ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاساسىي قاتلامغا بېرىشتە شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىش كېرەك

ئاساسىي قاتلامغا بېرىشتە شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىش كېرەك

2014-03-28 11:05     كۆرۈلۈشى: 1343 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: سۈي چياۋشيا      ھازىر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. مەركەزدىن يەرلىككىچە ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىش›› توختىماي تەشەببۇس قىلىنىۋ....

سۈي چياۋشيا

     ھازىر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. مەركەزدىن يەرلىككىچە ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىش›› توختىماي تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئاساسىي قاتلامغا بېرىشتا ‹‹بېرىش››لا كۇپايە قىلمايدۇ، ئاساسىي قاتلامنى چەكسىز ئوكيان بىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك.

     كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشى ئەمەلىيەتنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئامما بىلەن چوڭقۇر ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتۇر. شۇڭا، كادىرلار ئېتىز باشلىرىغا، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە، سېخلارغا بېرىپ، ئەل رايىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ دەۋا – تەلەپلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، مۇشۇ ئاساستا ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىك، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

     ئالايلۇق، كارخانا خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ سۆھبەتلەشكەندىن كۆرە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1- سېپىگە بېرىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئىشلىگەچ سۆھبەتلىشىش؛ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە، بىر قانچە ئادەمنى يىغىپ ياكى دوكلات ئاڭلاپلا ئىشنى تۈگەتمەستىن، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئامما بىلەن كادىرلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئاممىمۇ ئۇلارغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى، دەردىنى ئېيتالايدۇ.

     رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسىي قاتلامدا بىر مەزگىل ئەستايىدىل ئىشلىگەندىلا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشەنگىلى، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئۆگەنگىلى، ئاممىنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشىنى ئۇقۇپ، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلغىلى بولىدۇ. كەمتەرلىك بىلەن ئاممىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاممىدىن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، مەدھىيەلەيدىغان، ماختايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشنىڭلا كويىدا يۈرمەي، تەنقىدىي پىكىرلەرنى كۆپ ئاڭلىشى؛ خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاممىنىڭ دەۋا – تەلەپلىرىنى ئانالىز قىلىپ ھەل قىلىشى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشكە ماھىر بولۇپ، زىددىيەتنى پەسەيتىشنىڭ چارا – تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىشى؛ ‹‹خەلقتىن چارا – تەدبىر سوراش، خەلقنىڭ دەرد – ھالىنى سوراش، خەلقتىن ئەقىل – پاراسەت سوراش››تا چىڭ تۇرۇپ، ئەلنىڭ رايىغا مايىللىشىپ، ھالىغا يېتىپ، نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئاساسىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق. ئالايلۇق، كادىرلار ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ؛ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش جەريانىدا، ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشۇشتىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ ۋە تەجرىبە توپلىيالايدۇ؛ ئامما بىلەن دوستلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىدىيە ۋە ياخشى ئەخلاقىنى ئۆگىنىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە ئىلھامغا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشەلەيدۇ.

     «سىز ئامما بىلەن قانچە يېقىن بولسىڭىز، ئاممىمۇ سىز بىلەن شۇنچە يېقىنلىشىدۇ››. ئامما بىلەن ھەقىقىي ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، خىزمەتتىكى ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىپ، ئىدىيەسىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىشقا توغرىلاپ، خىزمەتلىرىنى خەلقنى كۆزلەش، خىزمەت ئىسىتىلىنى ياخشىلاش، خەلققە يېقىنلىشىش، خەلقنى سۆيۈشكە ئۆزگەرتكەندىلا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

     ئاساسىي قاتلامغا بېرىش شۈبھىسىزكى ۋاقىتلىق پىلان ياكى ئىش ئەمەس، بەلكى، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك زور پىلان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چىن مۇھەببەت، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، يۈكسەك مۇلازىمەت ئېڭى ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلاپ، ئىدىيەسىنى ‹‹مېنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرىدىكەن››دىن ‹‹مەن ئاساسىي قاتلامغا چۈشىمەن››گە ئۆزگەرگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشتىكى تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى، ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter