ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەمسىز ئايرۇپىلانى جوڭگۇنى كۈزەتمەكتە

     ئامېرىكىنىڭ «ئوۋچى» نامىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ تۈنجى قېتىم لىۋىيەگە ھاۋادىن زەربە بىرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىقى خەلقئارادىكى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ يەر ۋاقتى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوبامانىڭ ھوقۇق بىرىشىگە ئىرىشىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ «ئوۋچى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى تۇنجى قېتىم لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

     «ئوۋچى» ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ش ئا ئە ت ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ش ئا ئە ت شۇ كۈنىلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەمسىز (ئۇچقۇچىسىز) ئايرۇپىلانى ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن مىسۇراتاغا يېقىن بىر جايدا كۆپ سىتۋوللۇق راكېتا قۇيۇپ بىرىش قۇرۇلمىسى ۋەيران قىلىندى.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 23- كۈنى پاكىستان «ۋەتەنپەرۋەرلەر» تور بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ماقالىدا مۇنداق دىيىلگەن: بەش بۇرجەكلىك بىنا نۆۋەتتە «ئوۋچى» ۋە «ئەزرائىل» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان قۇراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېنچ ئوكيان قۇماندانلىق شىتابىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئۇلار ئۇ يەردە جوڭگۇغا قارىتىلغان چارلاش ھەركىتىنى قوللايدىغان بۇلۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلار جوڭگۇنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ھەمدە چاۋشيەننىڭ يادىرو پىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى نازارەت قىلىدۇ.

     ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇنداق دىيىلدى: بۇلتۇر ئامېرىكا ئارنىيەسى ياپونىيەنىڭ گۇئام رايۇنىغا «يەر شارى بۈركىتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز رازىۋېدكا ئايرۇپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئوۋچى» ۋە «ئەزرائىل» لار «يەر شارى بۈركىتى» بىلەن بىرلىكتە جوڭگۇنى نازارەت قىلىدۇ. ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى، يەر شارى بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دىدى: «ئوۋچى» بىلەن «ئەزرائىل» نىڭ جوڭگۇنىڭ دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىش مۈمكىنچىلىكى ئىنتايىن زور.

     ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئەمەلىيەتتە ھازىر ئافغانىستان، پاكىستان، ھەتتا گۇئامدىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋېتىپتۇ. كەلگۈسىدە كورىيە ۋە ئوكىناۋا – گېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايۇنىغىمۇ مۇناسىپ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلار ئورۇنلاشتۇرلىدىكەن. كۈزەتكۈچىلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا جوڭگۇغا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا، چاۋشيەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايۇنلارنى نازارەت قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل نازارەت قىلىش بۇرۇندىنلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى.

     كۈزەتكۈچىلەر يەنە مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا كەلگۈسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنى ئۇچقۇچىسى بار ئايرۇپىلانلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ. ماتىرىياللاردىن مەلۇم بۇلىشىچە، 2009- يىلى ئامېرىكىدىكى ھەربى مەكتەپتە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار ئىچىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھەيدەشنى ئۈگەنگەنلەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسى بار ئايرۇپىلان ھەيدەشنى ئۈگەنگەنلەر سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

6 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. مەن خەلقئارا خەۋەرلەرگە بەكمۇ قىزىقىمەن. بۇنىڭغا ئوخشاش تىمىلارنىڭ كۆپرەك يوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. بۇ ئايرۇپىلانلارنى رادار بايقىيالمامدىغاندۇ

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    بۇ ئايرۇپىلانلارنى رادار بايقىيالمايدىكەن، چۈنكى ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رادار ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئايرۇپىلانلارنىڭ راداردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش (يۇشۇرۇش) ئىقتىدارى ناھايىتىمۇ ئىلغار ئىكەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  3. بۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ئىگىزلىكى رادارنىڭ بايقاش ئىگىزلىكىدىن ئىگىز بولغاچ رادارغا چۈشمەيدۇ دەپ ئويلايمەن،بۇ شۇ مىنىڭ پەرىزىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    گەپ ئۇچۇش ئىگىزلىكىدە ئەمەس، ئۇنىڭ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرلىقىدا.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  4. ئامېركىلىق گۇيلار ھەممە ئىشقا قولىنى تىقىپ باقىدىغان گۇيلىكەن! ھېرىپمۇ قالمىدى…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي پرېستان