ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «شىنجاڭ روھى» نىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى – ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش

«شىنجاڭ روھى» نىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى – ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش

2012-01-23 10:18     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي روھ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىش....

     ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي روھ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنىمۇ شەكىللەندۈرگەن.

     «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، ئەمگەكچان بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئىلگىرىلەش››نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شىنجاڭ روھى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دەۋر روھىنىڭ شىنجاڭدىكى نامايەندىسى، شىنجاڭلىقلارنىڭ پائال يۇقىرى ئۆرلەش، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشتىكى مەنىۋى كوئوردىناتى.

     شىنجاڭ روھى جۇڭخۇا مىللەتلىرى روھىنىڭ داۋامى ۋە ئەۋجىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىخ ئېقىمىدىكى مەدەنىيەت يىغىندىسىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن.

     «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش›› ئاساسىدىكى شىنجاڭ روھىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرالىساق، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈدىغان كۈچلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىنىدۇ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ۋە روھىي تۈرتكىنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.

     ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۇلۇغ ئۇيۇشۇش كۈچى. قەدىمدىن ھازىرغىچە، يۇرتىنى سۆيۈش، ۋەتىنىنى قوغداش، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش، ئورتاق راۋاجلىنىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ كەلگەن. شىنجاڭنى سۆيۈدىغان بۇ خىل ئۇيۇشۇش كۈچى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ مۇھىم بۆلىكى.

     ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش يەنە قېرىنداشلىق مۇھەببىتى، مىللەتلەر ئارا مۇھەببەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قېرىنداشلىق مۇھەببىتى جەھەتتە ھەر بىرىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا – ئانىمىز، جورىمىز، پەرزەنتىمىز، ئاكا – ئاچا، ئۇكا – سىڭىللىرىمىزلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولۇپ قالماستىن، بارلىق مىللەتتىكى ۋەتەنداشلىرىمىزمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ خىل قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئاساسى.

     مىللەتلەر ئارا مۇھەببەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ، جۇمھۇرىيىتىمىز بايرىقىدىكى بەش يۇلتۇز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچىنىڭ، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنىڭ سىمۋولى. باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆز ئارا ياردەملىشىدىغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئارا مۇھەببەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ نامايەندىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتى.

     شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېگىلمەس – سۇنماس ئۆزىنى قۇدرەتلەندۈرۈش ئەقىدىسى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھى قاتارلىقلار تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىدە گويا ئاتاكا سىگنالىدەك ياڭراپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىينچىلىق ۋە خەتەرنى يېڭىش، غەيرەتكە كېلىپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىش قەيسەر ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

     شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان، ئۇ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 – يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدا مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەدىمدىن تارتىپلا ۋەتەننى، شىنجاڭنى ساداقەتمەنلىك بىلەن سۆيۈپ كەلگەن. مىلادى 1865 – يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئەنگلىيەنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا قوقان خاندانلىقىنىڭ ھەربىي كاتتىبېشى ياقۇپ بەگكە تىز پۈكمىگەندىن تارتىپ، يۈزنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا (1882 – يىلى 2 – ئاي) شىمالىي شىنجاڭ ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىپ، چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت دەپسەندە قىلىنغان ئىلى زېمىنىنى قايتۇرۋالغۇچە بولغان جەريانلاردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا ‹‹ھاياتىنى تەقدىم قىلىش، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق››تەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تولۇق نامايان بولدى.

     شىنجاڭنىڭ بىر بۆلەك تارىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ زېمىندا كۆپىيىپ، قوشۇلۇش، ئېجىل – ئىناق ئۆتۈش، تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىققا، ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان تارىخىدۇر. شىنجاڭنىڭ بىر بۆلەك تارىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ مۇنبەت زېمىندا ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك شىنجاڭ قۇرۇش تارىخىدۇر.

     يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا، شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىش كېرەك؛ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، شىنجاڭنىڭ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىدىمۇ ئوخشاشلا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىش كېرەك.

     ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش قۇرۇق گەپ قىلغان بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسەتسەكلا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىمىزنى ھەقىقىي نامايان قىلغىلى، قەيەردە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ۋەتەننى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ۋەتەنگە، يۇرتىغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتى قانچىكى چوڭقۇر بولسا، تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭى شۇنچە كۈچلۈك، كىشىلىك نىشانىمۇ شۇنچە ئېنىق، ئېتىقادى شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ.

     شىنجاڭدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇنداق ھېكايىلەر بەك كۆپ:

     ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازار لەڭگەر كەنتىدىكى 70 ياشلىق خۇدابەردى بوۋاي مەيلى قەھرىتان سوغۇقتا بولسۇن ياكى پىژغىرىم ئىسسىقتا بولسۇن، 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆيىدە دۆلەت بايرىقىنى ئۈزۈلدۈرمەي چىقاردى، بۇ خىل مۇقەددەس مۇراسىم ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

     شىنجاڭدا سەمىمىي، ساداقەتمەنلىك بىلەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر قەسىدە بار: خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىجىت باقى نەچچە ئون يىل جەريانىدا كەنتلەرگە، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تەكشۈرۈپ ئەسەر، كىتابچىلارنى يېزىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى خوتەن دىيارىدا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 84 يېزا، بازاردىكى دېھقان – چارۋىچى ئائىلىلىرىگە ئاددىي تىل بىلەن يەتكۈزدى.

     شىنجاڭدا يەنە ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا مۇنداق بىر قەسىدە كەڭ تارقالغان: جىمىنەي ناھىيەسى سارى ئۆلەڭ كەنتىدىكى قازاق ئاتا – بالا سىلام ۋە ماقسات 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، قار – شىۋىرغان، پىژغىرىم ئىسسىقتىن قورقماي، چېگرا لىنىيەسىدە 300 نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى ئاتلىق بېسىپ، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى شۇنداقلا كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچى.

     ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان بايراق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان زور كۈچ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى تۈۋرۈكى.

     2010- يىلى 6 – ئايدا باشلانغان ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتى شىنجاڭدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

     قۇلىستاي ئويمانلىقىدىكى يايلاقلاردا، قازاق چارۋىچىلار ‹‹ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قۇرۇلۇشىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى تۇرمۇشقا مەدھىيە ئوقۇدى.

     قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن تار كوچىلاردا ئۇيغۇرلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كوناشەھەر رايونىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ يېڭى قىياپەتكە كىرگەنلىكىدىن شادلاندى.

     «ئاتەش ماكان›› تۇرپاندا ھەر مىللەت ئامما ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇپ، ياشاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى؛

     «چىلان ماكانى›› چىرا ناھىيەسىدە، تۆت كىلومېتىرلىق ‹‹مەدەنىيەت تېمى›› كىشىلەرنىڭ ۋەتەنگە، شىنجاڭغا بولغان قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى…

     «ئۇلۇغ ۋەتىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى››دىن ئىبارەت دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، كىشىلەرنىڭ يۇرت – ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىدىكى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.

     ۋەتەنپەرۋەرلىك كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچ مەنبەسى. ۋەتەننى سۆيۈش چوقۇم يەر – جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، قەلبىمىزدە ۋەتىنىمىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ھەر ۋاقىت ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ ۋەتەننى سۆيگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

     كەسىپنى قەدىرلەپ، بىلىمگە ۋە ھالال ئەمگەككە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ ئالغا ئىنتىلىش، ئەقىل – پاراسەت ۋە قابىلىيەت ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى. خىزمەت ئورنىنى قەدىرلەپ، كىچىك ئىشلار، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشمۇ ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى. ھەر بىرىمىز يېڭى ئۈمىد ئارقىلىق يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان قىزغىنلىقىمىزنى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىشىمىز كېرەك.

     ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش ئادىمىيلىكنىڭ پەللىسى، شۇنداقلا ئەينەك، ئۇ ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ، ھەر بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا ئۇنىڭ زور ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدىغان مەنبە.

     يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا پىداكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان قىزغىن ھېسسىياتىمىزنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورتاق ئىرادىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

     ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش بىلەن زىچ باغلانغان. ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشتىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى كونا ئەنئەنىۋى قاراشنى بۇزۇپ تاشلاش، تەپەككۇر قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش، نى – نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىچكى – تاشقى چوڭ ۋەزىيەتتە، پۇرسەت ئېڭى، ئىستراتېگىيە ئېڭى، غەم – ئەندىشە ئېڭى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.

     تارىخىي مۇھىم ۋەزىپە ئالدىدا، كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىش يەنە كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزە يارىتىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى ئالدىدا جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى، ئاممىنى 1 – ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ساداقەتلىك بىلەن تۆھپە قوشۇشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشىمىز كېرەك. ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئالدىدا ھەم پۇرسەتنى تۇتۇشقا، تېخىمۇ مۇھىمى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىز، سەگەك، سەزگۈر بولۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۈمىدۋار بولۇپ، داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ، پاسسىپ ئامىلنى ئىجابىي ئامىلغا، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭ بىپايان ھەم ھەيۋەتلىك، سىرلىق ھەم گۈزەل ماكان. مەنزىرىسى ئۆزگىچە ‹‹ئۈچ تاغ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق››قا قۇملۇق، يايلاق، ئىپتىدائىي ئورمانلىق، دەريا ئېقىنى، كۆل، قارلىق تاغ چوققىلىرى، نېفىت، كۆمۈر، رەڭلىك مېتال… دىن ئىبارەت يەر شارىدىكى بارلىق تەبىئىي مەنزىرە ۋە بايلىقلار مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، گۈزەل شىنجاڭ يوشۇرۇن كۈچكە، ئارزۇ – ئۈمىدكە، ھەر مىللەت خەلق ئىشەنچكە، ئىنتىزارلىققا تولغان.    

     (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter