5- قېتىملىق چاۋشيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى كىم ئېرسىن ئەمىلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، چاۋشيەن قوشۇنىغا چىكىنىش بۇيرىقى چۈشۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى پۇرسەتتىن پايدىلاندى. خېلى كۆپ پىدائىي قىسىم دۈشمەن ئارقا سېپىدە قېپ قالدى. جەڭگىۋارلىقى ئاجىزراق بولغان 60- كورپۇس 180- دېۋىزىيەسىدىكى 7000-8000 پىدائىي ئەسكەر دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېڭ دېخۇەي بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، كىم ئېرسىننى ئىككى شاپىلاق ئۇرىۋەتكەن.
پېڭ دېخۇەينىڭ ئۇرۇش پىلانى بولسا، غەرىبىي تەرەپنى ئاساسلىق ھۇجۇم لىنىيەسى قىلىپ، شىمالىي خەنجياڭ دەرياسىنىڭ غەرىبىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ دىۋىزىيەسى، كورىيەنىڭ ئىككى دىۋىزىيەسى، ئەنگىلىيە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ بىرگادىسىنى ئايرىۋىتىپ تارمار قىلىش ئىدى. جوڭگۇ – چاۋشيەن بىرلەشمە ئارمىيەسى ئۇرۇشتىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى تۇتالىسىلا، 63-، 65- كورپۇس ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 29- بېرگادىسىنى يوقۇتالايتتى؛ 64- كورپۇس ئارىغا قىسىلىپ كىرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چىكىنىش يولىنى ئۈزۈۋىتەلەيتتى ھەم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 24-، 25- دىۋىزىيەسىنى ئۈچ قوشۇن ئارقىلىقلا قورشاۋغا ئالغىلى بولاتتى.
جوڭگۇنىڭ ئۇرۇش تارىخىدا خاتىرلىنىشچە، 1951- يىلى ئاپېرىلدا، 63-، 64- كورپۇس قىسىلىپ كىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقتىن، دۈشمەن تېزلىكتە چىكىنگەن. شۇنىڭ بىلەن پىدائىي قىسىم دۈشمەننى يوقۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان. 64- كورپۇس لىنجىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا توسۇلۇپقالغان. 65- كورپۇس تېز سۈرئەتتە يارىدىمگە كەلگەن بولسىمۇ، چىقىش يولى تاپالماي قالغان. 20 كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدىغان بۇ جاي دۈشمەن ئايرۇپىلانى ۋە زەمبىرەكلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. پىدايى قىسىمنىڭ بەش دىۋىزىيەسىدىكى 60 مىڭ ئەسكەر ئۈچ كىچە – كۈندۈز توختىماي قىلىنغان بومباردىماندا زور تالاپەتكە ئۇچرىغان.
يېقىنقى يىللاردا ئاشكارلانغان ماتىرىياللارغا قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە چاۋشيەن بىرىنچى گورۇپپىۋوي ئارمىيەسى دۈشمەننىڭ قايتارما ھۇجۇمىغا بەردەشلىق بېرەلمەي، ئەمىلىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جەڭگاھتىن چىكىنگەن. پىدائىي قىسىمغا ئۇقتۇرۇپمۇ قويمىغان. پېڭ دېخۇەينىڭ كىم ئېرسىننى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئالمىدى دەپ ئەيىپلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.
مۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكەن تېخى، ئاڭلاپ باقمىغان ئۇچۇرلار ئىكەن. يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ راھمەت!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
كىم ئېرسىن يېغلىۋەتكەندۇ ھە!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
كىم ئېرسىن يىغلىۋەتمەپتىكەن، ئەكىسچە ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ چويغانلىقى ئۈچۈن، پىڭ دېخۇەيدىن ئەپۇ سوراپتىكەن. ئەمما ماۋزېدوڭ پىڭ دېخۇەيدىن قاتتىق خاپا بۇلاپتىكەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
نېمىشقا خاپا بولاپتىكەن؟ سەپدىشىمىزنى ئۇردۇڭ دەپما؟
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
فېۋرال 10th, 2012 at 11:33
شۇنداق، سەن كەڭ قۇرساق بولساڭ بولمامدۇ دىگەن ئىكەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
مەن خاپا بولدۇم
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: