Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىلىم تەقدىرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ

بىلىم تەقدىرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ

2014-06-06 4:49     كۆرۈلۈشى: 1812 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن      ئىلىم – پەن تارىخىنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، بىلىم مەشئىلى ئەڭ دەسلەپ ئەرەب دۇنياسىدا يورۇغان، ئەرەبچە سان – سېپىر بۇنىڭ مىسالى، كېيىنچە بۇ مەشئەل ياۋروپاغا ت....

ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن

     ئىلىم – پەن تارىخىنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، بىلىم مەشئىلى ئەڭ دەسلەپ ئەرەب دۇنياسىدا يورۇغان، ئەرەبچە سان – سېپىر بۇنىڭ مىسالى، كېيىنچە بۇ مەشئەل ياۋروپاغا تۇتاشتى، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا يالقۇنجىدى. 21- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن پەن – تېخنىكىنىڭ سېھرى كۈچى دۆلىتىمىزدە نامايان بولۇشقا باشلىدى. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات يولى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۇنيادا قايسى دۆلەت ياكى مىللەت ئىلىم – پەننىڭ ئاچقۇچىنى قولىدا چىڭ تۇتالىسا، شۇ دۆلەت ياكى مىللەت قۇدرەت تاپتى، روناق تاپتى. ئىلىم – پەن ئاچقۇچىنى قولىدا تۇتالمىغانلار قالاقلاشتى، خارابلاشتى ياكى ئارقىدا قالدى. 15- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە بولغان 400 يىل مابەينىدە پۈتۈن دۇنيا تەدرىجىي ھالدا مەدەنىيەت، مائارىپ دەۋرىگە كىرىپ، ساماليۇت كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، پاراخوت دېڭىزدا شۇڭغۇپ، پاراۋۇزلار تالاي ۋاگونىنى سۆرەپ، قىتئەلەرنى بىر – بىرىگە باغلىدى. لېكىن بىز ئۇيغۇرلار خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ، سوپى ئىشانلارغا چوقۇنۇپ، بېكىنمە ھالەتتە دۇنيادىن خەۋەرسىز نەچچە ئەسىرنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. بۇنى دېموكراتىك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇنىڭدىن 90 يىل بۇرۇن ئوبرازلىق قىلىپ ‹‹ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا، مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق پىيادە قالغانىمىز باردۇر، مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا، تونۇر سەللە نەپسى بالا موللىمىز، سۇلتانىمىز باردۇر، ھۈنەر – كەسىپتە يېتىشتۇق، سانائەتتە ئىش پۈتتى، ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا، غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر›› دەپ ناھايىتى ئوبرازلىق تەسۋىرلىگەن. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە يېڭى جۇڭگوغا ئۇلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، يېڭى زامان مائارىپى ئارقىلىق ئاستا – ئاستا ئىزىغا چۈشۈپ يۈكسىلىشكە باشلىدى. ھازىر بىزدىمۇ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان، ھاياجانغا سالىدىغان يېڭىلىقلار خېلى كۆپ.

     مىللىتىمىزدىن ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە نۇرغۇن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر يېتىشىپ چىقتى. بەزىلىرى دۆلىتىمىزدىكى، ھەتتا دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىز سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەم ئىجتىھاتلىق ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئارقىلىق قولغا كەلگەن. دېمەك، مىللىي مەدەنىيىتىمىز يۈكسىلىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا، يېزا – قىشلاقلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە پەرزەنتلىرىمىز ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك خاتىرجەم ئوقۇۋاتىدۇ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتىدۇ. بۇ، تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئىلىم – پەن يولىغا يېتەكلىسەك، پەرزەنتلىرىمىزمۇ بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئوقۇپ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتسە، كېلەچەك پەرزەنتلىرىمىزگە تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ. تىرىشساق پۇرسەت ۋە ئامەت ھامان بىزگە مەنسۇپ.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز يۈكسىلىپ، خەلق قورساق غېمىدىن قۇتۇلدى، بالىلارنى ئوقۇتۇشقا مەكتەپ، سودا قىلىشقا بازار بار بولدى، ھۆكۈمەت نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا قىرىقلىق قىلىدۇ؟ ھەتتا ئوقۇتماسلىق كويىدا بولىدۇ؟ مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ ۋۇجۇدىغا ھازىرقى زامان بىلىملىرىنى سىڭدۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن كىشىلەر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالىدۇ. ھازىرقى زاماندا نورمال ئادەم بولۇپ ياشاش ئۈچۈن، چوقۇم ئوقۇشىمىز، بىلىم ئېلىشىمىز زۆرۈر. بۇ ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ. ئەگەر خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈنلا ئوقۇيمىز دەيدىكەنمىز، مائارىپىمىز مەغلۇپ بولغان مائارىپ بولىدۇ. كادىر بولالىسا ئوقۇتىمىز، بولمىسا ئوقۇتمايمىز، دېگەن قاراش مىللىتىمىزدە ئۇزاقتىن بېرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان خاتا قاراشتۇر. ھازىرقى دەۋر مەيلى دېھقان بولايلى، ئىشچى بولايلى، ھەتتا ئىشسىز بولايلى، بىلىملىك بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، چەت ئەلدىن جۇڭگوغىچە بىلىمسىزلىك، ساۋاتسىزلىق بىلەن روناق تاپقان دۆلەت – مىللەت بولمىغان. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەردە نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىرمۇنچە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىش تاپالمايۋاتىدۇ، يېزىلاردىن شەھەرگە كىرگەن بىر قىسىم ئەمگەكچىلەر يىرىك ئىشلارنى ئىشلىسىمۇ، بەزى مۇرەككەپ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي تېڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ياكى تۈزۈكرەك ئوقۇمىغانلىقتىن، ئىش تاپالماي، جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈۋاتىدۇ.

     بىر بالا يەسلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكىچە 20 نەچچە يىل ئوقۇپ، ھازىرقى زامان بىلىملىرىنى ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرگەندىلا، ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ياسىيالايدۇ. ئىدىيەدە بۇرۇلۇش بولغاندا ئادەمدە غايە، ئىرادە بولىدۇ. ئىرادە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغاندا، مۇستەقىل ھالدا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، كىشىلىك قىممىتىنى يارىتالايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ‹‹ئوقۇغان بالا ئاتىسىدىن ئۇلۇغ›› دېگەن تەمسىل مۇشۇ قائىدىدىن كەلگەن. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، قېرىنداش مىللەتلەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بالا ئوقۇتۇشقا يۈزلەندى، ھەتتا ئىشلەمچىلەرمۇ تاپقان پۇلىنى پەرزەنتىنى ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن جەبىر – جاپانى يېڭىپ، پەرزەنتىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، بىلىم ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلەر كۆپ.

     2012- يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشەن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ‹‹كۈرەش قىلىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن سەخس›› دېھقان ھەمراخان ئانىنى قوبۇل قىلغاندا: ‹‹سىز توققۇز پەرزەنتىڭىزنى ئوقۇتۇپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەپسىز. بۇ، كارامەت تۆھپە. سىز بەختلىك ئانا، قەھرىمان ئانا، ئەڭ مۇھىمى تەربىيەچى ئانا›› دەپ يۈكسەك باھا بەردى. ‹‹جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى>>دە ‹‹پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۆجىزە ياراتقان سەھرالىق ئانا›› تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ماقالىسى بېرىلدى. ‹‹پەرزەنت تەربىيەلەش مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم، شۇنداقلا باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپەم. بۇ ۋەزىپىنى ھېچقاچان شان – شەرەپكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئەمەس›› دەپ تونۇيدىغان بىر ئاددىي دېھقان ئانىنىڭ يۇقىرىقىدەك باھالارغا نائىل بولۇشىغا ئۇنىڭ توققۇز پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ، پۈتۈن جەمەتىنى سەھرادىن شەھەرگە يۈزلەندۈرگەنلىكى سەۋەب بولغانمۇ؟ مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىمى ھەمراخان ئانا پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە بىلىم ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئارقىلىق ماددىي نامراتلىق، ئىدىيە نامراتلىقى ۋە ئىقتىدار نامراتلىقىدىن تەل – تۆكۈس قۇتۇلۇشىغا باشلامچى بولغانلىقى سەۋەب بولغان.

     ھەمراخان ئانا قانداق قىلىپ 20- ئەسىرنىڭ 60 – 70 – يىللىرىدىكى قىيىن شارائىتتا پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا جۈرئەت قىلالىدى؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەمراخان ئانىدىن ئاڭلاپ باقايلى: ‹‹ھەمرىيىم بىلەن 1950- يىلى باش قوشۇپ 60 يىل بىللە ياشىدۇق، بۇ جەرياندا مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىققا دۇچار بولايلى، توققۇز پەرزەنتىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش نىيىتىمىزدىن يانمىدۇق. خەلق كوممۇنا تۈزۈمى شارائىتىدا كۆپىنچى دېھقانلار قورساق تويغۇزۇشنىڭ غېمىدىلا يۈرەتتى، بالىلارنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈلشىمەيتتى. ئائىلىمىزنىڭ جان – سانى كۆپ، ئەمگەك كۈچى ئاز بولغاچقا، قىيىنچىلىقىمىزمۇ ئېغىر ئىدى. شۇنداقتىمۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئويلايتتۇق. بالىلارنىڭ دەپتەر – قەلىمىنى تەييارلاشمۇ باش قاتۇرىدىغان ئىش ئىدى. يېقىن – يورۇق، قوشنا – قولۇملار قورساق تويغۇزۇشقا يېتىشەلمەي تۇرۇقلۇق، بالا ئوقۇتۇۋاتقىنىمىزنى چۈشەنمەي: <بۇنچە جاپادا ھەممە بالىنى ئوقۇتۇپ نېمە قويۇپتۇ، بىر – ئىككى بالاڭلار ئوقۇپ، قالغانلىرى ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە بولمامدۇ؟ بالىنى كۆپ ئوقۇتقاننىڭ نېمە پايدىسى. قاراڭلار، باشقىلار بالىلىرىنى ئوقۇتمايمۇ دارامەت ئېلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتمامدۇ؟> دېيىشەتتى. ھەرقانچە قىيىنچىلىق تارتساقمۇ، بىرەر بالىمىزنى مەكتەپتىن توختىتىۋېلىشنى ئويلاشمىدۇق. دېھقانچىلىقنى ئۆزىمىز قىلىپ، سەي – كۆكتات تېرىدۇق، سەھەر تۇرۇپ نان يېقىپ، بالىلارنى مەكتەپكە ماڭدۇرۇۋېتىپ، كەتمەننى كۆتۈرۈپ ئېتىزغا باردىم. كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ قوساق تويغۇزۇپ، بالىلارنىڭ كىر – قېتىنى يۇيۇپ، كىيىم يامىدىم، ھەمرىيىم بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى بەك قوللايتتى. ئارام كۈنلىرى جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىلەتتى، كۈنلەپ ساقلاپ تاش تۈگمىنىدە ئۇن تارتىپ كېلەتتى. ھەپتىدە ئىككى – ئۈچ تونۇر نان ياقاتتۇق. تالاي يىللار مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتتى. نۇرغۇن جەبىر – جاپا چەككەن بولساقمۇ، مانا ئەمدى بالىلىرىمنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى كۆرگۈنۈمدە تارتقان جاپالىرىم راھەت بىلىنىۋاتىدۇ».

     پاكىت ۋە ئەمەلىيەت بىلىم ئارقىلىق ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. نۆۋەتتە دېھقانلىرىمىز نامراتلىق قالپىقىنى ئۈزۈل – كېسىل چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، پارتىيە – ھۆكۈمەت يارىتىپ بېرىۋاتقان تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ، ئۇلاردا بىلىمنى سۆيىدىغان، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى بىلىم ئىگىلەش بىزنىڭ چىقىش يولىمىز، شۇنداقلا دەۋرنىڭ تەلىپى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter