خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا
يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش
Dمۇشۇ چاغدا مۈگدەپ قالسىڭىز چۈش كۆرىسىز، مۈگدىمەي ئۆگىنىش قىلسىڭىز چۈشىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.
Dمېنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەن بۈگۈنۈم، تۈنۈگۈن جان ئۈزگەن ئادەمنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى يەتمەكچى بولغان ئەتىسى.
Dتولىمۇ كېچىكتىم، دەپ قارىغىنىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە بالدۇر باشلىدىڭىز.
Dبۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.
Dئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب مەڭگۈلۈك.
Dئۆگىنىش قىلىشتا ۋاقىت يوق ئەمەس، بەلكى سىزدە تىرىشچانلىق كەمچىل.
Dبەختنىڭ رەت تەرتىپى يوق، بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ رەت تەرتىپى بار.
Dئۆگىنىش ھاياتلىقتىكى ھەممە ئەمەس، بىراق ھاياتلىقنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشكىمۇ بويسۇنالمىغان ئادەم يەنە نېمە ئىش قىلالىسۇن؟
Dئەسلەشكە بولمايدىغان ئازابتىن بەھرىلىنىڭ.
Dباشقىلاردىن بالدۇر، باشقىلاردىن كۆپرەك تىرىشسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز.
Dھېچكىم ئۆز مەيلىچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئىرادىدىن كېلىدۇ.
Dۋاقىت سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ.
Dبۈگۈن ئاققان شۆلگىيىڭىز ئەتىدىكى كۆز يېشىڭىزدۇر.
Dبۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگرەيسىز.
Dكەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم بۈگۈنگە سادىق ئادەمدۇر.
Dتەربىيەلىنىش دەرىجىڭىز كىرىمىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
Dبىر كۈن ئۆتسە ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ.
Dرەقىبىڭىز ھېلىھەم كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىۋاتىدۇ.
Dجاپا – مۇشەققەت بولمىسا، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز.
Dقۇلدەك تىرىشىپ، بەگدەك ياشاڭ.
D(شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى)
بىزدە قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يە، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما دىگەندەك تەمسىللەرمۇ بار.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: