دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ
كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرايلى
جاۋ شىيا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئۆتكۈزگەن ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ››، دېگەن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن سەپسەتىگە رەددىيە بېرىش سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئىدىيە تونۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقىلشىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىڭ لىچىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا مەكتىپىمىز ‹‹مەكتەپنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئۆتكۈزگەن ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ مەزمۇنىنى تەشۋىقات مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئاڭلىق قوغداشقا دەۋەت قىلدۇق. دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى دادىللىق بىلەن توسۇشىمىز ۋە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قانۇنچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان خانقىز ئابلەت مۇنداق دېدى: زوراۋان – تېررورچىلار دىن تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرگە مۇخالىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلدى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھەرىكىتىمدە كۆرسىتىمەن.
ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇرات باقاي مۇنداق دېدى: مەكتەپ ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىدىغان سورۇن، ئىلمىي ئاتېئىزمنى تارقىتىدىغان بازا، ئىستۇدېنتلار قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان ئېلىمىز ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپى بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇپ، مەكتەپلەردە دىنىي پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىش، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش، دىنىي كوللېكتىپ ۋە تەشكىلات قۇرۇشنى چەكلەش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ۋە تەشكىللەپ قاتناشتۇرۇشنى چەكلەش، نوقۇل دىنىي تۈس ئالغان كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى، سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەكتەپنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى نۇقتىلىق تارقىتىدىغان ئورۇن قىلماقتا، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
بۇ مەكتەپنىڭ سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى بوغالتىرلىق ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئالىيە ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. بۇ مىللىي مەسىلە ياكى دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن پارچىلاش غەرىزىدە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى قوغداش بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش غەرىزىدە بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى ھايات – ماماتلىق ئېلىشىشتۇر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى خىمىيە ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىسران خۇرسەن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، توغرا ئىدىيە ۋە ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي نەزەرىيەلەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، توغرا ئىدىيە بىلەن كاللىمىزنى ئۆزلۈكسىز قوراللاندۇرىشىمىز كېرەك. كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللەتلەر، دىن تارىخىنى ئۆگىنىپ، ‹‹شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى››، ‹‹شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تاشقىي دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇش، ئورتاق جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئورتاق ئېچىپ قۇرۇشتىن كەلگەن تارىخ›› قاتارلىق توغرا ئىدىيەلەرنى مۇستەھكەم تىكلىشىمىز كېرەك.