Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

2014-05-14 9:55     كۆرۈلۈشى: 1633 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)      ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش يېڭى ئىستىلى، توغرا كەيپىياتى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى دائىملىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە ۋە مېخ....

(شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

     ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش يېڭى ئىستىلى، توغرا كەيپىياتى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى دائىملىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە ۋە مېخانىمىزدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

     پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش كېرەك.

     بۇ يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىدىن مارتنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يەرلىك ۋە ئورۇنلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئەمەل سودىسى قىلىشقا ئالاقىدار ئۈچ دېلونى، شۇنداقلا خۇنەن ئۆلكىسى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان جياڭيۇڭ ناھىيەسىدىكى ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا كەسپىي ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدىكى دېلولارنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

     يېقىندا مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىر قىسىم ئۆلكىلىك، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشتاتتىن ئاشۇرۇپ رەھبىرىي كادىر سەپلەش، باشقىلارنىڭ نامىدا ئىشلىمەي مائاش ئېلىش، تەرجىمىھالىنى ئويدۇرۇپ چىقىش، ساختا ئارخىپ تۇرغۇزۇش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەش؛ ئەمەل سودىسى قىلىش، ئەمەل كويىدا قاتىراش، تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىشقا قويۇشنى سەمىگە سېلىپ قويۇش، ئارىلىشىۋېلىش، كادىرلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، يامان ئادەت، ناچار كەيپىياتلارنى قاتتىق تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات يېتىلدۈرۈش كېرەك.

     مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: بۇ پارتىيەمىزنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىدا قاتتىق بولۇش، ھەقىقىي، ئەمەلىي تەكشۈرۈشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىنى، دۇرۇس ھەم ئادىل ئادەم ئىشلىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بەردى.

     دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئادەم ئىشلىتىشتە. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، جايلار ۋە تارماقلار ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك ھەم ئادىل ياخشى كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش›› تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانغا دادىل كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، زىددىيەتلەرگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان، يامان ئادەت، ناچار كەيپىياتلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلالايدىغان، خاتالىقلارنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارنى نۇقتىلىق تاللاپ، ئۇلارنى باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ پىرىنسىپى، پارتىيە ئىشلىرى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.

     ياخشى كادىرنى تاللاش ۋە ئىشلىتىشتە ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، ئاددىي، قوللىنىشقا ئەپلىك ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

     «تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنى پاش قىلىش كۆزنىكى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى ھەپتىدە مەلۇم قىلىش، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى يوشۇرغانلارنى ئاشكارىلاش…  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنى ئاچساق، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› نى تۈزەشنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش كۆزنىكى باش بەتتە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يېقىندا ئېچىلغان بۇ ئىستون ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كادىرلارنى چۆچۈتىدىغان يەنە بىر ‹‹ئۆتكۈر قورال››غا ئايلاندى.

     ئىستىل مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىلنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلىش مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى ھەم پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

     «تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى قاتتىق تەكشۈرۈشنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 2013- يىلى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىدا، رولىنى داۋاملىق كۈچلۈك جارى قىلدۇردى. بۇ يىل 1 – ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 2288ى بايقىلىپ، 2986 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 920 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ياكى مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلدى.

     «تۆت خىل ناچار ئىسىتل›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش. پارتىيەنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››دىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنى داۋالاشنى ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

     ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىزىگە سولاش كېرەك

     چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ‹‹سەييارە تەكشۈرۈش›› دېگەن سۆز تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزگە ئايلاندى. بۇ يىل مارتتا مەركەز سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، كەينىدىنلا مەركەزنىڭ 2014 – يىللىق سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

     دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دائىملىق سەييارە تەكشۈرۈشتىن باشقا، بۇ يىل مەركەزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سەييارە تەكشۈرۈشىدە يەنە مەخسۇس سەييارە تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ. يىغىن تەلىپىگە ئاساسەن، بۇنداق يېڭىلىق يارىتىشچان سەييارە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى جانلىق بولۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرىدىغان ‹‹داموكلېس قىلىچى››غا ئايلىنىدۇ.

     سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش – پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەنلىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. چاغاندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ جى ۋېنلىن، جۇ زولى، جىن داۋمىڭ، شېن پېيپىڭ، ياۋ مۇگېن، شېن ۋېيجېننىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇلاردىن باشقا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئاپرېلنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە، يەرلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار 11 ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى.

     جازالاشقىمۇ، ئالدىنى ئېلىشقىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەزى ئورۇنلار ۋە تارماقلارنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇشتا زىيادە كەڭچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى زىيادە بوش قويۇۋەتكەنلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا، مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشى(ۋەزىپىگە تەيىنلەش)نى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈم – بەلگىلىمىلەرنى تۈزىدى. بەزى بىرىنچى قول رەھبەرلەرنىڭ بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولۇش، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېيىشكە ئادەتلىنىشى، بۇنىڭ چىرىكلىشىشتىكى ‹‹ئېغىر ئاپەت رايونى››غا ئايلانغانلىقىغا قارىتا، كۆپ ساندىكى يەرلىك ئورۇنلار ۋە تارماقلار ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. ھوقۇققا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلەشلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم قەپىزى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – ئاپرېل تېلېگراممىسى)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter