دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ
15 تۈرلۈك ئىپادىسى
1. ئاللادىن باشقا ھېچقانداق ئادەمگە ئىتائەت قىلماسلىقنى تەرغىب قىلىش، ئاشكارا ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى بۇرمىلاش ۋە ھاقارەتلەش، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كېنىشكىلەرنى بۇزۇۋېتىش.
2. قارىغۇلارچە «ھالال» ۋە «ھارام»غا ھۆكۈم قىلىپ، ھالال ۋە ھارامنى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە ئاپىرىش. مەسىلەن: ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن ئۆيلەر «ھارام»، مەكتەپلەر «ھارام»، ھۆكۈمەت بەرگەن ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى «ھارام»، تارقىتىپ بەرگەن پۇللارمۇ «ھارام» دەپ تەرغىب قىلىش، ئىچكىرىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى «ھارام» دەپ تەرغىب قىلىش قاتارلىقلار.
3. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ۋاستىللىرىنى بۇرمىلاش ۋە ئىنكار قىلىش، «تېلېۋىزور كۆرمەسلىك، رادىئو ئاڭلىماسلىق، گېزىت – ژۇرنال كۆرمەسلىك» نى تەرغىب قىلىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.
4. دىننى قوغداشنى باھانە قىلىپ، كىيىنىشى مودا بولغان ئاممىنى ئارقىسىدىن قوغلاش، ھاقارەتلەش، قورقىتىش ۋە ئۇرۇش.
5. «كاپىر»، «دىنىي خائىن»، «مىللىي مۇناپىق» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما، پارتىيە ئەزالىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھاقارەتلەش، چەتكە قېقىش.
6. توي مۇراسىمىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇبارەكلەش ئادەتلىرىگە ئارلىشىپ، ئۇلارنىڭ توي كۆينىكى كىيىشىگە، توي ماشىنىلىرىنى بېزىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش؛ دەپنە ئىشلىرىنى بىجىرىشكە توسقۇنلۇق قىلىش (يىغلاش، ۋاپادارلىق قىلىش بەلگىسى، نەزرە بېرىش قاتارلىق).
7. «نىكاھ» ئۇقۇپ، ئۈستىلەپ نىكاھلىنىش ياكى ئۈچ «تالاق» شەكلى بىلەن ئاجرىشىش.
8. ئۈزىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى دەپ، باشقىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشگە توسقۇنلۇق قىلىش، باشقىلارنى مەسچىتكە كىرمەسلىككە سەپەرۋەر قىلىش؛ دىني پائالىيەتلەردە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىش؛ باشقىلارنىڭ ناتوغرا باھانىلەر بىلەن رايون ئاتلاپ مەسچىتكە كىرىشكە كۈشكۈرتۈش.
9. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ – ئادەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنى ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا، ساقال-بۇرۇت قۇيۇشقا، يۈزىنى ئوراشقا، جىلباب كىيىملىرىنى كىيىشكە مەجبۇرلاش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرلاش قاتارلىقلار. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇرئان ئۆگىنىشكە، روزا تۇتۇشقا كۈشكۈرتۈش ۋە يول قويۇش
10. ھاراق ئىچىدىغان تاماكۇ چېكىدىغان يېقىن دوسىتلىرى، ئاتا ئانىلىرى بىلەن باردى كەلدى قىلماسلىق، ھېچقانداق بىر باھانىسى يوق تۇيۇقسىزلا نورمال بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىغا قاتناشماسلىق ياكى ھاقارەتلەش، قورقىتىش، ئۇرۇپ دۇمبالاش، زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلار بىلەن باشقىلارنىڭ تاماكۇ چېكىشى ھاراق ئىچىشىنى چەكلەش، ھاراق تاماكۇ دۇكانلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش.
11. سىياسىي مەقسەتتە، ئاستىرتتىن ياكى ئاشكارا ھالدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زەربە بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا پۇل قاتارلىق بۇيۇملارنى بىرىپ ياردەم بىلەن تەمىنلەش.
12. مەشرەپ، پۇتبول تېپىش، ۋاسكىتبول ئويناش، ناخشا ئۇسۇل ئورۇنلاش قاتارلىق مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە دەخلى قىلىش؛ ئامما توپلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز «تەبلىغ» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنى تەرغىب قىلىش.
13. قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى قورقىتىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇش.
14. ئاۋازلىق سۆزلىشىش مۇنبىرى، توردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق يېڭى ۋاستىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز دىن ئۆگىتىش، قانۇنسىز «تەبلىغ» پائالىيىتى ئېلىپ بېرش، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى ياكى تېرورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى ياساش، تارقىتىش، چۈشۈرۈش.
15. باشقا دىني ئەسەبىي ئىددىيەنىڭ سىرتقى ئىپادسى گەۋدىلىك بولغانلار.