«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى
پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا
(شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)
3- ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئورگانلاردىن 200 مىڭ كادىر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشتەك ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. جاڭ چۈنشيەن شۇجى يېقىندا يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىسىنىڭ چەكھويلا كەنتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئەلرايىنى بىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتكە ئوبدان ئاساس سېلىش كېرەك. ئەلرايىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟ جاڭ چۈنشيەن شۇجى بۇنى بىۋاسىتە فورمۇلا بىلەن ئىپادىلىدى: ئەلرايىنى بىلىش = سەمىمىي ھېسسىيات + ياخشى ئىستىل + ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭچە تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدۇر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى، ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئاساسنى پۇختىلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۈپ سىياسىتى، ئەلرايىنى بىلىش بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي خىزمىتى بولۇپ، بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش، تاپشۇرۇشنى تولۇق ئىشلەش كېرەك.
بىرىنچى دەرس ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتۇر. ئادەمدە ھېسسىيات بولىدۇ، ھېسسىيات تونۇشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش پائالىيىتى ئەھۋالنى بىلىش، ھەل قىلىش، پىكىرلەرنى ئاڭلاش مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. ئاممىنى قەلبىمىزگە پۈكسەكلا، ئاممىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايمىز؛ ئاممىنى تۇغقان دەپ بىلسەك، ئاممىمۇ بىزنى قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ. سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئەلرايىنى بىلىش ھەر مىللەت خەلقىنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيۈش، ئاممىنى قېرىندىشىم دەپ بىلىشتۇر، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، سەمىمىي سىرداشقاندىلا، راست گەپ ئاڭلىغىلى، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى دەرس خىزمەت ئىستىلى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتۇر. ئىزچىل شەھەردە ياشاپ خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلار تۇيۇقسىزلا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، شارائىتى نىسبەتەن جاپالىق كەنتلەرگە كەلگەندىن كېيىن ‹‹سۈيى يەكلەپ›› قالارمۇ؟ يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن: ‹‹يولداشلار كەمتەر بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىقتەك ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىسۇن، يولداشلار جاپالىق كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىسۇن››. ‹‹ئىككى بولسۇن›› مول مەزمۇن، چوڭقۇر مەناغا ئىگە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نەزەرىيەۋى نەتىجە، بۇ پارتىيەمىزنىڭ جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىرلار بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە سىناقلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ئوخشاشلا ‹‹ئىككى بولسۇن›› ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا ماركسىزمچى پارتىيەنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالىي نىشان قىلىشى كېرەك. شۇندىلا ئامما بىلەن قويۇق ئارىلاشقىلى بولىدۇ، پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر ئاممىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۈچىنچى دەرس ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. مەركەز مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹شىنجاڭدىكى ئەڭ زور ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى››. بۇ، شىنجاڭدىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئېنىق يۆنىلىشى. مىللەتلەر ۋە دىن مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىسى، مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتى شىنجاڭ ئۈچۈن تىپىك ئاممىۋى خىزمەت، بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىشلەش كېرەك. شۇڭا شىنجاڭدا ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم ھالقىسى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىدۇ. كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىرلار ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە ئەمەلىيەت تەربىيەسى ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن دىلىدىن ئىشەنچ ۋە مېھىر – مۇھەببەت باغلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئۇسۇل جەھەتتە، ‹‹ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە›› دېگەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ئائىلىلەرگە كىرگەندە ‹‹كىرىشكە تېگىشلىك بولسا كىرىش، سۆزلىشىشكە تېگىشلىك بولسا سۆزلىشىش››كە دىققەت قىلىپ، ئۆزگەرمەس قائىدە قىلىۋالماي، توڭلۇق – قوپاللىق قىلماي، سىردىشىپ دوست بولۇشى كېرەك.
نۆۋەتتە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، دەرسنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىلا ياخشى خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىپ، پۈتكۈل پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھەم زور نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇنى مەھكەم ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابنى چىن كۆڭۈل ۋە ھەق ئىخلاس بىلەن يېزىپ، ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت دەۋر مەسىلىسىگە ياخشى جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.