Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىش كېرەك

جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىش كېرەك

2014-04-07 8:48     كۆرۈلۈشى: 1668 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)      باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدىكى تەكشۈرۈشتە: جياۋ يۈلۇ روھى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى باي....

 (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

     باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدىكى تەكشۈرۈشتە: جياۋ يۈلۇ روھى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدۇر، بىز ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش، ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئۆلچەم سۈپىتىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

     گېزىتىمىز بۈگۈن ئېلان قىلغان يولداش ئابلېلىم ئابلىزنىڭ جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش، ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى جانلىق ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئابلېلىم 46 يىلدىن بۇيان ئاڭلىق ھالدا جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، دېلولارنى ئادىل بېجىرىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلدى؛ جاپاغا چىداپ ئاددىي – ساددا ياشاپ، پاك – دىيانەتلىك بولدى؛ راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىدى؛ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ئالىيجاناب بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش، ئەۋج ئالدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بېرىپلا قالماي، بىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىشىمىزنى ئاساسقا ئىگە قىلدى.

     ھازىر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىز جياۋ يۈلۇ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى شىنجاڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 2- تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىپ، ئىچىدىن تېشىغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قايتا – قايتا ئەينەككە قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە مەنزىلى، ساپاسى، ئىقتىدارى، ئىستىلى، ئوبرازى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ، يولداش جياۋ يۈلۇدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىشنى بۈگۈندىن، ھازىردىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، جياۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولۇشقا تىرىشىپ، ئاممىۋى قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەيدانىنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك، رەھبىرىي كادىرلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە باشلامچىلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئابستراكىت ئەمەس كونكرېت، تاللاپ ئەمەس ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشى، ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئامما ئالدىدا ئۆزىگە قانچە قاتتىق تەلەپ قويسا، خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشتە شۇنچە تەشەببۇسكار بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يولداش ئابلېلىم بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

     ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلىشنى پائالىيەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى قىلىپ، ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغاپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى يول››، ‹‹ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە›› مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

     پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تارىختىن تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۈلگىلەرنىڭ جىسمىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش، ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter