ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىدىيە–ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى تۆت مەسىلە

ئىدىيە–ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى تۆت مەسىلە

2011-06-11 12:03     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ۋۇ چاڭدې      ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولۇپ، ئۇ ئۆگىنىش ئىستىلى، رەھبەرلىك ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا ئىدىيە – ئىستىل قۇ....

ۋۇ چاڭدې

     ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولۇپ، ئۇ ئۆگىنىش ئىستىلى، رەھبەرلىك ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

     بىرىنچى، ئىشنى ئۆزىدىن باشلايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيە – ئىستىلى دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، غايە ئېتىقادى ۋە سىياسىي پەزىلەت، ئىدىيە – ئەخلاقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ھازىر قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلاردا باشقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىگە چەك قويمايدىغان مەسىلە مەۋجۇت. بۇنداق خاھىشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەبەدىي ئىشى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

     ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلى بولغان سىياسىي ئېتىقادنى ساقلاش ۋە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بارلىق پارتىيەلىك كادىرغا ۋە خەلققە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى تونۇتتى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئەمما ئىجتىمائىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە قىممەت يۈزلىنىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ساقلاش ھەم جارى قىلدۇرۇش كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن گۇمانلىق قاراشلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بەزى پارتىيەلىك كادىرلار دەل مۇشۇنداق گۇمانىي قاراش بىلەن غايە – ئېتىقادىنى يوقىتىپ، راھەتپەرەسلىك ۋە پۇلپەرەسلىكنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ، ئۆزگىرىپ جىنايەت يولىغا ماڭدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پارتىيەلىك كادىرلار غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتەك ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇرۇس يولدا مېڭىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىگەندىلا، نام – مەنپەئەت ۋە پايدا – زىياننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، خەلق ۋە تارىخنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلەيدۇ.

     ئۈچىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنىڭ پىرىنسىپچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە – ئىستىلىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. پارتىيەۋىلىكتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئىنتىزامنى چىڭىتقىلى، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدىغان، پاك – دىيانەتلىك بولغىلى بولىدۇ. ھازىر بەزى پارتىيەلىك كادىرلاردا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە خۇشامەت قىلىش، تەڭ دەرىجىلىكلەرگە ياخشىچاق بولۇش، تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنى ماختاپ، تەنقىدلىمەسلىكتەك خاھىشلار مەۋجۇت. بۇنداق خاھىش پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپقا، پارتىيە ئىچىدىكى نورمال دېموكراتىك تۇرمۇشقا زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، بۇنداق خاھىشلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنىڭ پىرىنسىپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئەتتىن ئەلا بىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

     تۆتىنچى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىستىل چىڭ تۇتۇش ۋە يېتەكلەشتىن ھاسىل بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشى داۋامىدا يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى، ئۆزى باشلامچى بولۇشى كېرەك. ھازىر بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يوليورۇق بېرىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى ئەمەس، سەۋەبى، ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس. شۇڭا ئىدىيە – ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بەنزىدە ياخشى ئىستىل، ئىدارىدە ياخشى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter