ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ لوپنۇر رايۇنىنى رازۋېتكا قىلغانلىقىغا ئائىت سىرلار

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا موگۇسىمان تۈتەكنىڭ لوپنۇر رايۇنىدىن كۈتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى جوڭگۇ دۆلەت مۇداپىيەسى ئەمىلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى غەرب ئەللىرىنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى يادىرو مۇساپىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىيدە تەستىقلىشى بىلەن ھەربىي ئاخباراتنى تىڭتىڭلاش جەھەتتىكى ئىقتىدارى بىلەن نام چىقارغان تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى 35- رازۋېدكا وتتۇرا ئەترىدى «قارا مۈشۈك ئوتتۇرا ئەترىدى» U_2 ئىگىزلىكتە رازۋېدكا ئايرۇپىلانىنى چىقىرىپ، خجەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ قۇملۇققا تەكشۈرۈش ئەسۋاۋىنى تاشلىدى.

 

خەتەرلىك سەپەر

 

     1967- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەردە، جۇاڭ رېنلوڭ ئايرۇپىلانىنى ھەيدەپ تايلاندنىڭ تاكېلى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ، بېرما، ھىندىستانلاردىن ئۆتۈپ، ھىمالايا تېغى ھاۋا بوشلۇقىغا كەلدى.

     لوپنۇر تەيۋەنگە خېلىلا يىراق بولغاچقا، U_2 رازۋېدكا ئايرۇپىلانى تايلاندتىن يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئاچچىق نەرسە بىلەن خوشى يوق ئامېرىكىلىقلار بۇ خەتەرلىك ۋەزىپىگە «Tabasco» دەپ ئىسىم قويدى. بۇنىڭ مەنىسى مىكسىكا مۇچىدا ياسالغان مۇچ قىيامىدىن ئىبارەت. چۈنكى «قارا مۈشۈك ئوتتۇرا ئەترىتى» مۇ بىر خەتەرلىك سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.

 

قۇملۇقتا مەخپى قاراۋول ئورۇنلاشتۇرۇش

 

     سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە تاڭ يۇرۇپ، «ھالاكەت دېڭىزى» بولغان لوپنۇر كۆلى ئايرۇپىلان ئالدىدا كۆرۈنىشكە باشلىدى. يادىرو سىناق تەجرىبە مەيدانى بىر ئويمانلىققا جايلاشقان بۇلۇپ، بىر كىچىك مۇنارمۇ باردەك قىلاتتى. بۇ بەلكىم پارتىلىتىش سىناق نۇقتىسى بۇلىشى مۈمكىن ئىدى. تېخى تەپسىلى كۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا جۇاڭ رېنلياڭ ھەيدىگەن ئەيرۇپىلان ئويمانلىقنىڭ چېتىگە بېرىپ قالدى. ئۇ پىروبىر تاختىسىدىكى بىخەتەرلىك كۇنۇپكىسىنى ئېچىپ، ئاندىن ۋىكليوچاتىلنى بېسىپ بىر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاشلىدى، بىر ئازدىن كىيىن يەنە بىرنى تاشلىدى.

     تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈستىدىكى بىر كىچىك پاراشوت بەلگىلىك ئېگىزلىكتە ئاپتوماتىك ئېچىلدى ھەمدە يەر يۈزىدىن 300 مىتىر ئېگىزلىكتە ئاجراپ، تەكشۈرۈش ئەسۋابى خۇددى ئېتىلغان نەيزىدەك قۇملۇققۇ سانجىلدى. لايىھەل؛ەشكە ئاساسەن ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچتىن ئىككى قىسمى يەرگە كىرىپ، پەقەت قۇيرۇق قىسمىدىكى سېگنال قۇبۇللىغۇچ بىر مىتىر ئېگىزلىكتە كۇرۇنۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈش ئەسۋابى يەنە باتارىيە تاختىسىنى چىقىرىپ قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن توك تۇلۇقلىيالايتتى.

     چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر بايقاشتىن بۇرۇن، ئەتراپتىكى نەچچە يۈز كىلومىتىر دائىرىدە تەۋرەش يۈز بەرسە تەكشۈرۈش ئەسۋابى خاتىرلىۋالالايتتى ھەمدە سان سىفىرلارنى تەيۋەندىكى قۇبۇل قىلىش پونكىتىغا يوللاپ بىرەلەيتتى. ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرى پارتىلاشتىن كىلىپ چىققان تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى قاتارلىق ئالاقىدار پارامېتىرلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى يادىرو سىنىقى تەجرىبىسىنىڭ كۆلىمىنى ئاساسەن ھىسابلاپ چىقالايتتى.

 

ھايات – ماماتلىق پەيتلەر

 

     ئىككى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاشلىغاندىن كىيىن رازۋېدكا ئايرۇپىلانى بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. بۇ ۋاقىتتا جۇاڭ رېنلياڭنڭ كۆڭلىدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىدىكى يول بىلەن قايتىپ، جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشتىن باشقا ئىش يوق ئىدى. گەرچە پىلان بۇيىچە «مال» يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئازراقمۇ ئازادىلىك ھىس قىلمىدى. ئەكىسچە يولبۇيى ئۆزىنىڭ رادارغا چۈشۈپ قېلىشىدىن، ھەرۋاقىت ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ماڭدى.

     ئىلگىرىكى 6 قېتىملىق رازىۋېدكا داۋامىدا، جۇاڭ رېنلياڭ ئىككى قېتىم ئازادلىق ئارمىيەنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى. بىر قېتىملىقى كۈنمىڭدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئايرۇپىلانىنى ئاز دېگەندە ئۇچ دانە باشقۇرلىدىغان بومبا قوغلاپ ماڭدى. ئۇ ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايرۇپىلان گەۋدىسىدىكى ئاپرات ئارقىلىق ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قوغلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى. باشقۇرىلىدىغان بومبىلار تۈتۈن چىقارغان پېتى ئۇچۇپ كىلىپ، ئايرۇپىلانغا تىگىدىغاندەكلا قىلاتتى.

     بۇ قېتىم رازېۋېدكا ئايرۇپىلانى يەنە بىر قېتىم ئىگىز چوققىلاردىن ھالقىپ، ئاخىرى بىخەتەر ھالدا تايلاندا ئايرۇدورۇمىغا قوندى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىمقى سەپەر تېپ – تېنچ بولدى. بەلكىم چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپتىكىلەر دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ ھىمالايا تېغىدىن ھالقىپ ئۈتۈپ، قۇملۇقنىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا جايلاشقان يادىرو سىناق تەجىرىبە بازىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشىنى ئويلۇمىغان بۇلىشى مۈمكىن. بىراق بۇ جۇاڭ رېنلياڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئۇ پەقەت توققۇز سائەت ئىچىدە 7000 كىلومىتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ، قولىدىكى قېلىن ئۇچقۇچىلار پەلىيىنى سېلىپ، پەيلىرى تارتىشىپ كەتكەن بارماقلىرىنى ئۇلىۋېلىنىشنىلا ئويلايتتى، خالاس.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

7 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. تېمىلىرىڭىز بەك ئۆزگىچە جۇمۇ سىزنىڭ،بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۋاتىسىز.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر بۈلۈم ماتىرىياللىرىم بار ئىدى. مۈمكىن بولسا ھەممىنى بىر بىرلەپ يوللاپ قويىمەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. ماۋۇ بولدىغان ماقالىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈردىكى تارىخىي سىرلار يۇشۇرۇنغان ماقالىلەرنى زىرىكمەي ئوقۇيمەن. بولۇپمۇ ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىرىنى

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئىككىمىزنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش ئىكەن، بەزىدە نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدۇ دېگەن سۇئاللار كاللامنى چىرماپلا ئالىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  3. پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەر ئىكەن. يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  4. مەن بۇ خەۋەرنى مەكتىۋىمىزنىڭ قىرائەتخانىسدا بىرگېزىتتىن كۆرگەن ئىدىم. ئەمدى مۇنۇ كەپىدىمۇ بىر ئۇچراتتىم. قېلىنلىق قىلپ كۆچۈرۈپ ئېلىۋالدىن قۇما!… ھې ھې ھې.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    تۇرايىمغا قەدەپ تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر!
    مەنمۇ گېزىت-ژورنالدىن تاللاپ كۆچۈرگەن. «تەڭ يىسەڭ تەنگە سىڭەر، يالغۇز يىسەڭ يەرگە دەپتىكەن». ئورتاقلىشايلى!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي بارخان