Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تەرەققىياتقا قانات بولغان ئىسلاھات

تەرەققىياتقا قانات بولغان ئىسلاھات

2014-09-18 11:40     كۆرۈلۈشى: 1176 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ  ئىسلاھاتنى  ئومۇميۈزلۈك  چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە     ياۋ تۇڭ      «قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى شۇنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا ئىدارە قىلىش سىست....

ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ  ئىسلاھاتنى  ئومۇميۈزلۈك

 چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە

    ياۋ تۇڭ

     «قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى شۇنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نامايان قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل تۇتۇش كېرەك›› بۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چۈشۈرگەن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى.

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باشلانغىنىغا يېرىم يىل بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئىسلاھ قىلىش، يېتەكچىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۇتۇش، تالاش – تارتىشلارنى تۈگىتىش، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، توسالغۇلارنى تۈگىتىش، قويۇق ئىسلاھات كەيپىياتى بەرپا قىلىش بويىچە، مۇكەممەل شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلاندى، ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي ئۈنۈمنى ھېس قىلدى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئۈمىدكە تولۇپ، ئىسلاھاتقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. تونۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك ئىستىھكامى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

     2013- يىلى 5- ئايدا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر توپلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقىدار تەرەپلەرنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىسلاھات مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇردى. 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلاشتى، تۆت كۈندىن كېيىن، يەنى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. مۇشۇ ئاساستا، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ لايىھە تەييارلىدى، 2- ئاينىڭ 7- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى، ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى>نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دېيىلىدۇ)نى تەييارلاش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› ماقۇللاندى.

     «يولغا قويۇش پىكرى››دە مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىسلاھات يۆنىلىشى ۋە يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ 17 جەھەتتىكى 75 تۈرلۈك ئىسلاھات مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

     «يولغا قويۇش پىكرى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن بىر تۈركۈم ئىسلاھات تۈرلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇش توغرىسىدا يەنە كۆرسەتمە بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹مۇھىم نۇقتا›› دېيىلىدۇ) ۋە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرى ئىش تەقسىمات لايىھەسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹لايىھە›› دېيىلىدۇ) تۈزۈلۈپ، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

     «لايىھە››دە 16 جەھەتتىكى 269 تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى، ھەر بىر تۈرلۈك ئىسلاھاتقا ماسلىشىدىغان ئورۇن، باشلامچى ئورۇن، قاتنىشىدىغان ئورۇن، ئىسلاھاتنى تاماملاش ۋاقتى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىسلاھات تۈرلىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكى، مەشغۇلاتچانلىقى، تەكشۈرۈپ باھالاشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلدى؛ ‹‹مۇھىم نۇقتا››دا بۇ يىلقى سەككىز جەھەتتىكى 56 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى بېكىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدىكى خىزمەت ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر ۋە تارماقلارمۇ ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر، چارە ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتنى تېزدىن ئىلگىرى سۈردى.

     مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 5- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي ئانالىز قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئاچتى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىيەت خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلانغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، 4- سېنتەبىر، جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قايتا سەپەرۋەرلىك قىلىندى، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     تۇنجى يىلدا ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سەككىز چوڭ جەھەتتە ئۈنۈم كۆرۈلدى

     ئىسلاھات زور سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. شۇڭا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلانغان تۇنجى يىلدا تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىش ئىنتايىن مۇھىم.

     ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى››نى تۈزۈپ، ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق››نى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە ھەر قايسى تەرەپلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ھەقىقىي ئىشلەش، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىشنى نامايان قىلىپ، ئىشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئايرىپ، بۇ يىل ئورۇنداشقا بولىدىغان سەككىز مۇھىم ئىسلاھات تۈرى ۋە 56 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل تاللاپ چىقىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا تېزدىن ئىشقا كىرىشىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

     ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، تەڭشەلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى توققۇز تۈركۈمگە بۆلۈپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش نىسبىتى %40كە يەتتى.

     جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يۆلەش – ئېچىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ناھىيەلەر ۋە نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كۆرسەتكۈچىنى باھالاش بىكار قىلىندى؛

     «شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىش سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› ۋە ‹‹شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ 2014-، 2015- يىللىق ھەرىكەت پىلانى›› تۈزۈپ چىقىلدى؛

     توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، 364 مىليون يۈەن يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىلدى؛

     جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىلگەن 891 مىليون يۈەن مالىيە مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛

     جايلاردىكى ئامما زوراۋان – تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئۆزلۈكىدىن قاتناشتى. ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاممىۋى ئاساس نامايان قىلىندى؛

     ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى دادىل راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت كارخانىسى، دۆلەت كاپىتالى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، سىياسەت لايىھەسى تۈزۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات مۇنبىرى›› ئۆتكۈزۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خىزمەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىشكە ئائىت بىر قاتار تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالاش ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بەش نۇقتا ئاساس قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى.

     مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى سىياسەت خاراكتېرلىك تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەجرىبىسى، نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

     ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش، ئاممىۋى خىزمەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹قاتتىق زەربە بېرىش›› گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ‹‹قاتتىق ئالدىنى ئېلىش››تا چىڭ تۇرۇلۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تە قەتئىي بولۇپ، ئاممىغا تولۇق ئىشىنىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا تايىنىش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش تورى كەڭ يېيىلدى.

     خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش، سىياسىي جەھەتتىن دېموكراتىك كېڭىشىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دېموكراتىك قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ھوقۇققا چەكلىمە قويۇشنى نازارەت قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     ئاساسىي قاتلاملارنىڭ رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى؛ كادىرلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا خاتىرجەم يىلتىز تارتقۇزىدىغان سىياسەت مېخانىزمى تۈزۈلۈپ مۇكممەللەشتۈرۈلدى؛ ئىختىساسلىقلارنى يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ئىختىساسلىقلار ۋە كادىرلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش بويىچە ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە بىر تۇتاش بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

     يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىشەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

     پائال ھەرىكەتلىنىپ، ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قەدەم پۇختا ئېلىندى

     ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كارخانا مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلى ئوبلاستلىق بىرلەشمە مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى قۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى سودا ھەرىكىتىنىڭ ئادىل، ئاشكارا، ھەققانىي بولۇشىغا سۇپا ھازىرلاپ بەردى.

     ئالتاي ۋىلايىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش تۈر ئامبىرى ۋە كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى قۇردى ھەم ئۇنى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزدى.

     قاراماي شەھىرى شەھەرلىك پارتكوم، نېفىتلىك پارتكومى بىرگەۋدە قىلىنغان تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

     ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتى››نى تۈزدى، سودا – سانائەتنى تىزىملاش ئىسلاھاتىدىكى 12 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى چۆرىدەپ، شەھەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ھەمكارلىشىپ قۇردى.

     ئاقسۇ ۋىلايىتى خىزمەت نەتىجىسىنى نىشانلىق باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىلگىرىكىدىن %60تىن كۆپرەك قىسقارتتى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دەل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەخسۇس گۇرۇپپىلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكىدىن بولغان.

     ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلسا، چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە توسالغۇمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت يولغا قويغان تۈرلۈك ئىسلاھات سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتقا ئائىت تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەمكۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹2014 – يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى›› ۋە ‹‹يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق ئومۇمىي دائىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سالمىقى زور، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويغاندىلا، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ‹‹باش نىشان››ى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

     ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدىن چېكىنىشكە بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن، قىلچە بوشاشماي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ – چوڭ ئىسلاھات سىياسەتلىرىنى دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە ئورگان ئىشتاتى، خادىملارنى سەپلەشنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

     ئىسلاھاتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، بۆسۈپ كىرىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرمۇ بىر ئۆزگەرتىپ، بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئالغا ماڭساقلا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter