دۇنيا مىراسى ئىنسانىيەت تارىخىدا يارىتىلغان ۋە تەبىئىي شەكىللەنگەن، قايتا ئىجاد قىلغىلى ياكى كۆپەيتكىلى بولمايدىغان مىراس بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا مىراس كومىتېتى بىرلىكتە بېكىتكەن، دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان، ئىنسانىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ئالاھىدە مەنە ۋە بىباھا قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيا مىراسى ئادەتتە تەبىئەت مىراسلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئارىلاشما مىراسلار دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.
تۇرمۇشتا كىشىلەر دۇنيا مىراسىغا شۇنچە قىزىقسىمۇ، ئەمما ‹‹دۇنيا مىراسى›› دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇقۇم 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خەلقئارا سەھنىلەردە ئىلگىر – كېيىن بارلىققا كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، جۇڭگو، ياپونىيە، رۇسىيە، گىرېتسىيە قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ رەڭمۇ رەڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ھادىسە شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا تەسىر قىلىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغىمۇ زور تەسىر قىلغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەرمۇ، مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ھەم دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدە قايتا ئويلىشىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانداق قوغداشقا دائىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1954- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا ‹‹گائاگا ئەھدىنامىسى›› تۈزۈلگەن. بۇ ئەھدىنامىگە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقتىن ئىبارەت مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن. ‹‹گائاگا ئەھدىنامىسى›› نىڭ تۈزۈلۈشى پۈتكۈل دۇنيادا ‹‹دۇنيا مىراسى›› دەيدىغان بۇ ئۇقۇمنىڭ ئومۇملىشىغا تۈرتكە بولغان.
1972- يىلىغا كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا يېغىن ئېچىپ ‹‹دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى››نى تۈزگەن. بۇ ئەھدىنامىدە دۇنيادىكى مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرىغا ئەتراپلىق تەبىر ۋە ئىنىقلىمىلار بېرىلگەن. شۇنداقلا دۇنيا مىراسلىرىنى قانداق قوغداشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى تۈزۈلگەن. ھازىرغىچە بۇ ئەھدىنامىگە 189 دۆلەت قاتناشتى.