ئابان مالىتقان
ھازىر، دىن مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ سىياسىي بىردەكلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى، شۇنداقلا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان مۇھىم رېئال مەسىلىگە ئايلاندى.
دىن بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماھىيىتىدىن سىياسىي تەرتىپكە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىراق دىنغا ئالاقىدار ئامىل ۋە دىننىڭ سىياسىيلىشىش مەسىلىسى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ سىياسىي تەرتىپىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. دىنىي رادىكال كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى چەكلەش كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ سىياسىي تەرتىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رېئال تاللىشى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم سىياسىي تاللىشىدۇر. تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەت زامانىۋېلىشىش جەريانىدا سىياسىي تەرتىپنىڭ ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا دىنىي رادىكال كۈچلەر ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا دىنىي مەسىلىنىڭ سىياسىيلىشىشى ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيادىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە ھەمىشە تۈرلۈك مىللىي، دىنىي تەشكىلاتلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئادەتتە بۇ مىللىي، دىنىي تەشكىلاتلار سىياسىي خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا زور سىياسىي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ يەردىكى دىنىي ئامىل دىننىڭ ماھىيىتىدىكى دىنىي ئامىل بولماستىن، بەلكى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىل ۋە دىننىڭ سىياسىيلىشىش مەسىلىسىدۇر، ئەلۋەتتە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە داڭلىق مۇتەخەسسىس پەن جىپىڭ ئەپەندىنىڭ ‹‹مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىشىمۇ ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكمۇ؟›› ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ئەمەلىيەتتە دىن شەخسنىڭ ئېتىقادى، شەخسنىڭ خۇسۇسىي ئىشى بولسا، ئۇنداقتا بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىيسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىۋاسىتە مەسىلە ھېسابلانمايدۇ، بىراق دىننىڭ سىياسىيلىشىشى، تەشكىلىيلىشىشى مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. ناۋادا دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى دىن دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ بىۋاسىتە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىق شەكىللەندۈرىدۇ.
دىننىڭ سىياسىيلىشىش ئامىلى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىننىي سىياسىيلاشتۇرۇش مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرتىپىگە نۇرغۇن پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. شىنجاڭ بىلەن دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئامىل ۋە دىننىڭ سىياسىيلىشىش مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت سىياسىي تەرتىپىگە رېئال تەھدىت شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ تارىختىن بۇيان دىنىي مەسىلە ئەڭ مۇرەككەپ بولغان رايونلارنىڭ بىرى، ئۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم ئالامىتى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن مەسىلىسى بولۇپ كەلدى. بۇ ئىدىيەۋى ئېقىم ئوخشىمىغان تارىخىي مەزگىلدە ئوخشىمىغان مەزمۇنغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ماھىيىتى يەنىلا مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت.
دىنىي رادىكالىزم دىن تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئالدايدۇ ۋە ئازدۇرىدۇ ھەم ئىدىيەدە تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە روھىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇقكى، دىنىي رادىكال كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلار بىرلىشىپ، دۇنيا مىقياسىدا بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئىچىدە دىنىي رادىكال كۈچلەر دىن بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان رادىكالىزم بولۇپ، ئۇ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي، جەمئىيەتكە زىيان سالىدىغان ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە›› ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جاھىللىق، چەكسىز كېڭەيتىۋېتىش، بىر تەرەپلىمە رادىكاللىق، مۇتلەقلىق نۇقتىئىينەزەرى بىلەن دىننىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىنى ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئەقىلنى بوغۇش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىشتىن ئىبارەت. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق››قا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؛ دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتتە دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغان ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چاچىدۇ، ھەتتا ئوخشاش دىنىي ئېتىقادتىكى ئوخشىمىغان رايون ۋە ئوخشىمىغان مىللەت ئارىسىدا نىزا پەيدا قىلىدۇ.
20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشتى، مۇرەككەپلەشتى. مىللەت، دىن مەسىلىسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەردى، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنى ئىسلام ئەسلىيەتچى رادىكال كۈچلىرى پەيدا قىلدى. ‹‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرى دىن نامىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇندى، بۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل دىن مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ئېغىر سىياسىي مەسىلىدۇر، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. رېئاللىق بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى، شىنجاڭدىكى رادىكال ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى بولسا ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› تېررورچى كۈچلىرىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئارىسىغا سۇغۇقچىلىق سالىدىغان نەزەرىيە ئاساسى ۋە دەسمايىسىدىن ئىبارەت.
«ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ھەتتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىدىن قۇرقىدۇ. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرەش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارىسىدىكى ھايات – ماماتلىق سىياسىي كۈرەش بولۇپ، مۇرەسسەگە قىلچە ئورۇن يوق. بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان، جاپالىق، مۇرەككەپ، بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدىغان كۈرەشتۇر، بولۇپمۇ زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە بىگۇناھ ئاممىنى جىنس ۋە مىللەت ئايرىماي رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى تولۇق ئېچىپ تاشلىدى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زىيانداش، ئۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.