ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى

ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى

2014-04-04 8:35     كۆرۈلۈشى: 1704 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: زەينۇر ئابلا      شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتل....

زەينۇر ئابلا

     شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تىنچ – ئىتتىپاقلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تۈپ مەنپەئەتىنىڭ ئاساسى. ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق بولمىسا، خەلقنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ. يېقىندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىچى ، سىرتىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىلىغا ئازار بەردى.

     شۇڭا بىز مەركەزنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا ئائىت ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.

     بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جەمئىيەت گۈللەنمىسە، تەرەققىي قىلمىسا خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكى مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بولغانلىقىدا. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. شۇڭا، بىز بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىشتە ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم.

     ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى. تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇھىم ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداشنى چوڭ ئىشلار قاتارىدا تۇتۇپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ كەلدى. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۈشمەننىڭ پۇرسەت، يوچۇق تېپىشىغا يول قويمىغىلى، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي ساقلىغىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر داۋامىدا، ئورتاق غايە، ئورتاق ئىشلار، ئورتاق مەنپەئەت مىللەتلەرنى بىر – بىرىگە چىڭ باغلىغان، ئۇلار قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەرمىللەت خەلقى ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئالاقىدار فاڭجېن، سىياسەتلىرى ئاساسىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىنچ – ئىتتىپاق، مۇقىم، گۈللەنگەن ۋەزىيىتىنى مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا قوغدىشى لازىم.

     تۆتىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ – خاتىرجەملىكىنىڭ ئاساسى. خەلقنىڭ تىنچ – ئامانلىقى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىردىنبىر مەقسەت. پەقەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغاندىلا، جەمئىيەت ۋە خەلقنىڭ تىنچ – ئامانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر جەمئىيەت قالايمىقانلاشسا، خەلقنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ھەتتا خەلقنىڭ ئاساسىي ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولغاندىلا، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەر مىللەت ئاممىسىغا گۈزەل تۇرمۇش ۋە كېلەچەك ياراتقىلى بولىدۇ.

     بەشىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي مۇساپىلەردە زىچ ئالاقە قىلىپ، ئۆزئارا تايىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قان – قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداپ كەلدى. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن جەمئىيەت مۇقىم بولغان مەزگىللەردە مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولدى؛ ئەكسىنچە جەمئىيەت قالايمىقانچىلىققا پاتقان مەزگىللەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چېكىنىش كۆرۈلدى. شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، تۈپ مەنپەئەتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشتا ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت مۇناسىۋەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشى لازىم.

     ئالتىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنى مۇستەھكەم ئىگىلەشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، كۆز ئالدىمىزدا پۇرسەت ۋە خىرىسلار تەڭلا مەۋجۇت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەخت، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئاپەت. شۇڭا، بىز نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ۋە مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچ ۋە ئەقىلنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈشتە پۈتۈن جەمئىيەت ھەر مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

     يەتتىنچى، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق خەلق بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىشتىكى ئاممىۋى ئاساس. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سالىدىغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىش لازىم. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش لازىم. خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيەلىنىش، داۋالىنىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقى ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

     قىسقىسى، شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايوندا مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بۆلگۈنچىلىك ۋە مالىمانچىلىق دۆلەت ۋە خەلققە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، گۈزەل بەختىيار، ئىناق شىنجاڭدا زوراۋان تېررورچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ھەر مىللەت خەلقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، ئىناق، بەختىيار ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter