Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تىرىشساقلا ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز

تىرىشساقلا ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز

2014-06-09 5:00     كۆرۈلۈشى: 1814 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: رەھمەتجان ئەھمەد      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىدا: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مېۋىسى جۇڭگوچە سوت....

رەھمەتجان ئەھمەد

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىدا: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مېۋىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت›› دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ نىشانغا يېتىشتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى <<تىرىشساقلا ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز>> دېگەن ئىدىيە بىلەن تۆۋەندىكى خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

     1. مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمايدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىدىن، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. دېمەك، مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشىنىڭ جان تومۇرى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنىڭ ئاساسى.

     بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇ ۋەقەلەر شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھەتتا ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر بولىدىغانلىقىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان رېئال خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى توغرا تونۇش؛ ئىككىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئېنىق تونۇش كېرەك.

     2. ئۆگىنىشچان، ئىجادچان، مۇلازىمەتچان پارتىيە قۇرۇش كېرەك

     ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئۆگىنىشچان، ئىجادچان، مۇلازىمەتچان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىدىغان نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشچان، ئىجادچان، مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى پارتىيە خىزمىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۆگىنىشچان، ئىجادچان، مۇلازىمەتچان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەريانىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل ۋە پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئۇنى تۈزۈم شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇشنىڭ دائىملىق ئىشىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     3. يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە

     يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچ يەنىلا ئىختىساسلىقلاردا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۈمىدى يېڭىلىق يارىتىشتا، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈمىد ئىختىساسلىقلاردا. ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىز پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنىڭ پاتېنت، ماركا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تىپ كەشپىيات تۈرلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە، تەرەققىياتتا ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

     4. بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

     بىلىم – مۈلۈك، ئەقلىي قابىلىيەت ھاسىلاتى يەنى مەنىۋى مەھسۇلات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ‹‹تەپەككۇر ئىقتىدارى››دىن كېلىدۇ. ئۇ كىشىلەر مەلۇم ماددىي ۋاسىتە ياكى چوڭ مېڭە ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ھەم ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلغان تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەنىۋى مەھسۇلات ماددىي بايلىققا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى ئۇ ئېلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت. بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بەرگەنلىك مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، بۇنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك پەن – تېخنىكىدىكى يېڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە، تەرەققىياتقا، باراۋەر رىقابەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىك. شۇڭا، تەرەققىياتتا بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تەخىرسىز بۇرچ.

     5. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

     سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج. شۇڭا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش نۆۋەتتە ئىشلەشكە تېگىشلىك تەخىرسىز ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ بىرى.

     مەدەنىيەت كۈچى ئەمەلىيەتتە رىقابەت كۈچى. ئۇ بىر دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم بەلگە، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئەتراپلىق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جامائەت پاراۋانلىقى تەكشى بولۇش، قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشى، تۈجۈپىلىشىش، مەخسۇسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش يەنى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، تېخنىكىسى ئىلغار، تارقىتىشى تېز، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ كۆپ خىل شەكىل ۋە كۆپ قاتلام بويىچە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كۈچلۈك مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

     6. ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك

     2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە 18 – قۇرۇلتاي 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك نىشان. ئاپتونوم رايونىمىز گەرچە مول تەبىئىي بايلىق قاتارلىقلاردا ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا نۇرغان چەكلىمە ئامىللىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى بېكىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قوشىدىغان تۆھپىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش؛ ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، نېفىت گاز تۇرۇبا يولى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توكنى سىرتقا چىقىرىش ۋە بىر تۈركۈم سۇ ئىنشائاتى، خەۋەرلىشىش، شەھەر قۇرۇلۇشى، شەھەر، يېزا قاتنىشى قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، رايونىمىزنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر تۈرى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىش؛ خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. شەھەر، يېزا ۋە رايونلار ئارىسىدا، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى %95كە، ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى %45كە يەتكۈزۈش ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %4تىن تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىش، نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتى بىلەن شەھەر، يېزا ئاھالىرىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا، ھاۋا سۈپۈتىنىڭ ساپ بولۇشىنى %2.5 بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يەرلىك مۇھىت ئاسراشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تۈزۈش، رايونلارنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %4.5كە، شەھەرلەرنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمىنى %45كە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدا يېشىللىق ئېكولوگىيە ئۇقۇمىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك.

     7. يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك

     يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زور ۋەزىپە. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىگە، كىرېدىت ئارقىلىق ياردەم بېرىش بىلەن پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىش؛ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان ئائىلىلەرنىڭ تارماق ھالىتىدىن ھەمكارلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى كىرېدىت خېيىم – خەتىرىنى يۆتكەش، تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يېزا كېپىللىك تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرزنىڭ مالىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇبيېكتىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش.

     8. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە رەھبىرىي كادىرلار توغرا تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەش كېرەك

     يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

     مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇشتا، ئومۇمىيلىق نۇقتىئىنەزەرىنى تۇرغۇزۇش يەنى رەھبىرىي كادىرلار ئۆز ئورۇنىنىڭ ئىگىلىكى ۋە رايونلار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇمىيلىققا قويۇپ پىلانلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىك، يەرلىك بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى؛ قانۇنىيەت ئېڭىدا يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىئىنەزەرىنى تۇرغۇزۇشى. قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلمىغان ھەر قانداق ھەرىكەت زور خاتالىقلارغا سەۋەب بولىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى، بولۇپمۇ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىش قانۇنىيىتى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىزدىنىش ھەمدە قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۈرۈش. رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ئاممىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىغا يېقىنلىشىشى، ئاممىدىن كەلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى  ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوغداش كېرەك.

     9. چىرىكلەشكەنلەرنى داۋاملىق قاتتىق جازالاش كېرەك

     دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇش. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنى ئاسان قولغا كەلمىگەن. ئەگەر ئۇ قەتئىي قوغدالمىسا، دۆلەت خارابىلىككە يۈزلىنىدۇ، پارتىيە ھالەك بولىدۇ. پاكلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يادرۇسى. بۇنىڭدا رەھبەرلىكنىڭ ئىدىيەسىنى پۇختىلاش؛ ھوقۇق چەكلىمىسى ۋە نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بىر پارتىيە، بىر مىللەتتە مۇستەھكەم غايە – ئېتىقاد بولمىسا، ئۇيۇشچانلىق بولمايدۇ، كۈرەش نىشانى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى توغرا تونۇش ۋە بىلىشنى پارتىيەنىڭ ھاياتىغا، ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىنتىزام پارتىيەنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە، ئىتتىپاقلىقى – بىرلىكىگە باغلىق.

     10. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

     دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پۇقرالار ئارىسىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقنىڭ ئاممىنى قېلىپلاشتۇرۇش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەرەپ – نومۇسنى بىلىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش، تۆھپە قوشۇش، ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىي ئەخلاق كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، ھوقۇق – مەنپەئەتنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان، مەجبۇرىيەتنى ئاڭلىق ئادا قىلىدىغان زامانىۋى پۇقرالىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش؛ دېلو بېجىرىشتە ئەدلىيە ئادىللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش؛ رەھبەرلىك ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››، ‹‹تۆت ئىستىل›› نى قەتئىي ئىجرا قىلىش، تەشكىلات تارماقلىرى كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇشتا قانۇنغا بوي سۇنغانلارنى ئالدىن ئويلىشىشقا، بىراقلا تەيىنلەپ ۋەزىپىگە قويماسلىق، بولۇپمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، توغرا جامائەت پىكرىنى ياقلىيالايدىغان، باشلامچى بولالايدىغان، تۆھپە قوشالايدىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى جاسارەت بىلەن روياپقا چىقىرىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغانلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشنى كۆرسەتمە نۇقتىسى قىلىش كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter