ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

2012-09-10 4:49     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: غۇنچەم ئەخمەت      دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ۋاقىتلىرى ئوخشىمايدۇ. پورتۇگالىيەدە ھەر يىلى 18 – ماي كۈنى؛....

غۇنچەم ئەخمەت

     دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ۋاقىتلىرى ئوخشىمايدۇ. پورتۇگالىيەدە ھەر يىلى 18 – ماي كۈنى؛ ئامېرىكىدا ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – سەيشەنبىسى؛ تايلاندتا 16 – يانۋار، سىنگاپوردا 31 – ئاۋغۇست، لاتۋىيەدە 10 – ئاينىڭ تۇنجى يەكشەنبىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 10 – سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى. ئۇنداقتا، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان؟

     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئېلىمىزدە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› بار ئىدى، 1931- يىلى مائارىپچى تەي شۇاڭچيۇ، چېڭ چىباۋ قاتارلىقلار ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش›› توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلغان ۋە ھەر يىلى 6 – ئىيۇننى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىش تەكلىپى سۇنغان. 1932 – يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 6 – ئىيوننى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلغان. كېيىن 27 – ئاۋغۇست (كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)گە ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1951 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 6 – ئىيوندىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ‹‹1 – ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى››غا قوشۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ مۇستەقىل پائالىيىتى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكى بولمىغاچقا، ئىجرا قىلىش جەريانىدا تاشلىنىپ قالغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلار ‹‹سېسىق توققۇزىنچى›› دەپ چەتكە قېقىلىپ، ئىجتىمائىي ئورنى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يېغىنىدىن كېيىن مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان ۋە 1981 – يىلى 3 – ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كۈنى ۋە پائالىيەت مەزمۇنىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان. تۆت يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، 1985 – يىلى 21 – يانۋار 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – قېتىملىق يىغىنىدا ھەر يىلى 10 – سېنتەبىرنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشى قارار قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter