پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش كومپارتىيە
ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ يولى
مۇختەر مۇھەممەت
پارتىيەۋىلىك پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە – ئېتىقادى، ئىدىيەۋى تونۇشى، ئەخلاق – پەزىلىتى، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە كونكرېت ئىپادىلىندۇ. ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىك قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىغا قويغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىپ، پارتىيەۋىلىك چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيەۋى سەۋىيەسى، ئىدىيەۋى ئىستىل، ئەخلاق، پەن – مەدەنىيەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش پارتىيەمىز زىممىسىگە ئالغان تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ ئېھتىياجى. شۇڭا، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
1. كومپارتىيە ئەزالىرى ئىلغار نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. كومپارتىيە ئەزالىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنىڭ كاپالىتى. توغرا نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىك بولمىسا، كۈچلۈك غايە ۋە ئېتىقادنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
2. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى لازىم. كومپارتىيە ئەزالىرى ھەر ۋاقىت ئاممىدىن ئۆگىنىشى، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇشقا ماھىر بولۇشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئاممىدىن ئەقىل – پاراسەت، كۈچ – قۇۋۋەت ئېلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى تاۋلىشى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلى ئالدىدا جاۋابكار بولۇش بىلەن ئامما ئالدىدا جاۋابكار بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتچىل ۋە پاك بولۇشى لازىم.
3. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم. كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلىشى، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، تۈپ مەقسىتى، كۈرەش نىشانى، پارتىيەنىڭ تەشكىلى ئىنتىزامى، قائىدە – تۈزۈملىرى، ھوقۇق – مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشى، ئۆز ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپى بويىچە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رول ئوينىشى لازىم.
4. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم. پارتىيە ئەزالىرى ئىستىلىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقۇملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كومپارتىيە ئەزالىرى يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىللىرىنى جارى قىلدۇرۇشى، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇشى، ئاساسىي قاتلامدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، چېنىقىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىش لازىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پاساھەت بلوگىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى ئۆزگەردى.
بىلوگىڭىزدىكى پاساھەت ئۇلىنىشىنى http://pasahet.net/
غا ئۆزگەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
بۇلىدۇ، مەن ئالماشتۇرۇپ قوياي.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: