ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «تۆتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش›› نى ئىشقا ئاشۇرايلى

«تۆتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش›› نى ئىشقا ئاشۇرايلى

2013-10-14 6:47     كۆرۈلۈشى: 1102 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «تۆتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش›› نى ئىشقا ئاشۇرايلى  (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)      مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە....

«تۆتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش›› نى ئىشقا ئاشۇرايلى

 (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

     مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىر قولدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى، يەنە بىر قولدا مۇقىملىق ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

     يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى .ھازىر ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، تەشۋىقات–ئىدىيە ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچلارنى زىممىسىگە ئالغان. يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا–ئىدىيە تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى جەزمەن ئومۇمىيەت خىزمىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتلەرنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

     يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىنغان جانلىق ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىنغان تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك، قوشۇلغان، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە نامايان قىلىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

     يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتكۈرلۈكىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.

     يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملارغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قوشۇننىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىدىكى ئاجىز ھالەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. خىزمەتلەرنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بويىچە ھەم ئىجادىي كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ