ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىز نېمە ئويدا، ياشلار نېمە كويدا؟

بىز نېمە ئويدا، ياشلار نېمە كويدا؟

2013-12-04 6:17     كۆرۈلۈشى: 1448 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابلىمىت سوپىھاجى      يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىشخانىدىكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزۈم يالغۇز باشقۇرغان ئارخىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئىشەنچلىكرەك بىرسىنىڭ بولۇشىنى ئويلايدىغان ب....

ئابلىمىت سوپىھاجى

     يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىشخانىدىكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزۈم يالغۇز باشقۇرغان ئارخىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئىشەنچلىكرەك بىرسىنىڭ بولۇشىنى ئويلايدىغان بولدىم. چۈنكى يەر ناملىرى ئىشخانىسى دېگەن ئانچە چوڭ ئورۇن بولمىسىمۇ، بىر يۇرت، بىر رايون ياكى بىر ئورۇننىڭ يەرلىك نامىنى بېكىتىشتە رولى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. تەلىيىمگە يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىر ئىستۇدېنت بۇ ئىشخانىغا تەقسىم قىلىندى. مەن ئالدىراش ھالدا ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى رەتلەپ، خىزمەت شىرەسى، ئورۇندۇق قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى تەييارلىدىم. ئۇ ئىشقا چۈشۈپ ئىككى كۈن بولغاندا ئىشخانامغا كىرىپ:

     - بۇ ئىدارىدە كومپيۇتېر يوقمۇ؟- دەپ سورىدى.

     - نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بۇ ئىشخانىدا ئۆزۈم يالغۇز ئىشلىگەچكە، كومپيۇتېردىن بىرنىلا ئالغان، بۇ قېتىم يەنە كومپيۇتېر سېتىۋېلىش توغرىسىدا يۇقىرىغا دوكلات يازدىم. بىز خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدىكى ئىشخانا بولغاچقا، نېمە لازىم بولسا، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئىشخانىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىدۇ، بىزنىڭ بىۋاسىتە نەرسە سېتىۋېلىش ھوقۇقىمىز يوق، شۇڭا بىرنەچچە كۈن ساقلاپ تۇرۇڭ،- دېدىم ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ.

     لېكىن ئۇ ھازىر كومپيۇتېر بولمىسا ،بۇ دۇنيانىڭ مەنىسى بولمايدىغانلىقىنى، دادىسىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيسەن دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ كېلىپ قالغانلىقىنى، بۇنداق ئىدارىدە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، نەسىھەتىمگە قۇلاق سالماي، خىزمەتنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئىككى كۈنلا خۇشال بوپتىمەن، ئىشخانىدا يەنە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم.

     ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم بېسىۋاتقان بۇ ئىستۇدېنتنىڭ قىلمىشى مېنى ئويغا سالدى. بىز يېڭى خىزمەتكە چىققاندا ھۆكۈمەت بىزنى يىراق يېزىلارغا ئەۋەتىپ چېنىقتۇراتتى. مەنمۇ يېزىدا 18 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپ، ئاندىن ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا كەلگەن. ئۇ چاغدا قاتناش، ئالاقە ئىشلىرى راۋان ئەمەس، تۇرمۇشىمىزمۇ جاپالىق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ قىلچە ۋايسىمايتتۇق. ھازىر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، شارائىت ياخشى بولۇپ كەتتى. لېكىن ياشلاردا جاپاغا چىداش روھى كەمچىل بولماقتا. ياشلار سىرتلارغا چىقسا، قولىدىن يان تېلېفون چۈشمەيدۇ، ئۆيگە كىرسە كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپالمايدۇ.

     يېقىندا يېزىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپ، بىر ئىستۇدېنت قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئەسلىدە ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شەھەردىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەلۇم ناھىيەگە تەقسىم بولغان ئىكەن، لېكىن ئۇ يەرنى يىراق كۆرۈپ بارماپتۇ، ھازىر شەھەردىكى ئۆيىگە يېقىن يېزىدا ۋاقىتلىق ئىشلەۋېتىپتۇ. دادىسى شەھەردىكى بىر ئىدارىدە ئىشلىگەچكە، دادىسىنىڭ ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تېپىپ بېرىشىگە ئىشىنىدىكەن.

     مېنىڭچە، ھەممە ئادەم شەھەردە، ياخشى ئىدارىدە خىزمەت قىلىمەن دەپ ئويلىسا، جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. يېزىلارمۇ، ئاساسىي قاتلاممۇ ئىختىساسلىق خادىملارغا موھتاج. ئاددىي ئورۇنلاردىمۇ، چەت ياقا – يۇرتلاردىمۇ باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى ئېغىر بولماقتا، ئاتا – ئانىلار نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، بالىلىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتسا، ئۇلار شەھەردىلا ئىشلەيمەن، يېزىغا بارمايمەن دەپ تۇرۇۋالسا، ئائىلىسىگىلا ئەمەس جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بېسىم بولىدۇ. ياشلار كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىلىرى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ياشلارنىڭ قولىدا. شۇڭا ياش دوستلار چەكلىك ھاياتىمىزدا ئۆز ئىقتىدارىمىزنى جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، تىگىشلىك تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter