ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى

كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى

2013-10-13 6:44     كۆرۈلۈشى: 1199 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى (2013–2017)›› نى ئېلان قىلدى      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹مەملىكەت بويىچە ....

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش

يىرىك پىلانى (2013–2017)›› نى ئېلان قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى (2013 – 2017)››نى ئېلان قىلدى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

     «يىرىك پىلان››دا مۇنداق دېيىلدى: كادىرلارنى تەربىيەلەش يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە.

     تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قانداق كادىرلارغا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنداق كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ كادىرلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشتە نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ مەزمۇندا تەربىيەلەش كېرەك؛ كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى ئومۇميۈزلۈك تەلەپلەرنى ئوخشىمىغان قاتلام ۋە خىزمەت ئورنىدىكى كادىرلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؛ كادىرلارنىڭ نەزەرىيە بىلىمىگە تايىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، سان ۋە سۈپەت، كۆلەم ۋە ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

     كادىرلارنى تەربىيەلەش پىلانىدا مۇنداق ئىككى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، كادىرلارنىڭ غايىسى ۋە ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، خىزمەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە جۇڭگوچە كادىرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

     «يىرىك پىلان››دا يەنە تەربىيەلەشنىڭ سانلىق كۆرسەتكۈچى ۋە سۈپەت تەلەپلىرى بېكىتىلدى.

     «يىرىك پىلان››دا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش بېكىتىلدى:

(1) ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى.

(2) جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى.

(3) پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى ۋە پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى تەربىيەسى.

(4) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى.

(5) ئىلمىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەربىيەسى.

(6) بىلىم تەربىيەسى.

     «يىرىك پىلان››دا يەنە تەربىيەلەش ئوبيېكتى، تەدبىرلەر، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش قاتارلىقلار تەپسىلىي بەلگىلەندى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ