ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «سام تاغا» بىلەن «جون كالا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

«سام تاغا» بىلەن «جون كالا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

2011-06-03 8:20     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:            «سام تاغا» – ئامىرىكىنىڭ لەقىمى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1812- يىلى ئامىرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، ئامىرىكىنىڭ نيۇ  يورك شىتاتىدىكى تروئى شەھىرىدە ھەربىيلەرنى مەخسۇس ....

           «سام تاغا» – ئامىرىكىنىڭ لەقىمى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1812- يىلى ئامىرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، ئامىرىكىنىڭ نيۇ  يورك شىتاتىدىكى تروئى شەھىرىدە ھەربىيلەرنى مەخسۇس كالا گوشى بىلەن تەمىنلەيدىغان سامېر-ۋېللسۇن ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىكەن. باشقىلار ئۇنى «سام تاغا» (unclesam) دەپ ئاتايدىكەن. ئامىرىكا ھۆكۈمىتى گوشنى سېتىۋالغاندىن كېيىن گوش قاچىلانغان يەشىكلەرنىڭ ئۈستىگە ئامىرىكىغا خاس (United States) دېگەن مەزمۇندا U.S  بەلگۈسىنى سالىدىكەن. بۇ دەل ئېنگلىزچە «سام تاغا» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى U.S بىلەن ئوخشاپ كەتكەچكە، كىشىلەر U.S بەلگىلىك يەشىكلەرنى «سام تاغا» نىڭ يەشىكلىرى دەپ مازاق قىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ «سام تاغا» ئامىرىكىنىڭ لەقىمى بۇلۇپ قاپتۇ. 19- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا، ئامىرىكىدىكى ھەجىۋى رەسساملار «سام تاغا» نى ئۆچكە ساقال، بېشىغا ئىگىز بالداق شىلەپە كىيگەن ئورۇق بوۋاي قىلىپ سىزىپ چىقتى. 1961- يىلى ئامىرىكا پارلامىنتى قارار ماقۇللاپ، «سام تاغا» نى ئامىرىكىنىڭ سىمۋولى دەپ ئىتىراپ قىلدى.

         «جون كالا» – ئەنگىلىيىنىڭ لەقىمى. 18- ئەسىردە شوتلاندىيە يازغۇچىسى جون. ئار بوتنوت ئۆزىنىڭ «جون. بوللىنىڭ تارىخى» دېگەن كىتاۋىدا ، جون بولل ئىسىملىك ئالدىراڭغۇ، ئاق كۆڭۈل، ھەييار  بىر مۆتىۋەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق، ئۇنى ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تەختىنى تالىشىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئوخشىتىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن جون. بولل ئېنگلىزچە John Bull دەپ يېزىلىدۇ. Bull «كالا» دېگەن مەنىدە بولغاچقا «جون كالا» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەنگىلىيىلىك ھەجىۋى رەسساملارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى جون كالا بېشىغا شەپكە، پۇتىغا ئۆتۈك كىيگەن، پاكار، سىمىز، كالۋا مۆتىۋەرنىڭ ئوبرازىدىن ئىبارەت.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter