يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەشكىلنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تۇران تېكىن 200 مىڭ ئەرش لەشكىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا يۈرۈپ كەتتى. ئاساسلىق ۋەزىپىمىز خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەل رايىنى ئىگىلەپ، خەلىققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن بىزنىڭ ئىدارىدىن تۆت نەپەر كادىر 3- ئاينىڭ 3- كۈنى كەنىتكە يىتىپ كىلىپ ئورۇنلاشتۇق. كەنىت كادىرلىرى بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئەتىسىدىن باشلاپ، بىز بىر بىرلەپ كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، ئون ئائىلە باشلىقى، دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق. 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ئاساسەن كەنىت ئەھۋالىنى بىلىش بىلەن بولدۇق. 3- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۈرۈشىشكە باشلىدۇق. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى يۈرەكنى ئىزەتتى. دەسلەپ بىزدىن ئەيمەندىمۇ ياكى ئىھتىيات قىلدىمۇ، ئېيتاۋۇر تازا ئېچىلالمىدى. ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارىتىمىزنى باشلىغاندىن كېيىن بۇلبۇلدەك سايراپ كىتىشتى. مەسىلە ئاز ئەمەس ئىدى. كونا يېڭى گەپلەر ۋە مەسىلىلەر بىر بىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇلدى. شۇنداقتىمۇ پەقەتلا پىكىرىم يوق، كادىرلا بەك ياخشى دەپلا سۆزىنى تۈگۈتىۋىتىپ، جىم تۇرۇۋالغانلارنىمۇ ئۇچراتتۇق. كاللام زىدىيەتكە تۇلۇپ كەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ بەزىلىرىنى تامامەن راس دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. بەزى سۆزلەرگە ئەمەلىي پاكىت يوق ئىدى.
كەنتىمىزدە تور بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۈندىلىك يېڭىلىقلارنى تورغا يوللىيالمىدىم. بۈگۈن بىر ئۆيگە قايتىش پۇرسىتى بولغان ئىكەن، كىلىپلا مۇشۇ تاق تاق كۇنۇپكا تاختىسىغا كۆزۈم چۈشتى. كۆنۈپ قالغاچقا ھېچنىمىگە قارىماي ئۇدۇللا بۇ ئۇچۇرنى يېزىشنى باشلىدىم. ئەمما سۆزنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي، قىسقىلا خاتىرە قالدۇرۇپ قويدۇم. ئاخىرىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىمەن.
كەنتىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل كەڭ دېھقان ئاممىلىرىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
كەنىتنىڭ ئىلگىرىكى قىياپىتى
كەنىتنىڭ ھازىرقى قىياپىتى
ئائىلە سۆھبىتىنى باشلىغان تۈنجى ئائىلىنىڭ ئاپتاپلىق قوي قوتۇنى