Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە زەربە بېرەيلى

دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە زەربە بېرەيلى

2013-10-25 6:51     كۆرۈلۈشى: 13,756 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە زەربە بېرەيلى لا دىشېڭ      ھازىر مىللىي بۆلگۈنچىلەر دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ....

دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە زەربە بېرەيلى

لا دىشېڭ

     ھازىر مىللىي بۆلگۈنچىلەر دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە ئېغىر خەۋپكە ئايلاندى. بۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىكى ئەڭ يېڭى ھالەت، بىز جەزمەن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

(Ⅰ)  

     دىنىي ئەسەبىيلىك نۆۋەتتە دۇنيا سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك ھادىسە. دىن ئەسەبىيلىرى جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي شەكىل (بايراق، شۇئار، بەلگە قاتارلىقلار) دىن پايدىلىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بەزى گورۇھلارنى تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. دىنىي ئەسەبىيلىك دىن ئەمەس، بەلكى دىنغا يات ئىدىيە، ئۇنىڭدا ئەسلىدىكى دىنىي ئەقىدە بۇرمىلانغان، دەپسەندە قىلىنغان، ئۇنىڭ مەقسىتى، ئىدىيەسى، تەشەببۇسى، تەشكىلىي شەكلى، پائالىيەت ئۇسۇلى، ھېس – تۇيغۇسى ئەسلىدىكى دىنىي كاتېگورىيەدە ئەمەس، ئۇ ئەسلىدىكى دىننىڭ ئىززەت – ئابرۇيى ۋە نوپۇزىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. لېكىن، دىن ئەسەبىيلىرى يەنىلا دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، ئېتىقاد ۋە ھەرىكىتىنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، دىننى سىياسىلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ، جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە مۇلازىمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، دىنىي ئەسەبىيلىك دىن ئەمەس، بەلكى دىنغا يات ھادىسە.

     شىنجاڭدىكى دىن ئەسەبىيلىرى دىننى دەستەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرىدىغان، ھازىرقى ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي كۈچلەردۇر. ئۇلار ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈش، دىننى سىياسىلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ھۆكۈمەت، ھەر قانداق كىشىگە بويسۇنمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دىندىن خالىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت قۇرۇپ چىقىش. ئۇلار دىندىن خالىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، دىننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ھەدىس›› نى بارلىق نەرسىلەرنىڭ توغرا – خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئۆلچەم دەپ قارايدۇ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە، ھەر قانداق زامانىۋى مەدەنىيەتكە قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار ‹‹غازات›› قىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئاغدۇرۇش، ئۆزلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ھەر قانداق كىشىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ‹‹غەيرىي دىندىكىلەر تەلىماتى›› نى تەرغىپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە تەشەببۇسىغا قوشۇلمايدىغان بارلىق كىشىلەرنى غەيرىي دىندىكىلەر، دىندىن يۈز ئۆرىگەنلەر، دەپ قارايدۇ ھەم ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇپ زەربە بېرىدۇ، ھەتتا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرىدۇ.

     شىنجاڭدا دىن ئەسەبىيلىرى، زوراۋان تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىرلەشكەن، ئۇلار مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىكنى مەنىۋى يېتەكچى، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ھەرىكەت شەكلى قىلغان. بۇ يىل يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن قارىغاندا، دىن ئەسەبىيلىرى، زوراۋان تېررورچىلار ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ساياھەتچىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلاندى. شۇڭا، ھازىر دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە تەھدىت بولۇپ قالدى.

(Ⅱ)

     دىن ئەسەبىيلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، دىن تەلۋىلىكىنى، ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

     ھازىر ئۇلار بۇ غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى ئۆزلىرىگە مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىشنى دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا باغلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك تەرغىپ قىلىنغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە خىلاپ بەلگىلىمىلەرنى تۈزدى. ئۇلار ھۆكۈمەتكە بويسۇنماسلىق، توي خېتى، كىملىك، خىزمەت كېنىشكىسى ئىشلەتمەسلىك، دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، بېرىش – كېلىش قىلماسلىق، قۇدىلاشماسلىق، ئۆلۈم پەتىسى قىلماسلىق، مەسچىتلەردىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ تەفسىرلىرىگە قۇلاق سالماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھۆكۈمەت بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاخۇنلىرى، دەپ قارىلىدى. ھەج قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز، مۇسۇلمانلار جەزمەن ھەج قىلىش كېرەك، دەپ جار سالدى. كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىشىغا، ھەتتا توي مۇراسىملىرىدىمۇ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناشقا يول قويمىدى، كىشىلەرنىڭ قانداق كىيىنىش، قانداق ياسىنىش، قانداق غىزالىنىشىغا دىنىي ئەسەبىيلىك نۇقتىسىدىن چەك قويدى. ھەتتا خەنزۇلار ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقنى يېيىشكە بولمايدۇ، تىككەن كىيىملىرىنى كىيىشكە بولمايدۇ… دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى. يېمەكلىككىلا ئەمەس، ھەتتا دورا، گىرىم بۇيۇمى، كىيىم – كېچەكلەرمۇ ‹‹مۇسۇلمانچە›› بولۇشى كېرەك، دېدى. ئۇلار مۇشۇنداق تەشۋىقات ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى چەكلىدى، كىشىلەر دىنىي ئەسەبىي تەشۋىقاتلارنى ئىسلام دىنىدىكى بەلگىلىمىلەر دەپ خاتا چۈشەندى، نەتىجىدە، جەمئىيەتتە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن دېرەك بېرىدىغان نەرسىلەر كۆپىيىپ، بىنورمال دىنىي كەيپىيات قويۇقلاشتى.

     دىن ئەسەبىيلىرى دەل مۇشۇنداق شەكىل ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دىننى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردىن كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىدە بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، دىن ئەسەبىيلىرى دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، سىياسىي بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بۆلگۈنچىلەردۇر.

    (Ⅲ)

     دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دىننىڭ كەڭ قورساق بولۇش تەشەببۇسىغا پۈتۈنلەي خىلاپ. دىنىي ئەقىدىلەرگە تېخىمۇ خىلاپ، ئۇلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن دىننى خالىغانچە بۇرمىلىغان، ئۆزگەرتكەن.

     دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ھازىرقى ھەرىكەت ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئۇلار ھەمىشە دىنىي سالاھىيەتكە ئىگە شەخس ۋە گۇرۇھ – تەشكىلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاندىن دۆلەتنى پارچىلاش رەزىل نىيىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنىدۇ، ئۇلار دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى قۇترىتىدۇ، مەخپىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلايدۇ، ئاندىن تايانچ كۈچ، ئاساسلىق ئەزالار، ئەگەشكۈچىلەرنى توپلايدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىدۇ، بۇرمىلانغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە ماس كېلىدىغان، ئەسەبىي سەپسەتىلەرنى تەرغىپ قىلىپ، ئەزالىرىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، بارلىقىنى بېغىشلاشقا قۇترىتىدۇ. بۇنداق سەپسەتىلەر ناھايىتى ئالدامچىلىق تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. دىن ئەسەبىيلىرى رەزىل غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، تايانچ كۈچلىرى، ئەزالىرىنى چەكلەيدىغان تەشكىلىي سىستېما ۋە ئىدىيە، ئىنتىزام ئورنىتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى تەشكىلات، شەخس، روھىي جەھەتتىن تىزگىنلەپ بويسۇندۇرىدۇ، ئىتائەت قىلدۇرىدۇ، روھىي جەھەتتىن بېقىندۈرىدۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. دىن ئەسەبىيلىرى رەزىل ھەرىكەتلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، سودا، ئىئانە توپلاش قاتارلىق شەكىللەردە مەبلەغ، ياردەمگە ئېرىشىپ، بۇنى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىراجىتى قىلىدۇ. دىن ئەسەبىيلىرى مۇشۇنداق ئاساسىي شارائىتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، دىننىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، نۇقۇل سىياسىي تۈسكە ئىگە قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىدۇ.

     دىننىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىدىكى شەخسلەر ياكى گۇرۇھلار ئۆزگەرتىۋەتتى. دىن ئەسەبىيلىكىنى تەرغىب قىلغۇچىلار، تەشكىللىگۈچىلەر، شۇنداقلا تايانچ كۈچلەرمۇ ئادەتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار دىنغا ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، ئۇلار باشقا مەدەنىيەتنى، باشقا دىندىكىلەرنى، ئەسەبىي ئىدىيەگە ئىشەنمەيدىغان ئاممىنى مۇتلەق چەتكە قاقىدۇ، باشقا مەدەنىيەتنىڭ، باشقا ئېتىقادتىكىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار باشقا مەدەنىيەتكە، باشقا ئېتىقادتىكىلەرگە قەبىھ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكى، تەلۋىلىكى ۋە شەپقەتسىزلىكى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ.

     دىن ئەسەبىيلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان رەزىل كىشىلەردۇر. بىز جەمئىيىتىمىزدىكى بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى جەزمەن تۈپ يىلتىزىدىن تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter