Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتى

مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتى

2014-07-23 11:52     كۆرۈلۈشى: 1216 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جاڭ چۈنشيەن: مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىنى  ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق  خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى 7- ئىيۇل چۈش....

جاڭ چۈنشيەن: مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىنى

 ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق

 خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى 7- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

     ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك

     بۈگۈن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنىڭ 77 يىللىق خاتىرە كۈنى. چۈشتىن بۇرۇن پايتەخىتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا يىغىلىپ، داغدۇغىلىق خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى باشلانغاندا، جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئالاھىدە بىر كۈندە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتىلىغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەيسەر، ئېگىلمەس – سۇنماستەك ئېسىل خىسلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش ئىرادىمىزنى، توختىماي ئىلگىرىلەشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى كۆزلەپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

     مۇقىم ئايلىنىش، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاش كېرەك

     يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەھلىل قىلىنغان دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون ‹‹مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش›› ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نۇقتا قىلىپ، ‹‹ئىسلاھاتتا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن كۈچ توپلاش›› تېمىسىدىكى پائالىيەتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى تۇتۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىش، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا خەۋپسىرەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، يېزا ئىگىلىك

     ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت، ئىقتىساد، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمەن تەكشى بولدى. قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمى تېزلىشىپ، مالىيە كىرىمى، توك ئىشلىتىش، يەرلىك سانائەت، ئۆي – زېمىنغا مەبلەغ سېلىش، بىناكارلىق، قەرز قالدۇقى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىنىڭ تەسىرىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، مەبلەغ سېلىش، ئىچكى – تاشقى سودا قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستىلاپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلىدى، ئىستېمال بازىرىدا ئىستېمال سۇسلاشتى، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قەرز قالدۇقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى چېكىندى، تۆمۈريولدا توشۇلغان يۈكنىڭ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازايدى.

     ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، يېڭى ۋە نورمال ھالەت بارلىققا كەلدى. بىز مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى چۈشىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا، خەۋپ – خەتەرنىمۇ ئويلاپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىككى قولدا تۇتۇش ئىدىيەسى بولۇش، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بىر خىل خاھىش ئارقىلىق يەنە بىر خىل خاھىشنى يوشۇرماسلىقىمىز كېرەك. ئالدىنئالا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئالدىنئالا پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا ھەقىقىي تەشەببۇسكار بولۇشىمىز كېرەك.

     ئىشەنچى چىڭىتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇپ، خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىپ، ئاساس سېلىش كېرەك

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىشەنچنى چىڭىتىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش ۋە ئاساس سېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى باش نىشان يەنىلا ‹‹مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش›› بولۇپ، مۇقىملىق، ئىلگىرىلەش ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننى ئۆزگەرمەسلىك. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:

     بىرىنچىدىن، يېڭى، نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭغا قويۇلىدىغان قاتتىق تەلەپ شۇكى، ھازىرقى باسقۇچتا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويماسلىق. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككى چاقنى تەڭ ئايلاندۇرۇش كېرەك؛

     ئىككىنچىدىن، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك؛

     ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىقىش يولى تېپىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشى كېرەك. يىلنىڭ بېشىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىلىرىنى بىر – بىرلەپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسلاھ قىلىش، ھەقىقىي ئىشلەش كېرەك؛

     تۆتىنچىدىن، مۇھىم تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەر بىلەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈم يارىتىش كېرەك؛

     ئالتىنچىدىن، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛

     يەتتىنچىدىن، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشى باشلاش كېرەك.

     سەككىزىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى كۈچەپ تېزلىتىش كېرەك.

     توققۇزىنچىدىن، ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكار بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     ئونىنچىدىن، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مالىيە كىرىم – چىقىمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتىنى ئازايتىش، كۆپەيتمەسلىك، زور مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنى تىزگىنلەش كېرەك.

     جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ مەركەزنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇلغان كونكرېت تەلەپ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتا، مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پايدىلىق ئېگىزلىكنى ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇھاكىمە قىلىپ، نۇقتىلىق شەھەر ۋە مۇھىم تۈرلەرنى تايانچ قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم تۈرلەر سېلىنمىسى ۋە قۇرۇلۇشى، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار لايىھەلەشنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئېچىۋېتىش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىدا ئاممىغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، تەستىق تۈرلىرىنى ئازايتىپ، ئىقتىسادىي مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. بىر زاۋۇتتا بىر سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

     خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     يىغىندا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

     نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter