىلىلەرگىچە قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خەلقنىڭ جان تومۇرى دەپ بىلىدىغان تونۇشقا يېتەكلەش لازىم.



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter